دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى: بۇ دورىنى ئىمپورت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ
دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىللىق دورىنى چېگرا سىرتىدا تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى كورېيە DAEWOONG BIO INC. ئوكۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سېرفادىزىن ناترىي (ئىنگلىزچە نامى: Cefodizime Sodium for Injection؛ رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامە نومۇرى: دۆلەت دورا تەستىق نومۇرى HJ20160445، دۆلەت دورا تەستىق نومۇرى HJ20160446؛ ئىشلەپچىقىرىلىش ئادرېسى: 244,Galmachi-ro,Jungwon-gu,Seongnam-si,Gyeonggi-do,Korea) چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
يېقىندا، بۇ كارخانا تەلەپ بويىچە نەق مەيداننى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى يازما بىلدۈردى، يۇقىرىقى قىلمىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى»، «دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرا سىرتىدا تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە خىلاپ، دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى «تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ ھۆكۈم قىلدى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 99-ماددىسى، «دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرا سىرتىدا تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ 30-ماددىسى قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈندىن باشلاپ DAEWONG BIONC نى ئىمپورت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. ھەرقايسى پورتلار تۇرۇشلۇق جايدىكى دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى تارقىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، تۇرغۇن ئابلىز
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت