[ مۇسابىقە ھەققىدە چۈشەنچە ] بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18:35 دە، جۇڭگونىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن توكيودا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش بىلىتىنى تالىشىش جېڭى ئوينايدۇ.
ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز مۇسابىقە كۆرۈش بېتىگە كېرەلەيسىز
شىنجاڭلىق پۇتبولچى بەھرام بۇ مۇسابىقىدە ئاچقۇچلۇق شەخس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! ياپونىيە تاراتقۇلىرى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قىممىتى ياپونىيە كوماندىسىدىكى بىر ئارقا مۇداپىئەچىگە يەتمەيدۇ دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى ، بۇ مۇسابىقە ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ، ئاستىدىكى رەسىمنى باسسىڭىز بىۋاستە تارقىتىش قانىلىغا كېرەلەيسىز
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىششتىكى ئاسىيا رايونىدىكى 18 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن 18دە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىزنىڭ رەقىبىمىز دۇنيا پۇتبولچىلىدىقى كۈچلۈك دۆلەت ياپونىيە كوماندىسى. بۇ قېتىملىق تېخنىكا بىلەن ئىرادە جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىشتا، شىنجاڭدىن تاللانغان دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى چولپىنى – بەھرام ئابدۇۋەلى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن! گەرچە ياپونىيە تاراتقۇلىرى ئىلىمىز جۇڭگو كوماندىسىغا سەل قاراپ ، جۇڭگو كوماندىسىدىكى پۈتۈن توپچىلارنىڭ قىممىتى ياپونىيە كوماندىسىدىكى بىر ئارقا مۇداپىئەچىگە يەتمەيدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ ،بىز بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، شىنجاڭلىق توپچى بەھرامغا جۈملىدىن ئىلىمىز كوماندىسىغا چەكسىز زور ئۈمىد باغلىدۇق، ئۈمىدىمىز شۇكى، بەھرامنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشتا، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىكى ئۆتكۈر شەمشەرگە ئايلىنىپ ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز مۇسابىقە كۆرۈش بېتىگە كېرەلەيسىز
دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يارىلىنىش ۋە كېسەل بولۇش مەسىلىسى كوماندا يۈزلەنمىسە بولمايدىغان خىرىسقا ئايلاندى. جاڭ يۈنىڭ يارىلانغانلىقى ۋۇ لېينىڭ يالغۇز مەشىق قىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى، بۇ بەلكىم دەل بەھرامنىڭ سەھنىدە چاقنايدىغان ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇشى مۇمكىن. بەھرام ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ مەيداندىكى قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى ۋە قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ، ئىۋانكوۋىچنىڭ تاكتىكا سىستېمىسىدا ئاساسلىق ئەزا ئورۇننى ئىگىلىشى مۇمكىن.
مەيداندا كۈچلۈك قارشىلىشىشقا ماھىر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەھرام ئۆزىنىڭ ھارماي يۈگۈرۈش ۋە ۋارتا ئالدىدا كۈچلۈك قارشىلىشى ئىقتىدارى بىلەن رەقىبى، مۇداپىئەچىنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلاندى. ئەگەر ئىۋانكوۋىچ 442 سەپ شەكلىنى قوللىنىشنى قارار قىلسا، ئۇنداقتا بەھرامنىڭ ھەمراھى مەيلى ۋاراتاغا دەل جايىدا توپ ئۇرىدىغان ئالان بولسۇن ياكى سۈرئىتى ناھايىتى تېز فىرناندو بولسۇن، ھەممىسى كوماندىنىڭ ئالدىنقى مەيدان ھۇجۇمىغا چەكسىز ئىمكانىيەت قوشىدۇ. دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيەگە ئاتلىنىشىدا، گەرچە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئەترەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىسى كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.
بارلىق توپ مەستانىلىرى، دوستلار، بىز بىرلىكتە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا مەدەت بېرىپ، بۇ تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولايلى! مۇسابىقىنى يانفۇنىڭىزغا ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ ، ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگەن ھالەتتە كۆرۈشنى ئونۇتماڭ !
ئاستىدىكى چۈشۈرۈش بېتىنى ئېچىپ، ئەپنى قاچىلاش دېگەننى باسسىڭىزلا بولىدۇ
爱酷艺Alkuyi公众平台
يانفۇنىڭىزغا ئەلكۈيى كىنو فىلىم ئەپ دىتالىنى قاچىلاپ كۆرسىڭىز