[ مۇسابىقە ھەققىدە چۈشەنچە ]
ئوينايدۇ ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق پۇتبولچى بەھرام ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار ئېلان قىلىندى ، بەھرام ئابدۇۋەلى ئاساسلىق ئەزالار سەپ شەكلىگە تاللاندى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 دە ئوينىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشتىكى ئىشىك بېلىتىنى تالىشىش ئالدىدا، بەھرام تولۇق ئىشەنچكە تولدى، ئۇ ھەرقانداق رەقىبتىن قورقمايدىغانلىقىنى، غەربىي ئاسىيا كوماندىلىرى بىلەن يەكمۇ-يەك قارشىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ مۇسابىقە 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە ئەلكۈيى كىنو دىتالى ۋە ئەلكۈيى سالونىدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.
ئىلىمىز جۇڭگونىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار:
ۋاراتار:14-ۋاڭ دالېي
ئارقا مۇداپىئەچى:2-جياڭ گۇاڭتەي، 3-گاۋ جۈنيى، 4-لى لېي، 5-جۇ چېنجيې
ئوتتۇرا مەيدان:16-جياڭ شېڭلۇڭ، 20-شيې ۋېننېڭ، 21-لى يۈەنيى، 23-بەھرام
ھۇجۇمچى:7-ۋۇ لېي، 17-فېر نەندو
دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالىرى:1-يەن جۈنلىڭ، 12-ليۇ ديەنزو، 6-ۋاڭ شاڭيۈەن، 8-خۇاڭ جېڭيۈ، 9-جاڭ يۈنىڭ، 10-شيې پېڭفېي، 11-لىن لياڭمىڭ، 13-شۈ خاۋياڭ، 15-ياڭ زېشياڭ، 18-خەن پېڭفېي، 19-چېڭ جىن، 22-ئالەن
سەئۇدى ئەرەبىستانى تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار :
ۋاراتار:21-مۇھەممەد-ئوۋىس
ئارقا مۇداپىئەچى:4-ئەلى راجامى، 12-سەئۇدى ئەرەبىستان-ئابدۇلخامىد، 17-ھاسان-تامبادى، 14-خاسان-كادىش
ئوتتۇرا مەيدان:8-ئابدۇللاخ-مالكى، 13-ناسىر-دوسالى، 23-مۇھەممەد-كانو
ھۇجۇمچى:9-فىلاس-برايكان، 10-سالىم-دوسالى، 20-ئابدۇللا-قامدان
سەئۇدى ئەرەبىستان زاپاس ئەزالىرى:1-مۇھەممەد-يامى، 22-ئەخمەد-كاسار، 2-سۇلتان-گەننەم، 3-ئوئىن-سالولى، 5-ماشال-سىبىيانى، 6-مۇسابۇ-جۇۋاھىر، 7-مۇختار-ئالى، 16-فېيسار-جامدى، 11-سالىھ-شەخىر، 15-مۇھەممەد-مالەن، 18-ئابدۇللاھمان-جارىب، 19-فاخېد-مۇۋاللاد
گەرچە ئىلىمىز كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندا ياپونىيەگە 7-0 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر ئەزەلدىن خىرىستىن قورقۇپ قالمايدۇ،بىز بەھرامنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشىنى دۆلەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز
ئالدىنقى ياپونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ھۇجۇمچىلاردىن ۋۇ لېي بىلەن جاڭ يۈنىڭ ئىككىيلەن نۆل مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىغا ئىگە مۇسابىقە ئوينىدى، گەرچە 60 مىنۇتتا بەھرامنى مەيدانغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ماسلىشىش يىتەرلىك بولمايدۇ قالدى، شۇڭا سەئۇدى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئىۋانكوۋىچ فىرناندو بىلەن ئالەن، بەھرام قاتارلىق ئەزالارنى ئاساسلىق سەپ شەكلىگە تاللاپ تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چۈشۈرۈلدى، ئارقا بەل ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىمىزنىڭمۇ ئىپادىسى بىراقلا ياخشى ئەمەس، شۇڭا بۇ قېتىم ئاساسلىق سەپ شەكلىدە چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ دالېينىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىۋانكوۋىچ يەن جۈنلىڭنى تۇنجى ۋاراتارلىققا قويىشى مۇمكىن. ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان بۇ مەيدان مۇسابىقە يەنىلا قاتتىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشسا، ئۇنداقتا دۆلەت كوماندىمىزنىڭ مەشقاۋۇلى ئىۋانكوۋىچ ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن.ئۇنداقتا بۇ قېتىملىق ئىلىمىز جۇڭگو كوماندىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىش بىلىتىنى تالىشىش جېڭى قانداق نەتىجىدە داۋام قىلىدۇ؟ جۇڭگو شىنجاڭلىق پۇتبولچى بەھرام مۇسابىقىدە تۆھپە يارىتالامدۇ؟ بىز ھەممەيلەن بۇ نوقتىلارغا كۆز قارشىمىزنى يوللىغاچ ، يانفۇنىمىزغا ئەلكۈيى كىنو دىتالىنى قاچىلاپ ياكى ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە تەييار بولايلى !
مۇسابىقىنى يانفۇنىڭىزغا ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ ، ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگەن ھالەتتە كۆرۈشنى ئونۇتماڭ !
爱酷艺Alkuyi公众平台
يانفۇنىڭىزغا ئەلكۈيى كىنو فىلىم ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ كۆرسىڭىز