ئەما نازىنىن88-قسىم

文摘   2024-10-31 20:57   湖北  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ 


  

ئەما نازىنىن1-قسىم
ئەما نازىنىن2-قسىم
ئەما نازىنىن3-قسىم
ئەما نازىنىن4-قسىم
ئەما نازىنىن5-قسىم
ئەما نازىنىن6-قسىم
ئەما نازىنىن7-قسىم
ئەما نازىنىن8-قسىم
ئەما نازىنىن9-قسىم
ئەما نازىنىن10-قسىم
ئەما نازىنىن11-قسىم
ئەما نازىنىن12-قسىم
ئەما نازىنىن13-قسىم
ئەما نازىنىن14-قسىم
ئەما نازىنىن15-قسىم
ئەما نازىنىن16-قسىم
ئەما نازىنىن17-قسىم
ئەما نازىنىن18-قسىم
ئەما نازىنىن19-قسىم
ئەما نازىنىن20-قسىم
ئەما نازىنىن21-قسىم
ئەما نازىنىن22-قسىم
ئەما نازىنىن23-قسىم
ئەما نازىنىن24-قسىم
ئەما نازىنىن25-قسىم
ئەما نازىنىن26-قسىم
ئەما نازىنىن27-قسىم
ئەما نازىنىن28-قسىم
ئەما نازىنىن29-قسىم
ئەما نازىنىن30-قسىم
ئەما نازىنىن31-قسىم
ئەما نازىنىن32-قسىم
ئەما نازىنىن33-قسىم
ئەما نازىنىن34-قسىم
ئەما نازىنىن35-قسىم
ئەما نازىنىن36-قسىم
ئەما نازىنىن37-قسىم
ئەما نازىنىن38-قسىم
ئەما نازىنىن39-قسىم
ئەما نازىنىن40-قسىم
ئەما نازىنىن41-قسىم
ئەما نازىنىن42-قسىم
ئەما نازىنىن43-قسىم
ئەما نازىنىن44-قسىم
ئەما نازىنىن45-قسىم
ئەما نازىنىن46-قسىم
ئەما نازىنىن47-قسىم
ئەما نازىنىن48-قسىم
ئەما نازىنىن49-قسىم
ئەما نازىنىن50-قسىم
ئەما نازىنىن51-قسىم
ئەما نازىنىن52-قسىم
ئەما نازىنىن53-قسىم
ئەما نازىنىن54-قسىم
ئەما نازىنىن55-قسىم
ئەما نازىنىن56-قسىم
ئەما نازىنىن57-قسىم
ئەما نازىنىن58-قسىم
ئەما نازىنىن59-قسىم
ئەما نازىنىن60-قسىم
ئەما نازىنىن61-قسىم
ئەما نازىنىن62-قسىم
ئەما نازىنىن63-قسىم
ئەما نازىنىن64-قسىم
ئەما نازىنىن65-قسىم
ئەما نازىنىن66-قسىم
ئەما نازىنىن67-قسىم
ئەما نازىنىن68-قسىم
ئەما نازىنىن69-قسىم
ئەما نازىنىن70-قسىم
ئەما نازىنىن71-قسىم
 ئەما نازىنىن72-قسىم
ئەما نازىنىن73-قسىم
ئەما نازىنىن74-قسىم
ئەما نازىنىن75-قسىم
ئەما نازىنىن76-قسىم
ئەما نازىنىن77-قسىم
ئەما نازىنىن78-قسىم
ئەما نازىنىن79-قسىم
ئەما نازىنىن80-قسىم
ئەما نازىنىن81-قسىم
ئەما نازىنىن82-قسىم
ئەما نازىنىن83-قسىم
ئەما نازىنىن84-قسىم
ئەما نازىنىن85-قسىم
ئەما نازىنىن86-قسىم
ئەما نازىنىن87-قسىم
 ـ 88- قىسىم 


  ھىلىقى گۆھەرنىساغا ۋاكالەتچى بولغان قىزلار   تور سودىسىنىڭ بىلمىگەن يەرلىرىنى گۆھەرنىسادىن سوراپ ئۆگەندى.  گۆھەرنىسانىڭ تور سودىسى ۋە  ئۇۋىلاپ داۋالاشتىكى  سودىلىرى  ياخشىلىنىپ، خىرىدار كۆپەيگەنسىرى  گۆھەرنىسانىڭ  بۇ  بىر ئېتىز  داۋالاش ئۆيى كىچىك كىلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  مەھەللىدىكى  بەزى  بىكار  ۋاقتى كۆپ  قىزلار  ، گۆھەرنىساغا شاگىرتلىققا  كىرىپ  ئۇۋىلاپ  داۋالاشنى  ئۆگىنىش ئۈچۈن  كەلگەم بولۇپ، ئۈچ  ، تۆت  شاگىرتلار بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا گۆھەرنىسا  بولسا بازارنىڭ ئالدىدىن  چوڭراق  دۇكان ئېلىپ  ، ئۇۋىلاپ  داۋالاشنىڭ  تۈرلىرىنى  تېخىمۇ كىڭەيتىپ  ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ  مۇكەممەل  بىر دۇكان ئىچىشنى ئويلاشتى.  