تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى
تايىرجان سالونى
ت
ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى
بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا
باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى
مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .
-
62.قىسىم
شاھزاد ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، خۇددى بىرەر مۇھىم قارار چىقارغاندەك چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ كارىدورغا كىردى.
بىرىنچى قەۋەت، ئىككىنچى قەۋەت، ئۈچىنچى قەۋەت...
ئۇنىڭ قەدىمى بەشىنچى قەۋەتكە چىققاندا، بىر ئادەمنىڭ قارىسى ئېتىلىپ كەلگىنچە،بىر قولىدا ئۇنىڭ بېشىنى يەنە بىر قولىدا پىچاقنى تۇتۇپ ئۇنىڭ بوينىغا تەڭلىدى.
-مەن بىلەن ماڭ.
شاھزاد قورقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،تەمكىنلىك بىلەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سوغۇق ئاۋاز بىلەن سورىدى .
-شەھىدە؟
كەينىدىكى ئايال تۇرۇپلا قېلىپ، سوغۇق كۈلۈپ ئېىغز ئاچتى.
-زادى ئەقىدەنىڭ ئوغلى -دە سەن، بەك ئەقىللىق ئىكەنسەن. ئەپسۇس،بۇ قىتىم دۆتلىك قىلدىڭ.
ئەمما شۇ پەيىتتە شاھزادنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىدى.
-بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قاراڭ!
شەھىدە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈردى.
ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى پەلەمپەيدە، ھۈسەن سوغۇق كۈلۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
-يەنە بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىپ قاراپ بېقىڭ.
بىنانىڭ ئاستىدا، ھەسەنمۇ سوغۇققىنە نەزىرىنى ئۇنىڭغا تاشلىغىنىچە، ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.شەھىدە شۇندىلا ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك سولتەك تەرىپىدىن قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ھىس قىلىپ،ئاچچىق كۈلگىنىچە سېسىق گەپ قىلدى.
-سىېنىڭ بۇ ئىككى ئىتىڭ ھەقىقەتەن ساڭا سادىق ئىكەن !
ئۇ راستىنلا چۈشەنمەيۋاتاتتى، بۇ ئىككى ئەرشۇنداق بەستىلىك، ھەر ئىككىلىسى قۇرامىغا يەتكەن ئادەم تۇرسا، قانداقسىگە بۇ ئالتە ياشلىق سولتەكنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ !
-مەن ئۇلارنى ئىت ئەمەس، دوست قاتارىدا كۆرىمەن. سىز ئۆزۈڭىز ئۈچۈن ئىش قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىت دەپ قارايدىغان ئوخشايسىز، پەرەز قىلىپ بىقىڭە، ئۇلار سىزنى چىشلىۋالارمۇ؟
شەھىدە شاھزادنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، بوينىغا پىچاق بىلەن تەڭلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تەمكىن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن،شەھىدەنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.
-ھۇ سولتەك، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىمگە ئىشەنمەمسەن؟
-مېنى ئۆلتۈرۈشىڭىزنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوق.
شاھزاد پەرۋاسىزلىق بىلەن گىپىنى داۋام قىلدى.
-سىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىڭىز ئاپامنى مەندىن ئەنسىرىتىش، مەن ئۈچۈن ياش تۆككۈزۈش، مەن ئۈچۈن يىغلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سىز ئۇنىڭ ئىلاجسىز قالغىنىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا مېنى بىر تەرەپ قىلۋەتمەكچى. ئەپسۇس، ئاپامنى ھەسەن بىلەن ھۈسەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ. سىز كۆرمەكچى بولغان مەنزىرىنىڭ بىرىنىمۇ كۆرەلمەيسىز.
شەھىدە چىشىنى چىڭ چىشلىگىنىچە،كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتتى.
-سەن مېنىڭ ئەقىدەنىڭ ئىلاجسىز قالغان تۇرقىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمنى قانداق بىلسەن،ئىشىنەمسەن مەن سېنى بىر پىچاق بىلەنلا بىر تەرەپ قىلالايمەن !
ھەسەن بىلەن ھۈسەننىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شەھىدە شاھزادنى تارتىپ بەشىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە چېكىندى.
-پاق!
