دادامنى قان يىغلاتقان تۇرمۇشۇم؟ ئاياللارھېيلسى114-قسم

文摘   2025-01-09 21:07   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم


--ئىرىشات ئوغلۇم،نەدىسەن؟

-مەن ئازراق بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىققانتىم دادا،قانداق ماڭا تاپىلايدىغان بىرەر مۇھىم ئىش بارمىدى؟-ئىرشاتنىڭ بۇرۇنقىدەكلا سىلىق تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپ،تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئىبراھىمدىن زەخمىلەنگەن قەلبى سەل ئىللىغاندەك بولدى.

- ۋاقتىڭ بولسا،ئىشخانامغا بىر كىلىپ كىتەمسەن؟-

-ماقۇل دادا،مەن ھازىرلا شىركەتكە قايتاي-

-توختاپ تۇر-دىدى تۇرغۇن مۇدىر تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك بولۇپ-ئۇدۇل داچىغا بار،كۈتۈپخانامدا كۆرۈشەيلى-

-كىتىڭ دىگەندىن كىيىن كەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟نىمىشقا مىنىڭ ئىشىمنى بۇزىسىز؟- مۇرات رەھىمەنى سالامەت ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى، شۇنچىۋالا تەييارلىق قىلىپ ئاران دىگەندە ۋۇجۇدقا چىقارغان پىلانىنىڭ مۇشۇنداقلا سۇغا چىلاشقانلىقىغا ئىچى ئاچچىق بولغان رەھىمە مۇراتنى ھېچبىر كۈچۈرىۋىتەلەيدىغاندەك قىلمايتتى.

-سىز يالغۇز نىمىش قىلالايتىڭىز رەھىمە،مىنىڭ سىزنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن رەھمەت دىسىڭىز بولاتتى تېخى -

- مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئويلاپ قويغانلىرىم بار ئىدى، تەييارلىق بىلەن ماڭغان مەن،ئەجرىمنى يوققا چىقارغىنىڭىزغا رەھمەت دەمدىم تېخى؟ -ھەئە،ئەسلى ماڭا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كىرەك،تۇرغۇن دىگەن ئادەمنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- ئەلۋەتتە بىلىمەن،بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قېلىشىم ئەمەس،ئۇنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاكىت توپلاپ،ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ،تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالاي دىگەن ئىدىم،قانداق ئويلۇغۇنۇم خاتا بوپتىكەنما؟ئەگەر بۈگۈن سىز پۇتلىكاشاڭ بولمىغان بولسىڭىز،مەن چوقۇم ئۇنىڭ جىنايىتىگىە دائىر پاكىتلارغا ئىرىشكەن بولاتتىم-

-بەكلا ئەخمەقكەنسىز رەھىمە،سىز تېخىچە چوڭ بولماپسىز،سىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ قولىدىن ھايات قايتىپ كىلەلەيمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ھەقىچان سىزنىڭ پىلانىڭىز  ئۈنگە ئېلىپ،سىنغا ئېلىپ،شۇلارنى ئىسپات قىلىىشتۇ؟ئەگەر سىز ھايات قايتىپ كىلەلمىسىڭىز ئۇ نەرسىلەرنى كىمگە تاپشۇرۇپ قانداق ئىسپات قىلالايتتىڭىز؟-

-ھايات قايتىپ كىلەلمىسەم،ئۆلۈپ كەتسەم بولىدىغۇ؟مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئۇ جازادىن قاچىمەن دىسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغۇ؟مەن خاتىرەمگە ھەممىنى يېزىپ قالدۇرغان،شۇلا ئىسپات بولالايتتى-

- جېنىڭىزدىن شۇنچىلىك تويۇپ كەتتىڭىزمۇ؟سىزنىڭ ھاياتىڭىز شۇنچىلىك قەدىرسىمۇ رۇقىيە؟-مۇرات ئۆزىمۇ تۇيىمايلا رۇقىيەنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.

-قولۇمنى قويۇۋىتىڭ،باياتىنقى ئادەمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟مەن دىگەن خەقنىڭ ئىرىگە ئاشنا بولۇپ، تويسىز بالا تۇغقان قىز، پاسكىنا قولۇمنى تۇتسىڭىز،سىزمۇ بۇلغىنىپ كەتمەڭ يەنە،ئەمدى بىلگەنسىز مىنىڭ ھاياتىنىمنىڭ قانچىلىك قەدىرسىزلىكىنى؟-رۇقىيە شۇنداق دەپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى-ئاران دىگەندە بىر قېتىم مىنىڭ ھاياتىمنىڭمۇ قىممىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاي دىگەندە،ھەممىنى يوققا چىقاردىڭىز،مەن يەنىلا بۇرۇنقى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان،ھېچكىمگە ئەرزىمەيدىغان يارىماس رەھىمە بولدۇم،مىنىڭ قانچىلىك يارىماس، ھەم ئەخمەقلىكىمنى كۆرۈپ، خوش بولدىڭىزمۇ؟-ئۇ شۇنداق دەپلا يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى،مۇرات ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

