دىللاردا سەنەم39-قسىم

文摘   2024-10-31 20:57   湖北  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم

ـ -بۇ گەپنى ئاڭلىغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچىگە يۇتۇپ كېلىۋاتقان ئاچچىقى بىراقلا دەۋرەپ قوپتى.

-مەن ئاشۇ كەلگۈندى باقما شۇم ئېمىپ ئاشقان سۈتنى ئۆز بالامغا ئېمىتەمدىكەنمەن؟ ئۇخلاپ چۈشى! قورسىقىمدىكى بالىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئايچېھرە بالامنى ئۆزۈم ئېمىتسەم ئېمىتىمەنكى، ئۇ خوتۇنغا ھەرگىز ئېمىتكۈزمەيمەن، مۆرىتى كەلسە ئانامنىڭ مەھەللىسىدىن تاپقۇزۇپ ئەكەلدۈرۈپ، قەسىرنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ بالىنى بېقىپ بېرىدىغانغا تايىن تاپقۇزساممۇ بولىۋېرىدۇ، بەك تېپىلماي قالسا بۇلماق ئېتىپ، ياڭاق بىلەن قوشۇپ نان سوققۇزۇپ، كالا يا ئۆچكە سۈتى ئىچكۈزۈپ بولسىمۇ باقىمەنكى، ھەرگىز ئۇ خوتۇنغا ئېمىتكۈزمەيمەن، تالادىن تېرىپ ئەكەلگەن ئاشۇ شۇممۇ شۇ خوتۇننى ئەمسە، مېنىڭ بالاممۇ ئاشۇ خوتۇننى ئەمسە، قانداق دېگەن گەپ بۇ؟ مەن ئۇ پەسلەرگە قوشۇپ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنىمۇ پەسلەشتۈرۈپ يۈرمەيمەن، تاپساق يېڭى ئىنىك ئانا تاپىمىز، ئۇنىڭغا بولمىسا بالىنى ھېچكىمگە ئېمىتكۈزمەي باقىمەن، ئۆزۈم تۇغقان بالىنىڭ غېمىنى ئۆزۈم قىلاي، بۈزرۈك ئانام ئاۋارە بولمىسۇن،- دېدى ئۇ قەھرى- غەزەب بىلەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ.

گۈلساھىپخان قېيىنئانا- كېلىن ئىككەيلەننىڭ رەنجىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مېھرىيار ئاغىچا خېنىم ئېيتقان ئۇ گەپلەرنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ، بىرىنىمۇ سائادەت خېنىمغا يەتكۈزمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئايسەنەم خېنىمنى ئېمىتىۋاتقان ئىنىك ئانىنىڭ قۇلىقىنى تولغاپ شۇ ئايالغا:

-ئەگەر سائادەت خېنىم سوراپ قالسا «ئايسەنەم خېنىمنىمۇ، ئايچېھرە خېنىمنىمۇ ئۆزۈم ئېمىتىۋاتىمەن، سۈتۈم يەتمىگەن يەرگە ئاشخانىدىكىلەر سۈت بولىدىغان ياخشى تاماقلارنى قىلىپ بەردى، شورپا، سۈتلۈك سۇيۇقئاش دېگەندەكلەرنى ئېتىپ بېرىپ مېنىمۇ ياخشى بېقىپ سەمرىتىۋەتتى مانا» دەپلا قويۇڭ جۇمۇ! سىزنىڭ ئايسەنەم خېنىمنى ئېمىتىپ، ئايچېھرە خېنىمنى بۇلماق بىلەن بېقىۋاتقىنىمىزنى بىلسە بۈزرۈك خانىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز ئىزا ئاڭلايمىز،- دېدى.

