ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئۇرۇش ئوتى 120 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر نوقۇل ھەربىي ۋاستىغا تايىنىپلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاماس قوراللىق كۈچلىرىنى ئۈزۈل كېسىل بىتچىت قىلىشنىڭ تەسلىكىنى، خاماس تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. دۆلەت ئىچىدە تۇتقۇنلارنى تېزدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەر كۈنى زۇڭلى مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى، ھەتتا بىر مەھەل ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن قوش بېسىم ئالدىدا،
زۇڭلى نىتانىياخۇ بىر تەرەپتىن ئاخىرغىچە ئۇرۇش قىلىش، مەقسەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۇزۇنغىچە نەتىجىسىز بولۇشى سەۋەبىدىن كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىشنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئىسرائىلىيە تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى ئاي ئۇرۇش توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ تەكلىپ خاماسقا نىسبەتەن ناھايىتى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. نەچچە ئاي كەسكىن ئېتىشىش ئارقىلىق، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. خاماس گەرچە قەيسەر قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي كۈچ پەرقى چوڭ، نۇرغۇن مۇھىم ئەسلىھەلەر ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشلار ۋەيران بولدى،
شۇڭا بىر دەم ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خاماس ئۇرۇش توختىتىشنى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھازىر ئىسرائىلىيە تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ خاماسقا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەت، ئۇلار ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارزۇسىنى ئاز ئۇچرايدىغان ئىپادىلىدى. گەرچە ئىككى تەرەپ بىر قىسىم ئاكتىپ سىگناللارنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى يەنىلا زور، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خاماسنىڭ ھەربىي كۈچىگە داۋاملىق زەربە بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتۇپ قېلىنغان تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تۇتقۇن دەل خاماسنىڭ قولىدىكى ئەڭ قىممىتى بار چەك،
ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ نىشانىدا پەرق چوڭ، سۆھبەت جەريانى چوقۇم جاپالىق ھەم ئەگرى - توقاي بولىدۇ. نىتانىياخۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەب ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ناچار ئىپادىسى. توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەركەزلىك ئاشكارىلاندى. ئۇلار غەززە شەھەر رايونىدا ئۇرۇش قىلغاندا ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، خاماسنىڭ پارتىزانلىق تاكتىكىسى ئارقا - ئارقىدىن ۋىجىك بولۇپ قالدى، ئادەم ۋە قورال - ياراغلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى سىرتتىكىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى كوزىر قىسىملار، مەسىلەن،36 - دىۋىزىيە، شىر بالىلىرى برىگادىسى ۋە ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ھەممىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن ئالدىنقى سەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
بۇ خەۋەر ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كېلىپ، كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش پايدىسىز بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە بىۋاستە داۋالغۇش پەيدا قىلدى.
نىتانىياخۇ بىلەن ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاشكارىلاندى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئىشتاب باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە لىڭتاسمىلىق قىلىپ، ئارمىيەنىڭ پۇت - قولىنى چەكلەپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئەمما نىتانىياخۇ قاتتىق قوللار ئوفىتسېرلىرىنى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ لىۋان، سۈرىيەگە بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ چاغدا ئىككى ئاي ئۇرۇش توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىلىيەگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېسىمنى يەڭگىللەتكەندىن باشقا، نىتانىياخۇ يەنە ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ، ئامېرىكا چوڭ
سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئايدىڭلىشىشىنى، تىرامپتىن ئىبارەت ئىسرائىلىيەگە يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى كۈتۈشى مۇمكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشتا، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق سىياسىي ئىستىقبالىنى دوغا تىكتى. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، نەچچە ئاي جاپالىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئىچكى قىسىمدىكى خەلق ئاممىسى ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە، خەلقارا جەمىيەتنىڭ بېسىمىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا، بەزى دۆلەتلەر ھەتتا ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى ئاي ئۇرۇش توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەقىبىنى بىراقلا يوقىتىشقا تولۇق ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.