-،كەچۈرۈڭ رەھىمە،مىنى كەچۈرۈڭ!-رۇقىيە دەريا بويىغا بېرىپ توختىغاندىن كىيىن،مۇرات ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۆرىسىنى يىنىڭ شاپىلاقلىدى-دەردىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ،ئەمما سىزنىڭ ئاقكۆڭۈل ھەم ياخشى قىز  ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن،نىمىشقا ئىككىمىز شۇنچىلىك ئوخشايمىز رەھىمە؟نىمىشقا سىزمۇ،خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ھاياتىڭىزنى قىممىتى يوق دەپ قارايسىز؟-

-مەن ئوخشىمايمەن مۇرات،مىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىم سىزنىڭكىگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ،مىنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر قىز بولغان بولسا،بەلكىم ھازىرغىچە ياشىيالمىغان بولاتتى،بالىلىقىم دادامنىڭ زوراۋانلىقىدا ئۆتكەن،ئانامدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالدىم، ئۆزۈممۇ تۇيىمايلا مەندىن ئوننەچچە ياش چوڭ ئوقۇتقۇچۇمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئايالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا ئاشنا بولدۇم،ھەتتا ئۇنىڭدىن ھەم ئايالىدىن يوشۇرۇنچە بالا تۇغدۇم،تۇغقان بالامنى بېقىشقا قۇربۇم يەتمەي باشقىلارغا بېرىۋەتتىم، قېنى ئېيتىڭە يا پەرزەنت بولۇپ بەختىنى تاپمىغان،يا ئايال بولۇپ ئىززىتىنى ساقلىيالمىغان،يا ئانا بولۇشنى قاملاشتۇرالمىغان مەندەك بىر قىزنىڭ ھاياتىنىڭ يەنە كىمگىمۇ كىرىكى بولسۇن،مەن ئەزەلدىن بۇ دۇنياغا ئارتۇق تۇغۇلۇپ قالغان قىزكەنمەن،شۇڭا مىنىڭ ياشىغىنىمدىن ئۆلگۈنۈم ياخشى ئەمەسمۇ؟ئۆلۈمۈم بولسىمۇ ئازىراق قىممىتى بىلەن بولسۇن دىۋىدىم،شۇنچىلىك ئارزۇيۇمنىمۇ يوققا چىقاردىڭىز!-

-ئۇنداق دىمەڭ رەھىمە!قارىسام،نۇرغۇنلىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندەك قىلىسىز،ئەمما،ماڭا ئىشىنىڭكى، مىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىم،سىزنىڭكىدىن ئېچىنىشلىق بولسا ئېچىنىشلىقكى،ھەرگىزمۇ سىزنىڭكىدىن قېلىشقۇدەك ئەمەس!تۇرغۇن مۇدىرغا نىمىشقا بۇنچە ئۆچ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن،بىراق ئىشىنىمەنكى ،مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم،سىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك،-

-ئەمىسە،نىمىشقا مىنىڭ ئۇنى جازا تارتقۇزۇشۇمغا توسالغۇ بولۇۋالىسىز؟ -

- سىزنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم،ئەمەلىيەتتە ساقچىلار ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ بولدى،مەنمۇ ئۇنىڭ بالدۇرراق قانۇن تورىغا چۈشۈشىنى سىزگە ئوخشاشلا تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن،تۇرغۇن مۇدىر سىز،مەن يالغۇز بىر ئادەم ئوۋلىيالايدىغان يۇۋاش كىيىك ئەمەس،ئۇ دىگەن بىر يىرىتقۇچ، ئۇنى ئوۋىلاشتا بىز چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشىمىز كىرەك،ھازىر،ساقچىلار ھازىر تەكشۈرۈش باسقۇچىدا،مەن ھەم يەنە بىر ئاكام ئىككىمىز بار كۈچىمىز بىلەن ياردەم بىرىۋاتىمىز،ئەگەر راستىنلا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ جازالىنىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز،بىزگە قوشۇلۇڭ، ئۇنىڭدىن نىمىشقا نەپرەتلىنىدىغانلىقىڭىزنى  بىلىدىغانلىرىڭىزغا قوشۇپ،ئۇلارغا ئېيتىڭ، قانۇننىڭ كۈچىگە ئىشىنىڭ،تۇرغۇن مۇدىر ئاللىبۇرۇن قارماققا ئىلىنىپ بولدى،ئۇنىڭ جازالىنىشى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى خالاس-