گەپلەر شۇنداق تايىن تاپتى. سائادەت خېنىم ئىنىك ئانىدىن قايسى بالىنى ئېمىتىپ، قايسىنى ئېمىتمەيۋاتقانلىقىنى سوراپمۇ يۈرمىدى. ئىشقىلىپ ئىككىلا بالىنىڭ تېنى ساق، ياخشى بېقىلىپ كېتىۋاتقاندىن كېيىن ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بىلەن گۈلساھىپخان بار دەپ ئويلاپ، ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈپمۇ ئولتۇرمىدى. بىراق ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان، يەنە كېلىپ ھامىلدارلىق ئۈستىدىكى سۈتنى بىرەر مەزگىل ئېمىپ ئىچى سۈرۈپ، قۇسۇپ دېگەندەك پاراكەندىچىلىكلەرنى تارتىۋالغان ئايچېھرە خېنىمنىڭ سالامەتلىكى ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئارىلاپ- ئارىلاپ ئاشقازىنى ئاغرىپ، يېگۈزگەن نەرسىلەر سىڭمەي قۇسۇپمۇ قالاتتى. بەزىدە قورسىقى تويمىغانلىقتىن ئۇخلىيالماي، كېچە- كېچىلەپ يىغلاپمۇ چىقاتتى. ئەڭ يامان بولغىنى بۇ قىزغا كالا سۈتىمۇ زىيان قىلىدىغان بولۇپ، سۈت ئىچكۈزسىلا دەرھال ئىچى سۈرۈپ قالاتتى ھەم ئۇدا نەچچە كۈنگىچە قىزىتمىسى ئۆرلەيتتى.

مۇشۇنداق جاپا- مۇشەققەتلەر بىلەن ئاغرىق دەردىنى بىچارە ئايچېھرە خېنىم ساق بىر يىل تارتتى. ئەمەلىيەتتە، ئايچېھرە خېنىم ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئەمسە بولمايدىغان بولۇپ قالغان شۇ مەزگىللەردە ئايسەنەم خېنىم ئاللىقاچان بىر ياشقا كىرىپ نەچچە ئايلىق ئاشقان بولۇپ، ئۇمۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىۋاتقان، ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بۇلماق، سوققان نان، شورپىغا قوناق ئۇنى چېلىپ ئەتكەن ئۇماچ، شويلا قاتارلىق تاماقلارنى ئوبدان يەپ تېنى ساق تۇرىۋاتقان ئىدى. ئىككى بالا بىر ئىنىك ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمسە ئەلۋەتتە بولاتتى. ئايسەنەم خېنىممۇ باشقا تاماقلارغا ئوبدانلا كىرىشىپ بولغان بولغاچقا، ئانا سۈتىگە ئۇنچىۋالا ئېسىلىۋالمايتتى. دېمەك، ئايچېھرە خېنىمغا تامامەن يېتىدىغان بۇ سۈتنى مېھرىيار ئاغىچا خېنىم قەستەندىن قەستەنگە ئەمگۈزمىدى. ئانا سۈتىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ كەتكەن، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئايچېھرە خېنىم شۇ سەۋەبتىن كىچىكىدىنلا كېسەلچان، ئاجىز، ئورۇق ئىدى. مانا ھازىر ئىككى بالىنى مەكتەپكە بېرىدىغانغا توغرا كەلگەندە، گەرچە يەتتە- سەككىز ئايلىق پەرق دېگەننىڭ كارايىتى چاغلىق بولسىمۇ، بۇ ئىككى بالىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدا غايەت زور پەرق كۆرۈلىۋاتاتتى. ئايسەنەم خېنىم بۇدۇرۇق، تېمەن، بويى ئېگىز، ئەمما ئايچېھرە خېنىم خۇددى سايىدا قالغان قوناق شېخىدەك ئورۇق، ئاۋارى، ناھايىتى نىمجان ئىدى.

مانا ھازىر بۇ پەرقلەر بىلەن كارى يوق ھالدا مېھىرىيار ئاغىچا خېنىم سەيدۇللا باي بىلەن ئۇرۇشۇپ، «مەكتەپكە بەرسەك ئىككى بالىنى تەڭ بېرىمىز، ئەگەر بىرىنى بېرىپ، بىرىنى بەرمەيدىغان ئىش بولسا ئىككىلىسى بارمايدۇ» دەپ ساراڭلىق قىلىۋاتاتتى.

