شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىغا دىققەت!

文摘   2024-10-18 22:01   新疆  

10-ئۆكتەبىر كېچىدىن 11-ئۆكتەبىر كۈندۈزگىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4-5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا  7-8 بال شامال چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

11-ئۆكتەبىر كېچىدىن 12-ئۆكتەبىر كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايون، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ؛ بۇ قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالغا يېتىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ.

pasibann
你好。欢迎
 最新文章