- مەن نىمىشقا سىزگە ئىشىنىشىم كىرەككەن -

- مەن تۇرغۇن مۇدىر دەپسەندە قىلغان قىزدىن تۇغۇلغان بالا،ئانام ئون بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ دەپسەندا قىلىشىغا ئۇچراپ،ئون ئالتە يېشىدا مىنى تۇغقان، مىنىڭ پۈتۈن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئاپتورى دەل ئاشۇ نۇمۇسسىز ئادەم،ئۇ مىنى ئىتىراپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ھەتتا ئۆز قولى بىلەن مىنى بوغۇپ،ئۆلتۈرۈپ دەرياغا تاشلىۋەتكەن،ئەمما ھەقىقەتنىڭ كۈچى بىلەن مەن يەنىلا ھايات قالدىم،سىز ھېچ بولمىسا كىچىكىڭىزدىن ئەسكى بولسىمۇ، دادىڭىز كىم بۇنى بىلىپ ياشىغان بولغىيدىڭىز،بىراق مەنچۇ؟كىچىكىدىن تالادىن تۇغۇلغان بالا بولۇپ ياشاشنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق بىر تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟-مۇرات يىغلامسىرىدى.

-كەچۈرۈڭ،مىنى كەچۈرۈڭ،مەن،مەن بۇ دۇنيادا پەقەت مەنلا شۇنداق بەخىتسىز،مەنلا شۇنداق قىيىنچىلىقتا ئۆسۈپ يىتىلگەن،مەندىن بەخىتسىز ئادەملەر يوق دەپ ئويلاپتىمەن-

- ھېچقىسى يوق رەھىمە،بىر چاغلاردا،مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ئىدىم،ئۆزۈمدىن يىرگىنەتتىم،ئەتراپىمدىكى ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتىم،ھاياتىمنى شۇنچىلىك قەدىرسىز ھەم قىممىتى يوق ھېس قىلاتتىم،داۋاملىق ئۆلۈپ كەتسەمكەن دەپ ئارزۇلايتتىم،بىراق مەن دەريادا ئېقىتىۋىتىلىپ،قايتا تۇغۇلغاندىن كىيىن،قايتىدىن ئۆزۈمنى تېپىۋالدىم،مىنىڭ ھايات قېلىشىمدا چوقۇم بىر سىرنىڭ بارلقىغا ئىشەنچىم،ھەم كىيىنكى ھاياتىمنى قەدىرلەپ، ئازراق بولسىمۇ قىممەت يارىتىشنى ئارزۇ قىلدىم،سىزگە دىسەم رەھىمە،ئەمەلىيەتتە مەيلى بىز قانداق مۇھىت،قانداق شارائىتتا ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر ھايات ھەممىمىز ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىككەن،پەقەت بىز ئاشۇ قىممەتلىك ھاياتىمىزدىن پايدىلىنىپ، ،ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئەھمىيەتلىك ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ، ھاياتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ياشىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇنى قەدىرسىز ھېس قىلىدكەنمىز، ئەسلىدە ھاياتىمىز قىممىتى بار ئىشلار بىلەن، قەدرىنى قىلالىغان كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشى كىرەككەن،بىراق بىز ئۆتمۈشىمىزدىكى قەدرىمىزنى قىلىشنى بىلمىگەن ئادەملەرنى ئەستە ساقلاپ،قىممەتسىز ئازابلىق ھېسلارغا چۆكۈپ،روھىيتىمىزنى چىرتىدىكەنمىز، قەدرىمىزنى قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرگە، ۋاقىت،زېھىن ۋە مۇھەببىتىمىزنى ئاتاپ، ئۆزىمىزنى قەدىرسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ ياشايدىكەنمىز، بىز نىمىشقا قىسقا ھەم قىممەتلىك ھاياتىمىزنى ئاشۇ ئەھمىيەتسىز ئىشلار،ئەھمىيەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋىتىمىز،نىمىشقا ئاشۇ قىسقا ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ،ئۇنى قىممەتكە ئىگە قىلمايمىز،ھەمىشە توپا بىلەن ھەپىلىشىپ ياشايدىغان چۈمۈلىلەرگە قاراڭ، بەلكىم ئۇلار تۇيۇقسىز بىركۈنى مەلۇم بىراۋلار تەرىپىدىن دەسسىلىنىپ كىتىشى مۇمكىن، ۋە بەلكىم، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ شۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىغىنىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن،شۇنداق تۇرۇپ،ئۇلار نىمىشقا ئۆزىدىن يوغان يىمەكلىكلەرنى بېشىغا ئېلىپ،ئۇۋىسىغا توشۇپ،داۋاملىق ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،بۇ  ئۇلارنىڭ ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىنى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟تەبىئەت دۇنياسىغا قاراڭ،قايسى بىر ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز جانلىق،ياشاش ئۈچۈن،ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدىكەن؟ ھاياتلىق بەك مۇقەددەس رەھىمە،بىزنىڭ بىزگە بىرىلگەن بۇ قىممەتلىك سوۋغىدىن ۋاز كىچىشكە ھېچقانداق باھانىمىز يوق،نىمە دەردىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىۋېلىڭ،ئىچىڭىز بوشىسۇن،بارلىق ئەلەملىرىڭىزنى تۆكۈۋەتكەندىن كىيىن،باشقىچە ئويلاردا بولماي،ھاياتىڭىزنى،قايتىدىن ياشاشنى باشلاڭ-مۇراتنىڭ سۆزلىرى رەھىمەنى ئىلھاملاندۇردى،ئۇنىڭدىمۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا،ئاقپىشماق،ئورۇق ئەمما يېقىشلىق،بولۇپمۇ ئاۋازىنىڭ مۇڭى ئاڭلىغانلىكى كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ يىگىتكە نىسبەتەن تەسۋىرلىگۈسىز يېقىنچىلىق تۇيغۇسى بىخلاندى.