ئاۋاز بىلەن تەڭ، شەھىدە ئىشىكنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئېچىۋەتتى.ئۆينىڭ چىرىغى يېنىغلىق ئىدى، شاھزاد تۆت ئەتراپقا سەپسالدى.
-چۈشتىن كېيىن ئىجارىگە ئالغان ئۆيمۇ بۇ؟ چاڭ-توزان بەك كۆپكەن.بۇ يەر ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدۇ، سىز مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى.ھازىر يا قاچالمىساق يا بۇ يەردە تۇرغىلى بولمىسا.
شاكىچىكنىڭ چىرايىدا مەسخىرىلىك كۈلكە جىلۋىلەندى.
-ھەقىقەتەن ياخشى ئامال تاپماپسىز،جۇمۇ!
-ئاغزىڭنى يۇم !
شەھىدە بىر تېپىك بىلەن ئۇنى يەرگە تىزلاندۇردۇرۇپ،ئۇنىڭغا تەھدىد ئارلاش ۋاقىردى.
-قۇرۇق گىپىڭ نېمىدېگەن كۆپ !يەنە قۇرۇق گەپ قىلىۋەرسەڭ سېنى بوغۇزلىۋىتىمەن !
ئۇ پۇشايمان قىلدى !ئۇ ئەسلى شاھزادقا تېلېفون بەرمەي ،شاھنازنى ئۇدۇللا تۇتۇپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلدى.بۇ سولتەك بەك ئەقىللىق، گېپىمۇ بەك كۆپكەن.
شەھىدەنىڭ كۈچى چوڭ بولغاچقا، شاھزادنىڭ كىچىككىنە بەدىنى يەرگە يىقىلىشىغا، ئاغرىقتىن ئۇنىڭ بەش ئەزاسى تولغىنىپ كەتتى.ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بىرىپ،كۈچەپ دىينىپ ئورنىدىن تۇرغاچ،ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى.كىچىك بالىنىڭ بۇ تۇرقىدىن شەھىدەنىڭ چىشىلىرى غۇچۇرلىغىنىچە كالپۇكىنى چىشلەپ، ئۇدۇل ئېتىلىپ كەلدى.
چاڭ چاڭ چاڭ !
بىر نەچچە شاپىلاق سالغاندىن كېيىن، شاھزادنىڭ يۈزى ئىششىپ كەتكەندىلا ئاندىن شەھىدە ئازراق ئاچچىقى يانغاندەك ھېس قىلدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىدىكى يۈزى تاياقتىن ئىششىپ كەتكەن بۇ كىچىك بالىغا قاراپ مەنمەنچىلىك بىلەن سورىدى.
-سەن بەك ئەقىللىق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى پەرەز قىلالايتتىڭغۇ؟ نېمىشقا يەنە ئەخمەقلەرچە گېپىمنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟
شاھزاد ئۇنىڭغا قاراپ گىپىگە رەددىيە بەردى.
-ئەگەر مەن كەلمىگەن بولسام، سىز شاھنازنى تۇتقۇن قىلاتتىڭىز،ياكى ئاپامنى قىلىشڭىزمۇ مۇمكنتى،ئۇلار ئايال كىشى، مەن ئەر كىشى.
شۇڭا جاپا تارتىش توغرا كەلسە،ئۇ ئۈستىگە ئېلىشقا رازى.بۇشاكىچىكنىڭ گەپلىرى شەھىدەنى كۈلدۈرۋەتتى.
-خىلى مەسئۇلىيەتچانلىقىڭ باركەن ھە! لېكىن ھەرقانچە ئەقىللىق بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا تاياق يەۋاتسەنغۇ؟
شاھزاد ئۇنىڭغا قاراپ كۆزىنى چىمىلدىتىپ قويدى.
-پەرەز قىلىپ بېقىڭە، مەن نېمىشقا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تاياق يىيىشكە رازى بولىمەن؟
شەھىدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،گەپ قىلمىدى.شاكىچىك سۇسلا كۈلۈپ قويۇپ ،ئۇنىڭغا كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلدى.
-بىنانىڭ ئاستىغا قاراڭ.
شەھىدە شۇندىلا ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ پەردىنى قايرىپ پەسكە قارىغىنىچە سورىدى.