ئۇ  بۇ خىيالىنى ئايگۈل  خانىمغا مەسلىھەت سالغان ئىدى.  ئايگۈل خانىم  ئۇنىڭ بۇ غەيرىتىگە  قايىل بولۇپ  ئۇنى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ  ، بازارنىڭ ئالدىدىكى ھەرخىل   دۇكان، تاللا بازىرىنى،  باشقۇرىدىغان، ئىجارە بېرىدىغان   ئىشخانىسىغا   باشلاپ  ئەكەلدى.  ناھايتى ئەپسۇسكى  ئۇلار گۆھەرنىسانىڭ دۇكان ئېچىشىغا  قوشۇلمىدى.  -سىز دۇكان ئاچسىڭىز بولمايدۇ، -دېدى مەسئۇل خادىم گۆھەرنىساغا.  -نېمىشقا دۇكان ئاچسام بولمايدۇ، -دېدى گۆھەرنىسا  تەئەججۈپ  ئىلكىدە.  -بىرىنچىدىن  سىزنىڭ ئۇۋىلاپ داۋالاش  كەسپىدە ئوقۇپ  ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىك كىنىشكىڭىز يوقكەن،   داۋالاش كەسپى ناھايتى زىل كەسىپ،ھەم ئادەملەرنىڭ  ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،  بىرەر يەردە  قىلچىلىك سەۋەنلىك كۆرۈلسە  قىلچە بولمايدىغان ئىش.  ئىككىنچىدىن  سىز ئەما ئىكەنسىز،  كۆزىڭىز كۆرمەيدىغان تۇرۇپ بۇ ئىشلارنى قانداق قىلالايسىز، ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق  ئىش قىلمايدىكەنسىز،-دېدى مەسئۇل  كادىر  گۆھەرنىساغا  مەنسىتمىگەندەك  قاراپ. -كىنىشكىسى يوقكەن دېگىنىڭىز بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ. ئەمما  ئەما تۇرۇپ  قانداق قىلالايسىز  دېگىنىڭىز  ئىشىپ كەتتى.  قاراڭ  ئاۋۇ چىرايىدىكى شۇنچە يارىشىملىق قىلغان گىرىمنىمۇ ئۆزى قىلىپ، كىيىملىرىنىمۇ ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ  كىيىپ  شۇنداق  جۇشقۇن ئالدىڭىزدا  تۇرمامدۇ  بۇ  قىز.  خىيالىڭىزدا  كىيىملىرىنى باشقىلار كىيدۈرۈپ،  گىرىمىنى باشقىلار قىلىپ قويىدىغان بىر ئايال  نىمىش قىلالايتتى دېمەكچىكەنسىز-دە.  كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەم  دۇكان ئاچسا بولمايدۇ  دەيدىغان قانۇن  يوق  دۆلىتىمىزدە،  مەيلى قايسى جەھەتتە مىيىپ  بولسۇن،
 ئۆزىنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسە شۇنى قىلىپ جېنىنى باقسۇن دەيدۇ، پارتىيە -ھۆكۈمىتىمىزمۇ، ھەم  قولايلىق شارائىت يارىتىپ  ئۇلارغا  رىغبەت بېرىۋاتىدۇ. قايسى مەكتەپتە ئوقۇپ  بۇ خىزمەتكە ئىرىشكەن سىز،  يىرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دەپ،  پارتىيە- ھۆكۈمەت  سىزگە ئىشىنىپ بۇ خىزمەتنى بەرسە،  پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ   ياخشى سىياسەتلىرىنى  خەلىققە يەتكۈزۈپ  ئۇلارغا   مەدەت بەرمەكتە يوق، ئۇلارنى كەمسىتسىڭىز  پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سىزگە بەرگەن خىزمىتىگە يۈز كىلەلەمسىز؟ ئەڭ ياخشىسى سىز باشقىلارنى  كەمسىتىشتىن، تۆۋەن كۆرۈشتىن بۇرۇن   ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىڭ،  مەن شەھەرگە كىرىپ، شەھەرلىك  ھۆكۈمەت  كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشەي، -دېدى ئايگۈل  خانىم،  بۇ كادىرنىڭ  سوغۇق  مۇئامىلىسىدىن، گۆھەرنىسانى كەمىستكىنىدىن ئاچچىقى كىلىپ.  -بۇ…سىز…مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، -دېدى ھىلىقى كادىر، ئالدىراقسانلىق قىلىپ  دېگەن گېپىدىن خىجىل بولۇپ.  -يۈرۈڭ  گۆھەرنىسا،  باشقا ئامالىنى قىلايلى؟ ئايگۈل خانىم شۇنداق دېگىنىچە گۆھەرنىسانىڭ  قولىدىن تۇتۇپ  ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ھىلىقى كادىر  كەچۈرۈم  سوراشقىمۇ  جۈرئەت قىلالماي  ئىشخانىسىدا  لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.  ئايگۈل خانىم گۆھەرنىسانى ئېلىپ  ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى.  -ئاچا  ھىلىمۇ ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلدىڭىز؟ سىزنىمۇ تەڭقىسلىقتا  قويماي،  مەن ئەڭ ياخشىىسى  بۇرۇن  ئوقۇغان كەسپىي مەكتىپىم  بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەنە قانچىلىك  ئوقۇسام  ئىمتىھانغا قاتنىشالايمەن،  شۇنى ئۇقۇپ،   مەركىزىي شەھەرگە بېرىپ  ئوقۇپ  ئىمتىھان بېرىپ كىنىشكە ئېلىپ كىلەي،  دۇكاننى ئەنە شۇ چاغدا ئاچارمەن.  ھازىر  ئۆيگە كەلگەن  بىمارلارنى  رۇشەنگۇل بىلەن شاگىرتلىرىم  ئۇۋىلاپ داۋالاش قىلالايدۇ، مەن ھۆنەرنى قانچىكى مۇكەممەل  ئۆگەنسەم  شاگىرتلىرىمغىمۇ  شۇنچە ياخشى ئۆگىتەلەيمەن، -دېدى گۆھەرنىسا.  -بوپتۇ سىڭلىم، بۇ ئويلىغىنىڭىزمۇ توغرا، شۇنچە يىلدىن بېرى  بۇ ئىشلارنى قىلمىدىڭىز،  ھازىر ئۇۋىلاپ داۋالاشنىڭ نۇرغۇن  يېڭى تۈرلىرى چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مەركىزىي شەھەرگە بارمىسىڭىزمۇ، بەلكىم ئۇ كەسپىي  مەكتىپنىڭ تارمىقى  بىزنىڭ بۇ شەھەردىمۇ قۇرۇلۇپ بولدى.  مەن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى  دەپ  كۆپ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ كىتەلمىدىم.  سىز ئەينى چاغدا  ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇغاندا  ، ئۇۋىلاپ داۋالاش كەسپىي مەكتىپى پەقەت  مەركىزىي شەھەردىلا بار ئىدى.  تېخى بۇ تەرەپلەر  تۈگۈل  ۋىلايەتلەرگىمۇ  قۇرۇلمىغان ئىدى. ئەسلى كىنىشكە بولمىسىمۇ  دۇكان ئاچقىلى بولىۋېرەتتى.  ھازىر شۇ ھەرقانداق  كەسىپتە كىنىشكە مۇھىم رول ئوينىغاچقا  ، ھەممەيلەن كىنىشكە ئالىدىغان بولۇپ كەتتى.  سىز مەركىزىي  شەھەردىكى مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،  ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرگە قۇرۇلغان  تارماق مەكتىپىنىڭ ئورنىنى سوراپ  شۇ يەرگە كىرىپ  ئوقۇپ كىنىشكا ئېلىڭ.  