-ئېرشات،كەلدىڭمۇ ئوغلۇم،قېنى  بۇيەردە ئولتۇر،مىنىڭ يېنىمدا ئولتۇر - ئىرىشات داچىغا قايتىپ،تۇرۇغۇن مۇدىرنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ كەلگىنىدە،تۇرغۇن مۇدىر ئاللىبۇرۇن كىلىپ،ئۇنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى،ئۇ ئەزەلدىن ئوقۇغان دەپ باشقا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا باشقىچە تەكەللۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ ئوغلىغا بۈگۈن تېخىمۇ بەك تۈزۈت قىلىپ كەتتى.

- دادا، بۇنچە جىددىي كۆرۈشمىسەك بولمايدىغان،ماڭا تاپىلايدىغان قانداق مۇھىم ئىش بار ئىدى،بۇنداق تۈزۈت قىلسىڭىز،مەن سەل جىددىيلىشىپ قالىدىكەنمەن، شۇڭا قانداق ئىش بولسا ئۇدۇل ئېيتىۋىرىڭ، قولۇمدىن كىلىدىغانلا ئىش بولسا مەن چوقۇم بەجاندىل ئورۇندايمەن-

-ئوغلۇم، سەنمۇ بىلىسەن، مىنىڭ باشقا ئوغۇللىرىمغا قارىغاندا، سەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىم ئالاھىدە زور،شۇڭا سىنى دىگەن يىرىڭگىچە ئوقۇتتۇم، راخمان كىچىكىدىن تارتىپ، ئويۇن-تاماشاغا بىرىلىپ كەتكەن بالا، ئۇنىڭغا ئىگىلىكىمنى قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بىرىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئىبراھىم،زىيادە ھېسىياتچان، ھەمىشە ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش بۇزىدۇ، بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، كەلگۈسىگە قاراشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىگىلىكىمنى تاپشۇرسام، ھەرگىز خاتىرجەم بولالمايمەن، سەن ئۇلارنىڭ ئەكسىنچە، مەن سىنى كۆزىتىۋاتقىنى ئۇزۇن يىللار بولدى، سەن ھەم ئەلەمدە، بار ھەم قەلەمدە بار، ياراملىق بالا بولدۇڭ، نۇرغۇن يەرلىرىڭ ماڭا ئوخشاپ كىتىدۇ، شۇڭا،گەرچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ھەم ئېلان قىلمىغان بولساممۇ، ئاللىبۇرۇن سىنى يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىزباسارى دەپ قەلبىمدە بىكىتىپ بولغانمەن- تۇرغۇن مۇدىر سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئىرشاتنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىگە پۇرسەت  بىرىش ئۈچۈن قەستەن سۆزىنى توختىتىۋالدى.