-ساقچىغا مەلۇم قىلدىڭمۇ؟
-خاتا پەرەز قىلمىغان بولسام، ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئادەم شاھناز.
شاھزاد قوللىرىنى گىرەلەشتۇرۈپ تۇراتتى، گەرچە كۈلۈمسىرىگەن چىرايى تاياق دەستىدىن ئىششىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چىرايىدىن تەكەببۇرلۇق ۋە سوغۇققانلىق چىقىپ تۇراتتى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئەنزەرنىڭ تۇرقى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى.ئۇ قانچە سوغۇققان، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانسىرى شەھىدەنىڭ شۇنچە ئاچچىقى كەلدى.ئۇ ئەينى چاغدا ئەقىدەنىڭ ئەنزەرگە بالا تۇغۇپ بىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان.چۈنكى ئۇ ئەنزەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتە ئىپادىلىمىسىمۇ،بىراق ئاللىبۇرۇن ئەقىدەنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللاپ بولغانلىقىنى جەزىم قىلغانىدى.
ئەگەر ئەقىدە ئەنزەرنىڭ بالىسىنى تۇغسا ،بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئايال ئەقىدەنىڭ ئەنزەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ !شۇ سەۋەبتىن، ئۇ شۇنچە چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ ئەقىدەنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى !
نەتىجىدە ھازىر ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى.ئەقىدە ئۆلمەيلا قالماي ، تېخى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ.ئۇ يەنە تېخى بىر قىز بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ.ئۇنىڭ ئوغلى ئەنزەر بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن.بۇلارنى ئويلىسىلا، ھەسەتخورلۇق خۇددى زەھەرلىك يىلانغا ئوخشاش شەھىدەنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق چىرمىۋالدى.
ئۇ شاھزادنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىر قولىدا شاھزادنىڭ بوينىنى سىقىپ، يەنە بىر قولىدا مېۋە پىچىقىنى تۇتۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۇنىڭ يۇمران يۈزىگە تەڭلىگىنىچە قوقاق سالدى.
-ھازىر سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىمگە ئىشىنەمسەن؟
-ئىشىنىمەن.
شاھزاد بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.
-شەھىدە خانقىز، سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز؟ سىز ماڭا تېلېفون قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى باشقىلار نازارەت قىلىۋالدى. ھەسەن يان تېلېفونىنى سىزگە بەرگەندە، سىزگە تېگىپ كەتكەن، ئېسىڭىزدىمۇ؟
شەھىدەنىڭ كۆز قارچۇقى قىتىپلا قالغىنىچە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بايامقى كۆرىنىش كۆز ئالدىغا كەلدى.يان تېلېفون ئارىيەت ئالغان چاغدا، ھېلىقى سېسىق ئەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەندەك قىلغان.چۈنكى ھەسەن بىر نامرات ئامانلىق ساقلىغۇچى، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە تىگىپ كەتكەن چاغدا،ئۇ كۆزگە ئىلمىغان ھالدا،ئالىيىپ قويغانىدى.
-ئېسىڭىزگە كەلدى توغرىمۇ ؟
شاھزاد كۈلۈپ تۇرۇپ گىپىنى داۋام قىلدى.
-ئۇ سىزگە تەگكەندە، بەدىنىڭىزگە بىر ئۆزەك ئورنىتىلغان ،ئۇ سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىزنى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق قوبۇللىغۇچ ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز، نېمە دېدىڭىز، ھەممىسى ئۈنگە ئېنىلىپ،خاتىرلىنىپ مېڭىلىدۇ.
ئۇ بىر قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈپ، ھاڭۋېقىپ قالغان شەھىدەنىڭ نەزىرى ئاستىدا دېرىزىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ ئاستىغا قاراپ قويدى.
-سىزمۇ كۆردىڭىز، بىنانىڭ ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ساقچى. سىزنىڭ مېنى ئۆلتۈرگۈڭىز بارمۇ يوق، ئۆلتۈرەمسىز ياقمۇ،مەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيمەن.لېكىن مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، بۈگۈن ئەنزەر دىگەن داشقال ئەر سىزنى قوغدىيالمايدۇ.
