«قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ» نېمىشقا بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ؟

科技   2024-08-31 18:12   新疆  

   دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى ئويۇن  «قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ» پۈتۈن يەر شارىنى لەرزىگە سالدى، نۆۋەتتە دۇنيادا قىزىق نوقتا تېزىملىكىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. «قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ»بىر ئويۇنلا بولماستىن ، بۇ ئويۇننىڭ مۇۋەپپىقىيتى دۆلىتىمىز ئويۇن مەدەنىيتىنىڭ باش كۆتۈرۈش بۇسۇغىسى ھېسابلىنىدۇ . 

   8-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىقىلغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى A 3 ئويۇنى «قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ»پۈتۈن يەر شارىدا ماس قەدەمدە تورغا چىقىرىلدى. تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇ ئويۇن تېز سۈرئەتتە دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلىش تىزىملىكىدە  بېشىدا تۇرىدۇ. «قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ» بىر كۈندىلا  4 مىليون 500مىڭ قېتىمدىن  ئارتۇق سېتىلغان ،نۆۋەتتە ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن،ئىككى كۈندىلا بۇنداق غايەت زور سېتىلىش دۇنيا مىقياسىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇيۇن بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغان ئ‍ادەم سانى تىزىملىكى تارىختا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ،  توردىكى ئوينىغۇچىلار ئەڭ كۆپ ھەق تۆلەپ سېتىۋېلىش رېكورتىنى ياراتقان بۇ ئويۇننى ياساپ چىقىشقا  يەتتە يىل ئەجىر كەتكەن، كىچىك كوللېكتىپ ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەرنى كەينىگە سېلىپ قويغان. بىر توپ ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر قىزغىن مۇھەببىتى ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ئارقىلىق «كىچىك ھەم ئاددى»بولۇشنىڭ دۇنيانى تەۋرىتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مېنىڭچە «قارا رىۋايەت:ۋۇكۇڭ»سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ياخشى ھېكايە مەڭگۈ يەردە قالمايدۇ، بۇ يەردە تېخنىكا پەقەت ھېسسىياتنىڭ ۋاسىتىسى، ھەقىقىي سېھرىي كۈچ قەلبكە تەسىر كۆرسەتكەن دەقىقىلەردە.





 最新文章