-ماڭا شۇنچىلىك ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت دادا، مەن چوقۇم ئۈمۈدىڭىزنى يەردە قويمايمەن، كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىمەن-بىراق ئېرشات تۇرغۇن مۇدىرنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويۇپ، شۇنچە ئاسانلا ئۇنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتتى، ئەسلىدە ھېچقاچان باللىرىنى ۋارىس قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ باقمىغان،ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۇزۇن ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان تۇرغۇن مۇدىر ئۈچۈن، ئېرىشاتنىڭ بۇنچە ئاسان ماقۇللۇق بىلدۈرىشى، كەينىدىن ئۇرۇلغان پىچاق بىلەن باراۋەر ئىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇ ھېچ بولمىغاندا – دادا، نىمە دىگىنىڭىز بۇ، سىز تېخى ياش تۇرسىڭىز، ئىزباسار دەپ يۈرگىنىڭىز نىمىسى، كىيىنكى ئىشلارنى كىيىن دىيىشەيلى، نەدىكى گەپلەرنى دەپ يۈرمەي، ماڭا تاپىلايدىغان ئىشنى تاپىلاڭ -دىگەن بولسا، كۆڭلى ئازىراق بولسىمۇ تەسكىن تاپقان بولاتتى، بىراق بۇرۇندىن، يىشىل شەھەر گورۇھىنى چاڭگىلىغا ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بايلىقىدىن  بۇيان تۇرغۇن مۇدىرنىڭ دىگىنىنى قىلىپ، ئۇ سىزغان سىزىق بويىنچە مېڭىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇغقان ئانىسى ۋە بىر قورساق قېرىنداشلىرىدىنمۇ  ئارلىق ساقلاپ، سادىق ئىتتەك تۇرغۇن مۇدىرغا ۋاپادار بولۇپ كىلىۋاتقان ئىرىشات، ئۆزى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقاندا، خۇددى ئاچ قالغان ئىت، ئالدىدىكى سۆڭەككە ئېتىلىشقا ئاران تۇرىۋاتقاندەك ئىنتىزار ھالدا تۇرسا، قانداقمۇ، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ كۈتكەندەك قىلالىسۇن ؟