ساقچىلار بۇ يەرنى قاتمۇقات ئورىۋالغانىدى.ئەنزەرنىڭ كۈچى ھەرقانچە زور بولسىمۇ،بۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ.شەھىدە ئۇنى تۇتقۇن قىلدى، ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى،بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ كومپيۇتېرىغا بىۋاستە كۆرسىتىلىپ بولغانىدى.
ئىسپاتلار تولۇق، ئادەمنىمۇ قولغا ئالالايدۇ.
ئۇ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەنزەرنىڭ يەنە شەھىدەنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.ئالدىنقى قېتىم ئۇ داشقال ئەرگە بەك ئىشىنىپ كېتىپ،ئاتالمىش دادىسىغا پۇرسەت بېرىشنى بەك ئويلاپ كەتكەچكە، شەھىدە شۇنچە ئۇزۇن قانۇنىي جازاغا تارتىلماي ئەركىن يايراپ يۈرگەن. ھازىر...
شاكىچىك بېشىنى كۆتۈرۈپ، تەكەببۇرلۇق ۋە كۆرەڭلىك بىلەن گىپىنى داۋام قىلدى.
-شەھىدە خانقىز، سىز قېچىپ كېتەلمەيسىز. بۇ قېتىم سىز قىلغان ئىشىڭىزغا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. بۇ قېتىم مېنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، يەنە ئالدىنقى قېتىم شاھنازنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىرىڭىزمۇ بار، يەنە...
شاھزاد شۇنداق دەۋىتىپ كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.
-يەنە ئالتە يىل بۇرۇنقى قاتناش ۋەقەسىمۇ بار.سىز بۇ جىنايەتلەرنىڭ بىردىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىز.
شەھىدەنىڭ بەدىنى قېتىپ قالغىنىچە مىدىرلىيالماي قالدى.ئۇ ھاڭۋاققىنىچە كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ، شاھزادنىڭ ئالىقانچىلىك كىچىك يۈزىگە قاراپ تەئەجۈبلەنگەن ھالدا سورىدى.
-سەن... ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىشلارنىمۇ بىلەمسەن؟
ئالتە يىل ئىلگىرى، ئالدىدىكى بۇ كىچىك بالا ئەقىدەنىڭ قورسىقىدا تۇرسا...
-ئاشكارلانمايدىغان ھەقىقەت يوق. مەن سىزنىڭ ئەنزەر بىلەن بىرلىشىپ قىلغان بارلىق يامان ئىشلىرىڭىزنى بىلىمەن.
شەھىدە قاپىقىنى تۈرۈپ، شاھزادقا تىكىلدى.بىر ھازادىن كېيىن،ئۇ ئەقلىنى تېپىپ شاكىچىكنىڭ گىپىنى ئويلىنىشقا باشلىدى.بۇ كىچىك سولتەك، ئۇنىڭ ئەنزەر بىلەن بىرلىشىپ قىلغان بارلىق يامان ئىشلىرىنى بىلىمەن دىدى.لېكىن، ئەنزەر بىلەن ئۆزى باشتىن-ئاخىر ئىككى دۇنيانىڭ ئادەملىرى.ئەنزەر ئىزچىل ئۆزى بىلەن چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىشقا تىرىشپلا كەلگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرسۇن؟
شۇڭا ....ئەقىدە بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرى ئەنزەرنى ئۇنىڭ بىلەن بىر شىرىك دەپ قارامدۇ؟
شەھىدەنىڭ كۆزلىرى قىسىلدى.ناھايىتى ياخشى !
ئۇ شۇ خىياللارنى قىلۋاتقان پەيىتتە،ئەينەكتىن پىچاق تۇتقان قولىغا ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كەلگەن بىر نەرسە تەگدى-دە،ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقمۇ ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق چىقىرىشى بىلەن تەڭ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
دەل شۇ پەيىتتە،ئۆينىڭ سىرتىدا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان ئالاھىدە ساقچىلار ئىشىكنى بۇزۇپ كىردى !قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان شەھىدەنى بىر نەچچە ئالاھىدە ساقچىلار بېسىۋالدى.
-شاھزاد !