باشقا ئىشلارنى  خاتىرجەم بولۇپ  ماڭا  قويۇپ بېرىڭ مەن ھەل قىلىمەن، -دېدى ئايگۈل خانىم. ئۇلار خۇشال  ھالدا ئاشخانىدىن چىقىپ، ئايگۈل خانىم ماشىنىسى  بىلەن گۆھەرنىسانى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ  ئۆزى  خىزمەت ئورنىغا كەتتى.  گۆھەرنىسا ئۆيگە كىرىپلا  ئۆز ۋاقتىدا  كىچىككىنە خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويغان  مەركىزى شەھەردىكى  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  تېلىفۇن  نۇمۇرىنى تىپىپ، تېلېفون قىلدى.  ئەمما بۇ  نۇمۇر ئۇلانماي.  -كەچۈرۈڭ  سىز ئۇرغان نۇمۇر مەۋجۇت ئەمەس، -دەپ  چىقتى. گۆھەرنىسا  كۆڭلى يىرىم ھالدا تېلېفوننى قويىۋىتىپ،  ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپلا  قالدى.  ئۇ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن  بىر ئىش ئىسىگە كىلىپ  كىچىك ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى،  ۋە  كىچىك ئاپىسىنى  ئۆزى بۇرۇن  ئۇقۇغان ئۇۋىلاپ  داۋالاش كەسپىي مەكتىۋىگە  بېرىپ، شۇيەردىكى  ئۆزى  ھۆنەر ئۆگەنگەن چاغدا  يىتەكچىلىك  قىلغان مۇئەللىم،  ۋە خانىملارنىڭ  بار -يوقلىقىنى، ئەگەر ئۇلار بولۇپ  قالسا  تېلېفون نۇمۇرىنى سوراپ  ئۆزىگە  دەپ  بېرىشىنى ئۆتۈندى.  -ۋايۋۇي…جىنتەك،  مەندىن ئۆتىنىۋاتامسەن تېخى،  ئۆتۈنمىسەڭمۇ  ئۇنچىلىك  ياردەمنى  قىلمامتىم ساڭا،  مەكتەپ  يا  يىراق بولمىسا،  يەنىلا شۇ بۇرۇنقى  ئورنىدا،  ئىككى سەكرىسەم  مەكتەپكە چىقىمەن،  توختاپ تۇر  ھە،  مەن ھازىرلا چىقىپ كىرەي، -بۇسارەم شۇنداق  دەپ  تېلېفوننى قويىۋىتىپ،  پۇتىغا ئاياغ كىيىپلا  مەكتەپكە  ئالدىغا ماڭدى.  ئۇ مەكتەپكە بېرىپ  مەكتەپ دەرۋازىسىنى باقىدىغان  دەرۋازىۋەندىن  گۆھەرنىسا ئىسمىنى ئېيتقان،  مۇئەللىم ۋە خانىملارنى سوراپ يۈرۈپ  بىر خانىمنى تاپتى.  ئۇ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ  دەرۋازىۋەننىڭ  دېگىنى بويىچە  مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل  ئىشخانىنىڭ  ئالدىغا كىلىپ ئىشىك چەكتى.  ئىچىدىن كىرىڭ دېگەن ئاۋاز  ئاڭلانغاندىن  كېيىن  بۇسارەم  ئەدەپ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئىشخانىغا كىردى ۋە  ئورۇندۇقتا  ئولتۇرغان خانىمغا  سالام قىلدى.  -كىم بولىسىز خانىم؟  بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى، -دېدى  ئۇ خانىم  بۇسارەمگە قاراپ.  -سىلى  ھۆرىيەت خانىم  بولامدىلا؟ -دەپ  سورىدى بۇسارەم.   ئۇ خانىم  ئۆزى  شۇلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن  بۇسارەم  گۆھەرنىسانىڭ ئىلگىركى  مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىنى،  ۋە ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى  ، نېمە ئۈچۈن   ئۆزىنىڭ بۇ خانىمنى ئىزدەپ كەلگىنىنى ئېيتتى. بۇ خانىم بىردەم جىممىدە ئولتۇرۇپ قالغاندىن كېيىن.  -ھە  ئەمدى ئىسىمگە كەلدى،  ھىلىقى بىر كۆزى تولۇق  كۆرمەيدىغان،  يەنە بىر كۆزىمۇ رۇشەن كۆرمەي  غۇۋا  كۆرىدىغان  قىز شۇمۇ، نەچچە  يىللار ئۆتۈپ  كەتكەچكە  دەماللىققا ئىسىمگە ئالالماپتىمەن.  ئۇ قىز  گەرچە مىيىپ  بولسىمۇ بەكلا تىرىشچان  ئىدى.  مەكتەپتە  مىنۇت دەم ئالماي  قاچانلا قارىسىلا   ئادەم بەدىنى  مودىلىنىڭ  يىنىغا كىلىپ،  ئادەم بەدىنىدىكى  پەللىلەرنىڭ  ئورنى،  ۋە  فۇنكىسىسىيەلىك  ئورۇنلاشتۇرلىشى،  پەللىلەرنى قانداق ئۇۋىلاش،  قانداق  يىڭنە سانجىش قاتارلىق  ئىنچىكە  نوقتىلارغا  بەك دىققەت قىلاتتى. قاچانلا قارىسا قولىدا  كىچىك خاتىرە بار ئىدى.چۈشەنمىگەن  يەرلىرىنى خاتىرىگە  يېزىۋىلىپ  كىيىن بىزدىن سورايتتى.  ھەرقانداق  ئىش بولسا  تالىشىپ قىلاتتى.   ئەپسۇسكى  كېيىن  ئىمتىھان بېرىدىغان چاغدا  تۇغۇتى يىقىنلاپ  قىلىپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى كۆرۈپ باقمىدۇق،  مانا بۇ مەكتەپتە  شۇ چاغدىكى  ئوقۇتقۇچىلاردىن ساناقلىقلا  نەچچىمىز قالدۇق،  ھەممىسى پىنسىيەگە چىقىپ كەتتى. بىزنىڭ يېشىمىز پىنسىيە يېشىغا توشمىغاچقا  ئارقا سەپ خىزمىتىنى قىلىۋاتىمىز،  ھازىر  ياشلارنىڭ ئىددىيىسى ئىلغار،  غايىسى كۈچلۈك  شۇڭا  ئالدى سەپتىكى  ئىشلارنى ياشلار  قىلىۋاتىدۇ، -دېدى ئۇ خانىم.  بۇسارەم  بۇ خانىم بىلەن  بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن  تېلېفون نۇمۇرىنى سوراپ، گۆھەرنىساغا شۇ خانىمنىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەردى.  گۆھەرنىسا بۇ ھۆرىيەت خانىمغا تېلېفون قىلىپ  ناھايتى قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن  ، بىردەم ئۆز گەپلىرىنى  دېيىشىپ  پاراڭلاشتى. ئاندىن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى  ئېيتىپ  ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن  ھۆرىيەت خانىمنى ئىزدىگەنلىك  ئەسلى مەقسەتنى ئېيتتى.  ھۆرىيەت خانىم ھازىر  گۆھەرنىسانىڭ  ئىككىلا كۆزىنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇسارەممۇ ئۇنىڭغا  ئېيتمىغان،  گۆھەرنىسامۇ ئېيتمىدى، چۈنكى  ھۆرىيەت خانىممۇ  گۆھەرنىسانىڭ  كۆزىنىڭ  ئەھۋالىنى سورىمىغان ئىدى. ئۇ پەقەت بۇ تىرىشچان  ئوقۇغۇچىسىنىڭ  شۇنچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ  يەنە  شۇنداق ئۇلۇغۋار ئارزۇسى  بارلىقىدىن  پەخىرلىنەتتى.  ئۇنىڭ تېلېفوندا  جانلىق سۆزلىگىنىدىن  ئۇنى سالامەت ئىكەن،  دەپلا چۈشەندى.  بۇ خانىم ناۋادا  گۆھەرنىسانىڭ  يەنە بىر كۆزىنىڭمۇ ئەما بولۇپ قالغىنىنى بىلسە  قانداق  يول كۆرسىتەر بولغىيتى  ، بۇنىسى نامەلۇم ئىدى.

تايىرجان دىگەن باش سۈرەتنى بېسىپ كىرىپ،قوشۇش بەلگىسىنى بېسىپ، سالونىمىزغا ئەگىشىۋېلىپ،تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلاردىن ھوزۇرلىنىڭ





tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章