-مىنىڭ ئۈمۈدۈمنى يەردە قويمىساڭلا بولدى ئوغلۇم – تۇرغۇن مۇدىر ئىرشاتقا ھاجەتمەن بولغاچقا،نارازىلىقىنى چاندۇرماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-بىراق،ئالدىمىزدا بىز تاقابىل تۇرمىساق بولمايدىغان،قىيىنچىلىقلار بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ،ساڭا قانداق دىسەم بولا ئوغلۇم،ئەلۋەتتە مەن ساڭا يۇقاردا ئېيتقانغا ئوخشاش،مىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم،يىشىل شەھەر گورۇھىنى ساق-سالامەت ساڭا تاپشۇرۇش،ئەلۋەتتە سىنىڭ كەلگۈسىدە يىشىل شەھەرگە خاتىرجەم  خوجايىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن،مەن يىشىل شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان نۇرغۇن مەرەزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن تازلىدىم، يىشىل شەھەرنى ساڭا ئەڭ مۇكەممەل ھالدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم،ھەتتا قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدۈم،بۇنداق قىلىشىم ھەرگىزمۇ،ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى سىنىڭ كەلگۈسىدە  مەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن،سودا مەيدانى،ئۇ ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇشقا ئوخشايدۇ،ھەتتا قان- قېرىنداشلارمۇ سودا رىقابىتىنى دەپ  يۈزلەنگىنىدە بىر-بىرى بىلەن قان چېچىشىپ كەتكەن ئىشلارنىمۇ كۆرگەنمەن،ھەم ئۆز بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن،مەن پەقەت رىقابەت ھەم خىرىسقا تولغان سودا  ساھەسىدە سىنىڭ خىرىسلارغا  بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭدىن ئەنسىرىدىم،شۇڭا يولىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئۆز قولۇم بىلەن تازلىۋىتىشنىلا ئويلىدۇم،بىراق ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي،بەزىلەر  جۈملىدىن،تاغاڭ سىدىق،بەزى ئىشلارنى بايقاپ قېلىپ،يىشىل شەھەرنى بىزدىن تارتىۋالماقچى بولدى،شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قېتملىق تالاش تارتىشتا،تاساددىبىيلىق يۈز بىرىپ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدۇق،نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ مىنىڭ قېرىندىشىم،ئازابلاندىم،يۈرىكۈم ئاغرىدى، يىشىل شەھەردىن ۋاز كىچىپ،ئۆزۈمنى پاش قىلىپلا ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىمۇ ئويلىدۇم،بىراق،يەنىلا سىلەرنى ئويلىدۇم،بولۇپمۇ بالىنىڭ كىچىكى بولغان سىنى بەكىرەك ئويلۇدۇم،ئۇ چاغلاردا سەن تېخى كىچىك ئىدىڭ، ئەگەر مەن شۇ ۋاقىتتا ئاكىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىل بولسام،يىشىل شەھەر گورۇھىمۇ ۋەيران بولاتتى،سەنمۇ قاتىلنىڭ ئوغلى ئاتىلىپ،شۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىڭ پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كىتەتتى،مەن ئۆزۈمنى ئەمەس،سىنى ئويلاپ، ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىشتىن ۋاز كىچىپ،بۇ جىنايەتنى يوشۇردۇم، يوشۇرۇش ئۈچۈن يەنە جىنايەت ئۆتكۈزدۈم، تاغاڭنىڭ ئىشىنى ئاكاڭ راخمان، ھەم ئاناڭ گۇلنىسا بىلەتتى،مەن ئۇلاردىن بەرىبىر مىنىڭ ئائىلەمغۇ دەپ خاتىرجەم ئىدىم،بىراق،ياتنىڭ  ياندىن، قېرىنداشنىڭ جاندىن دەپ،ئۇ ئىككىسى مىنى تا ھازىرغىچە قىيناپ كەلدى،راخمان شۇنى دەستەك قىلىپ،مىنى داۋاملىق قاقتى-سوقتى قىلىپ،نەچچە ئون مىليونغا زىيان سېلىپ، ئاخىرى قىلغانلىرى بېشىغا چىقىپ،قىمار ئويناپ قەرزگە بوغۇلۇپ ئۆلدى،گۇلنىسانى ھازىرغىچە ئۆزۈم خالىمىساممۇ قورقۇتۇپ يۈرۈپ تىزگىنلەپ كەلگەن ئىدىم،بىراق بىر ئېلىشىپ قالغان بىلەنلا قېچىپ كەتتى، بۈگۈن ئىبراھىم ماڭا تىلفون ئۇرۇپتىكەن،ئاناڭ بەزى ئىشلارنى ئەسلەپ،ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن چېغى،ئۇ ماڭا بىرمۇنچە تەھدىتلەرنى سېلىپ، گورۇھنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ،پىنسىيەگە چىق،بولمىسا ئانامنى ئېلىپ بېرىپ، جىنايەتلىرىڭنى پاش قىلىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ،مەنغۇ قېرىپ قالدىم، تىنىممۇ ساق ئەمەس،شىركەتنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەممۇ ھېچقىسى يوق،ئەمما ئىبراھىمنى ئوبدان بىلىمەن،گورۇھنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەملا،قالايمىقان باشقۇرۇپ،تۆت كۈندە شۇنچە ئىگىلىكىمىزنى ۋەيران قىلىۋىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئارزۇيۇم،قان تەرىم بەدىلىگە كەلگەن بۇ ئىگىلىكنى سىنىڭ باشقۇرۇشۇڭغا ئۆتكۈزۈش بولغاچقا،ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ماقۇل دىيەلمىدىم، ئوغلۇم ئېرىشات  سىنى بۈگۈن يېنىمغا چاقىرىشىمدىكى سەۋەب،بىرىنچىدىن سىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تەكلىۋىڭنى ئاڭلاش،ئىككىنچىدىن،بۇ ئىشلارنى سەن بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، گورۇھنى سىنىڭ باشقۇرۇشۇڭغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن چارە ئىزدەش، ئوغلۇم، قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن ئىشەك چىچماي قالمايدۇ دەيدىغان گەپ بار،شۇڭا مەن ھامان بىر كۈنى ئىبراھىم بىلەن گۇلنىسانىڭ قولىدا ۋەيران بولىدىغان ئوخشايدۇ،گۇلنىسا گەرچە ئاناڭ بولسىمۇ،سىنى تۇغقۇسى يوق توغۇپ قالغان بولغاچقا كىچىكىڭدىن ساڭا مېھرى يوق،ئاكىللىرىڭغا باشقىچە ئامىراق،پەرىزىمچە ئۇ چوقۇم دىگىنىنى قىلىدۇ،ئۇلارنى مۇشۇنداقلا مەقسىدىگە يەتكۈزسەك،يىشىل شەھەر گورۇھى ھەم ئائىلىمىز ئۇلارنىڭ قولىدا مۇشۇنداقلا ۋەيران بولىدۇ،ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، مەنغۇ قېرىدىم، ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇم، يامىنى كەلسە ئۆلۈپلا تۈگەشسەم بولىدۇ، مىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم،سىنىڭ كەلگۈسۈڭ بولۇۋاتىدۇ،شۇنى ئويلاپ كېچە-كۈندۈز بىر ئارامىم يوق،يا كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق -تۇرغۇن مۇدىر  قاملاشتۇرۇپ يالغان يىغىنى باشلىدى.
-دادا،مىنى قانداق قىلسۇن دەيسىز،نىمە ئويلىغان بولسىڭىز ئېيتىۋىرىڭ،مەن ئاللىقاچان ھاياتىمنى ئىگىلىكىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاتاپ بولغانمەن،جېنىم كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز مەقسىدىگە يەتكۈزمەيمەن- تۇرغۇن مۇدىر راستىنلا ئىرشاتنى  ئاجىز يىرىدىن تۇتۇۋالغان ئىدى،ئۇ تۇرغۇننىڭ سۆزلىرى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا غەزەپتىن جالاقلاپ تىتىرەپ، ھەسەتتىن كۆزلىرى ئوت ئېلىپ يېنىپ،شۇ تاپتا ئاكىسى ئىبراھىم بىلەن ئانىسى گۇلنىسا كۆز ئالدىدا بولسا،ئۇلارنى ئېزىقلىرى ئارىسىغا ئېلىپ،چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك غەزەپ بىلەن سۆزلەپ كەتتى.