مۇشۇ جېدەللەر داۋامىدا ئايسەنەم خېنىمنىڭمۇ مەكتەپكە كىرىشى ئىككى يىل كەينىگە كېچىكتۈرۈلدى. شۇڭا ئۇ توققۇز ياشقا، ئايچېھرە خېنىم سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى ئاندىن مەكتەپكە بېرىلدى. ئەمما بۇ چاغدىمۇ بالىسىنى يالغۇز مەكتەپكە ئەۋەتىپ قويۇشتىن خاتىرجەم بولالمىغان مېھرىيار ئاغىچا خېنىم مەخسۇس بىر ھارۋا ئاجرىتىپ، دېدىكى ھەبىبەنى ھەركۈنى ئەتىگەندە شۇ ھارۋىنى ھەيدەپ بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشقا، كەچتە مەكتەپتىن قويۇپ بېرىدىغان چاغدا يەنە ھارۋىلىق بېرىپ بالىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن بۇ ھارۋا پەقەت ئايچېھرە خېنىم ئۈچۈنلا خىزمەت قىلاتتى ۋە ئايسەنەم خېنىمنىڭمۇ بۇ ھارۋىغا چىقىپ مەكتەپكە بىللە بېرىشى چەكلەنگەن ئىدى.

دەسلەپتە مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ بالا ئۈچۈن ھارۋا ئاجراتقانلىقىنى بىلگەن سائادەت خېنىم خوش بولۇپ، «ئىككى بالا پىيادە قالمايدىغان بوپتۇ» دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق تۆت- بەش كۈن شۇ خىلدا داۋاملاشقاندىن كېيىن، بۇ ئىش سائادەت خېنىمنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۈچىنچى بالىسىنى يېڭىلا يەڭگىگەن، بالىسىنى سائادەت خېنىمنىڭ يېنىدا ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۆزى قەسىرنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغىلى چىقىپ كەتكەن ئامانەم چىرايى سۇلغۇن ھالدا شۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كىردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان سائادەت خېنىمنىڭ غەزەبتىن چىرايلىرى كۆكىرىپ كەتتى. ئۇ دەرھال ھەبىبەنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا:

-سەن بۈگۈندىن باشلاپ ھېچ يەرگە بارماي، قەسىردە تۇرۇپ مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىسەن، ھارۋىنى ھەيدەپ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئىشقا غاپپار مەسئۇل بولىدۇ، ئەجەبا بۇ ئۆيدىكى ئات ھارۋىلار مەخسۇس مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، سەيدۇللا باينىڭ بالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلمامدىكەن؟ ئات ھارۋا ھەيدەش دېگەن ئەرلەرنىڭ ئىشى، سەندەك مۇشتۇمچىلىك بىر قىز بالىغا نېمە قويدى ئات ھارۋىسى يېتىلەپ يۈرۈپ؟ يولدا ئات چاپچىپ ھارۋا ئۆرۈلۈپ كېتىپ بالىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويسا قانداق قىلىسەن؟ ماڭ، چىقىپ ئاغىچا خېنىمىڭغا دە! بۈگۈندىن باشلاپ ھېچ يەرگە بارماي ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىسەن،- دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئايسەنەم خېنىم بىلەن ئايچېھرە خېنىم بىر ھارۋىدا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىغان بولدى. ئەمما بۇ ئىشتىن مېھرىيار ئاغىچا خېنىمنىڭ يۈرىكى شۇنچىلىك ئېچىشىپ كەتتىكى، ئۆز بالىسىنىڭ شۇنداق بىر باقما بالا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ قالغىنىدىن ئۇ گويا چايان چاققاندەك بىئارام بولماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بىچارە كېلىن ئاغىچا يا قېيىنئانىسىغا قارشى چىقالمىدى، يا بۇ دەردىنى ھېچكىمگە دېيەلمىدى. (36-باب تۈگىدى)


37-باب

ئېزىز مىسگەر شەرۋانەمنىڭ مەھەللىسىدە


(57)