ئالاھىدە ساقچىلار بىلەن بىللە بۆسۈپ كىرگەنلەر ئىچىدە يەنە ئەلفىرەمۇ بار ئىدى.
ئۇ ساراڭلارچە يۈگۈرۈپ كىرىپ، شاھزادنى باغرىغا باستى.
-ساڭا ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟
-ھېچنىمە بولمىدى.
ئەلفىرەنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ۋە تىترىگەنلىكىنى ھېس قىلغان بالا تەمكىنلىك بىلەن قولىنى كۆتۈرۈپ ئاپىسىنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ قويدى.
-قاراڭ، مەندىن ئازراقمۇ قان ئاقمىدى.
ئەلفىرەنىڭ بۇرنى ئېچىشىپ، كۆزلىرى قىزارغىنىچە كۆز يېشىنى توختىتالمىدى.ئۇ شاھزادنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن يۈزىگە، كالپۇكىدىكى قۇرۇپ كەتكەن قان دېغىغا قاراپ ئىچى سىيىرىلىپ كەتتى.
-يەنە تېخى ھىچ ئىش بولمىدى دەيسەنغۇ؟مەن دىگەنغۇ، ئاپاڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلالايدۇدەپ ! سەن نېمىشقا بۇ مەينەتچىلىككە قىتىلىسەن؟
ئەگەر شاھزادقا بۈگۈن كەچتە راستىنلا بىر ئىش بولسا، ئەقىدە راستىنلا ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى،ئەگەر راستىنلا ئوغلى پىشكەلچىلىككە يولۇققان بولسا، ئۇ بۇ ئۆمرىدە ئۆزىنى كەچۈرمەيدۇ !
-مەن ئەر كىشى تۇرسام !
شاكىچىك ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قولىنى كۆتۈرۈپ ئەلفىرەنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى.
-ئىلگىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ قەستلەيدىغان ئوبيېكتى سىز بىلەن شاھناز ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئاخىرى مېنى تاپتى، مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن؟
ئۇ بىلىكىنى چىقىرىپ، ئەلفىرەنىڭ مۈرىسىدىن ئاستا قۇچاقلاپ تەسەللى بەردى.
-ھېچ ئىش يوق.... مەن دېگەن ئوغۇل بالا، بۇنچىلىك يارا ھېچقانچە ئىش ئەمەس.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، كۆزىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك سىرتىغا قاراپ قويدى.
كارىدوردا ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى.
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، ئۇ بىر قاراپلا توخۇنىڭ ئىچگە كىرۋالغان خورازدەك تۇرغان ھېلىقى ئەرنى كۆرگەندەك بولدى.ئۇ پۈتۈنلەي كۆلەڭگە ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ،شاھزاد ئۇنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرەلمىدى.لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ،شاھزاد ئۇنىڭ ئۆزگىچە بەدەن تۇرقىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلالايتتى.
شاكىچىك ئاۋازىنى پەسەيتىپ، ئەلفىرەنىڭ قۇلىقىغا ئاستا ئېغىز ئاچتى.
-چوڭ ئاكام شەھىدەنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ، ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ پوچتا ساندۇقىغا يوللاپ بەردى. بۇ قېتىم ئەنزەر ئۇنى قوغدايمەن دېسىمۇ، ئۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
ئەلفىرە تۇرۇپلا قېلىپ،بىر ھازادىن كېيىن،ئاندىن شاھزادنىڭ گىپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى.بۇ كالۋا، ئۆزىنى يەمچۈك قىلىپ، شەھىدەگە ئىلگىرى شاھنازغا قىلغان رەزىل ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم قىلغۇزدىمۇ. شۇنداق قىلىپ، شەھىدە رەددىيە بېرەلمەيدىغان،ئەنزەر ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدىغان ئىسپاتقا ئېرىشتىمۇ.ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئەلفىرەنىڭ كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز ئېقىشقا باشلىدى.
-مەن سېنى ئەقىللىق دەيمۇ ياكى ئەخمەق دەيمۇ؟
-ھەم ئەقىللىق، ھەم ئەخمەق، سىزگە ئوخشاش.
شاھزاد بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەلفىرەنىڭ يۈزىگە يېنىك بىرنى سۆيۈپ قويۇپ،گىپىنى داۋام قىلدى.