-يارايسەن ئوغلۇم،ھەقىقەتەن مىنىڭ ئوغلۇم بولۇشقا مۇناسىپكەنسەن،مەن ئىزباسارىمنى خاتا تاللىماپتىمەن،سەندىن ياشلىقىمنى كۆرگەندەك بولدۇم -تۇرغۇن مۇدىر ھاياجانلاندى،ھاياجانلانغاندىمۇ راۋۇرۇس ھاياجانلاندى،چۈنكى ئۇ كۆز ئالدىدىكى مۇنۇ قانخور ئوغلىدىن،ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاكىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئەپتىنى كۆرۈۋاتاتتى.

-مەن كۆپ ئويلاندىم،بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا ئامالى بار،بىراق،،،، بىراق بۇنى قىلىش ساڭا سەل تەس كېلەرمىكىن،نىمىلا دىگەن بىلەن بىرسى قېرىندىشىڭ،يەنە بىرسى بولسا ئۆز ئاناڭ تۇرسا،ئەڭ ياخشىسى يەنىلا، ئىشلارنى ئۆز راۋاجىغا قويۇپ بەرسەكمىكىن، ئۇلار ئويلىمىغان بىلەن بىز بەرىبىر بىر ئائىلە كىشىللىرى ئەمەسمۇ -تۇرغۇن مۇدىر قەستەن ئۆزىنى ئالىيجاناپ قىلىپ كۆرسىتىپ گەپ ئەگىتىپ،ئىرىشاتنىڭ سەمىمىيتىنى سىناپ باقماقچى بولدى.

- دادا، ئۇلار بىزنى بىر ئائىلە كىشىللىر قاتارىدا كۆرمىسە،بىز نىمىشقا ئۇلار ئۈچۈن ئويلايمىز، قېنى ئېيتىڭە دادا،سىز دىمەكچى بولغان ئامال، ئانام بىلەن ئاكامنى ئۆلتۈرىۋىتىشمۇ -كۆزلىرىگە قان تولغان ئىرىشات،ئاكام،ئانام دەپ ئېغىزىغا ئېلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋىتىشنى تىلغا ئېلىۋاتقىنىدا،قەلبىدە ئۇلارغا نىسبەتەن مېھرى -مۇھەببەت دەيدىغان ئۇقۇم تامام مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇپ،پەقەت مال-دۇنيا ۋە ئاتالمىش نام-ئابرويغا بولغان ھېرىسمەنلىكتىن كور بولغان كۆزلىرىدىكى ياۋۇزلۇقلا قېلىپ قالغان ئىدى،ئۇنىڭدىمۇ ئاللىبۇرۇن دادىسى  تۇرغۇن مۇدىرغا ئوخشاش،يىشىل شەھەرنىڭ ئىگىلىكى ۋە تۇرغۇن مۇدىرنىڭ مال-دۇنياسى  بىلەن ئاتالمىش سەلتەنەتلىك ياشاشتىن ئىبارەت  بىر نادانلارچە ئارزۇ،يۇقۇملۇق كىسەلگە ئوخشاش يامىراپ بولغان ئىدى.

ئادەملەر ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قېلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆزىگە  ھېچقانداق مال-دۇنيا،ئابروي-ئىناۋەت قالمىغانلىقىنى بەخىتسىزلىك دەپ چۈشىنىدىكەن،ئاتا-ئانىلار بولسا باللىرىنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، تۆتىنى تەل قىلىپ،پۇلدىن قىسماي،ياخشى يىگۈزۈپ،دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ، ياخشى كىيگۈزۈپ بېقىپ چوڭ قىلغىنىنى،ئەڭ ياخشى پەرزەنت تەربىيەلەش شەكلى دەپ قارايدىكەن،بەلكىم بۇ ئاتالمىش بىر قىسىم پىسپاسخولۇگلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشلىرىنىڭ  مەھسۇلاتى بولسا كىرەك!ئوقۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئىلىم ئادەمنىڭ قەلبىنى يورۇق قىلغۇچى ماياك، ئىلىملىك بىلەن ئىلىمسىزنىڭ ھامىنى پەرقى بولىدۇ، پەرزەنتكە بولغان مىھىر-مۇھەببەت ۋە پەرۋىش ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە كام بولسا بولمايدۇ، ئەمما قەلبىدە مېھرى-مۇھەببەت ۋە دىيانەت بولمىغان ئادەمنىڭ قورسىقىدىكى بىلىممۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاپەتتۇر! شۇنچىۋالا ئەقىدە بىلەن ئوقۇتۇپ، دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ باققان پەرزنت، ئاتا-ئانىسىدىن مىننەتدار، قېرىنداشلىرىغا مېھرىبان بولۇشنى بىلمىسە،بۇ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ئەمەسمۇ؟ شۇنچە ئۇزۇن ئوقۇغىنى بىلەن ئەقىل ۋە زىھىننى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئالداشقا ئىشلەتسە، مۇھەببەتنىڭ ئورنىغا شەخسىيەتچىلىكنى ئەزىزلەپ ئۆتسە، بۇنداق بىلىملىك پەرزنتتىن، كۈندە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئەھۋال سورىغىنى كىرىشنى ئۇنتۇمايدىغان،ئۇلاردىن بىرى ئاغرىسا بىساتىنى سېتىپ بولسىمۇ داۋالىتىدىغان «كەتمەنگە نان چىلاپ يەيدىغان،سەھرالىق  » ياخشى ئەمەسمۇ؟ دىمەككى بىر ئادەمنىڭ ساپاسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن بولمايدىكەن، بەلكى ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەملىكى بىلەن يىتىلىدىكەن، ئىرشات گەرچە شۇنچە چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ كىلىپ، يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ ئاسراندى بەگزادىسى بولۇپ،ھوزۇرلۇق تۇرمۇش كەچۈرگىنى بىلەن  تۇرغۇن مۇدىردەك ھايۋان دادىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن،ئادەم بولۇشتا مەغلۇپ بولغان رەزىل ھايۋانغا ئايلىنىپ قالدى! 

-ئوغلۇم ھەر ئىككىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىمەن دىسەڭ، ئاخىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بولالمايمىز، ئىبراھىم نىمىلە دىگەن بىلەن سىنىڭ قېرىندىشىڭ،ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە چېقىلماي تۇر،گۇلنىسانىڭ بۇرۇندىن تىنى ساق ئەمەس،بەرىبىر ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ،ئازراق ھىيلە ئىشلەتسەكلا،ئۇنى بىزنىڭ ئۇجۇقتۇرىۋەتكىنىمىزنى ھېچكىم بىلمەيلا قالىدۇ،گۇلنىسالا يوق بولسا،ئىبراھىم بىزگە ھېچقانداق خەۋىپ ئەكىلەلمەيدۇ،گۇلنىساغۇ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان كىسەل تارتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلىدىن ئادىشىپ قالدى،ئۆلۈپ كەتسىلا ئازابتىن قۇتۇلۇپ ئارام تاپقان بولاتتى،بىراق ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن سىنىڭ ئاناڭ تۇرسا،ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلساق قانداق بولار –

-،دادا،سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئانامنىڭ ماڭا مېھرى يوقلۇقىنى بىلىمەن،ئۇنىڭسىزمۇ مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن، سېپى ئۆزىدىن بىلىمسىز،قارا قورساق،بىرسىگە مىنىڭ ئانامتى دەپ تونۇشتۇرغۇچىلىكىمۇ يوق،بىراق ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن مىنى تۇغقان،مەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشقا قاتنىشالمايمەن،ئەمما،ئۇ توغرىسىدا قانداق قارار چىقىرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىزدىن ئاغرىنمايمەن،يەنىلا سىزنى توغرا چۈشىنىمەن-

-بۇ گەپچە يىشىل شەھەر گورۇسىنىڭ مۇشۇنداقلا نابۇت بولۇپ كىتىشىگە قاراپ تۇرىدىكەنمىزدە،ھەي!- تۇرغۇن مۇدىر ئېغىر تىندى.

-،سىز بىر چارەم بار دىگەنتىڭىزغۇ؟-

- مىنىڭ ئۇ چارەم پەقەت سەن بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان چارە ئىدى،مىنىڭمۇ گۇلنىساغا زىيانكەشلىك قىلغۇم يوق،پەقەت ئۇنى تېپىپ كىلىپ گەپ قىلالماس قىلىۋەتسەملا كۇپايە ئىدى،بىراق ئۇنى شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمىدىم،ئۇنى پەقەت سەنلا ئىزدەپ تاپالايسەن –

- مەن؟

-،شۇنداق،سەن،ھازىر ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى پەقەت ئىبراھىملا بىلىدۇ، سەن نىمىلا دىگەن بىلەن گۇلنىسانىڭ  ئوغلى،ئىبراھىمنىڭ قېرىندىشى، سەن ئوتتۇرغا چىقساڭلا،ئىبراھىم چوقۇم سىنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىدۇ؟مەن ساڭا بىر نەرسە بىرىمەن، بىرقانچە كۈن گۇلنىسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ،ئۇنىڭ تامىقىغا شۇ نەرسىنى سېلىۋەتسەڭلا بولىدۇ، ئۇ نەرسە ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ، پەقەت، ئۇنى سۆزلىيەلمەس قىلىۋىتىدۇ،ئەگەر بۇ ئىشنى قىلالمايمەن دىسەڭمۇ مەيلى،سىنى ھەرگىز  زورلىمايمەن -


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章