-ئەگەر مەن ئەنزەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسام، ئالدىنقى قېتىم شەھىدەنى قاچۇرۇپ قويمىغان بولاتتىم. ئاپا،مەن سىزگە ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
ئوغلىنىڭ گېپى ئەلفىرەنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق تىترىتىۋەتتى.ئۇ كالپۇكىنى چىشلىگىنىچە ئوغلىنىڭ بەدىنىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى،بىر نېمە دېمەكچى بولدى-يۇ، لېكىن ھېچنېمە دېيەلمىدى.
-بىراق ئاپا...
شاكىچىك بۇرنىنى تارتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەلفىرەنىڭ قۇلىقىغا يىنىككىنە ئېغىز ئاچتى.
-مەن سەل ھېرىپ قالدىم... ئاۋال ئۇخلىغاچ تۇراي.
گەپ تۈگىگەندىن كېيىن، شاھزادنىڭ بەدىنى بىشارەتسىز ھالدا يەرگە يىقىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئەلفىرە دەرھال ئېسىنى يىغىپ، ئۇنى تۇتۋالماقچى بولدى،بىراق بىر جۈپ ئەرنىڭ چوڭ قولى ئۇنىڭدىن ئىتتىك چىقتى.ئەنزەر ھوشىدىن كەتكەن شاكىچىكنى باغرىغا باسقىنىدا، ئەلفىرەمۇ ئېسىگە كېلىپ، دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
-رەھمەت.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە،بالىنى ئەنزەردىن ئېلۋالماقچى بولۇپ،قولىنى سوزۇپ،شاھزادقا ئۇزاتتى.ئەمما ئەنزەر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپلا، بۇرۇلۇپلا چوڭ قەدەم بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى.
-ماڭا يىتىشىڭ.
ئەلفىرە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈن-تىنسىز ھالدا پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
-شەھىدە! شەھىدە!
ئەلفىرە ئىشىكتىن چىققان شۇ دەقىقىدە، رەھىمە خانىمنىڭ ساراڭدەك ئۆيگە قاراپ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن شۇ دەقىقىدە، رەھىمە خانىمنىڭ مۈرىسى ئەلفىرەگە قاتتىق ئۇرۇلدى. لېكىن رەھىمە خانىمنىڭ ھازىرقى كۆزلىرى ھىچنىمىنى كۆرمەيتتى.ئۇ ئەلفىرەگىمۇ قاراپمۇ قويماي، ساراڭدەك ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ،ئۆزىنى شەھىدەگە ئاتتى.
-شەھىدە! قانداق ئەھۋالىڭ؟ دوختۇر، تېز دوختۇرنى ئىزدەڭلار ! قىزىمنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ !
رەھىمەنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئەلفىرە كۆزىنى ئاستاغىنە يۇمىۋالدى.ئۇ بايام ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى چېغىدا رەھىمە خانىمدىن : «ئەقىدەنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ باققانمۇ؟» دەپ سورىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.
ئېرىشكەن جاۋابى : ياق.
ئۇ ھادىسىگە ئۇچرىغاندا، رەھىمە بىر تامچىمۇ ياش تۆكمەپتۇ.رەھىمە بۇنى ئۇنىڭغا، ئۇ چاغدا ئەقىدەنى ياخشى بالا ئەمەس دەپ ئويلاپ، ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن كۆڭلىم يېرىم بولمىدى، دەپ چۈشەندۈردى.
بىراق، بۈگۈن شەھىدە ھادىسىگە ئۇچراشتىن بىر سائەت بۇرۇن، ئۇ رەھىمەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا شەھىدەنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەھىدەنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرگەنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتقانىدى.
لېكىن نەتىجىسىچۇ؟
شەھىدەنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، شەھىدەنىڭ قايتا قايتا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغىنىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما شەھىدە يارىلانغاندا، رەھىمە خانىم يەنىلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
ئېھتىمال ئۇ بۇ ئۆمرىدە شەھىدەگە يەتمەيدىغاندۇ؟ شۇلارنى ئويلىغاچ،ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇ ئەنزەرگە ئەگىشىپ ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا غۇيۇلداپ دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.