شەرۋانەم ياقۇپ گەزمالچىغا دادىسىغا ئوخشاش يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرۈنىدىغان، ئۇستىخانلىرى چوڭلا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا بىر ياشقا كىرگەندە ئېغىرلىقىدىن ھەتتا ئانىسى ئۇنى كۆتۈرۈپ سىرتلارغىمۇ چىقالمايتتى. بالىلىق بولغاندىن كېيىن شەرۋانەم بازارلارغا بارماقچى بولسىمۇ ياقۇپ گەزمالچى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ھارۋىسىنى قوشۇپ، بالىنىمۇ بىللە ھارۋىغا ئېلىپ، ئاتايىن ئۆزى ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن شەرۋانەمنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ مەھەللىسى بولغان باش مەھەللە خەلقى ۋە ھاشىم قەقەچنىڭ مەھەللىسى بولغان يەنە بىر مەھەللىدىكى بارلىق كىشىلەر شەرۋانەمنى ئېرى ۋە بالىسى بىلەن بىللە پات- پات بازاردا كۆرىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن شەرۋانەم، ھاشىم قەقەچ، ئېزىز مىسگەر ھەققىدىكى غەيۋەتلەر يەنە غولداپ، ئەمدىلەتىن ئۇنتۇلىۋاتقان ئۇ گەپلەر يەنە بىخلاپ چىقىشقا باشلىدى. «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» دېگەندەك، بۇ گەپلەر ياقۇپ گەزمالچى بىلەن شەرۋانەمنىڭ قۇلىقىغا يەتمىدى. ئەمما ھاشىم قەقەچ ۋە ئۇنىڭ شەرۋانەمدىن ئاجرىشىپ كېتىپ ئالغان خوتۇنى ھەم ئانىسى، ئېزىز مىسگەر ھەم ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ غەيۋەتلەردىن ئۇدۇللۇق خەۋەر تېپىپ تۇراتتى. بۇ غەيۋەتلەر تۈپەيلىدىن ھاشىم قەقەچنىڭ ئانىسى ۋە ئېزىز مىسگەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بازارغا بارغۇسىز، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان تونۇش- بىلىشلەر، خوشنىلار بىلەن سالاملاشقۇسىز بولۇپ كەتتى. غەيۋەتلەرغۇ مەيلى ئىدى، ئەمما بۇ ئىككىلى ئۆيدىكى كېلىن تا مۇشۇ كەمگىچە ئېغىر ئاياغ بولمىغان بولۇپ، ھەتتا ھاشىم قەقەچنىڭمۇ چاشقاننىڭ بالىسىغا چاغلىق بىرەر ئەۋلادى يوق ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەب ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ، شەرۋانەم كۆتۈرۈپ يۈرگەن ھېلىقى پاقلاندەك ئوغۇل ھەققىدىكى ھەررەڭ- سەررەڭ گەپلەرگە ئىچى قايناپ قالغان ئىدى.

ئوخشاشلا مۇشۇ گەپلەرنى تولا ئاڭلاۋېرىپ ئاچچىقى كېلىپ چىدىيالمايلا قالغان ئېزىز مىسگەر كىشىلەردىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە شەرۋانەمنى ماراپ ئۇدا نەچچە ھەپتە بازارغا باردى. ئۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا شەرۋانەمنى چوڭ بىر بالىنى يېنىدا تۇتۇپ ھارۋا ئۈستىدە ئولتۇرغان ھالىتىدە كۆردى ۋە ئىچى مۇچ سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن دۇنيا ئۆز جايىدا توختاپلا قالغاندەك، بازاردىكى پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى يوقتەك، پەقەت شەرۋانەم، ھېلىقى بالا ۋە ئۆزىلا مەۋجۈتتەك، تامام دۇنيانى ئۇنتۇغان ئىدى. بۇ زادى قانداق گەپ بولۇپ كەتتى؟ توي قىلغىنىغا شۇنچە يىللار بولسىمۇ خوتۇنى ئۇنىڭغا بىرمۇ بالا تۇغۇپ بەرمىسە، ئەمدى كېلىپ ئۆزى بۇرۇنلاردا ئويناپ تاشلىۋەتكەن، قىلچە ياراتمايدىغان كۆزگە ئىلماي ھەتتا ئىزدەپ كەلسىمۇ دىۋانىنى سىلكىگەندەك سىلكىپ، ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلايدىغان بۇ ئايال ئەمدى خەقتىن بالا تېپىپ، كۈپتەك چوڭ بىر ئوغۇللۇق بولسا... خەقلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەقىقەتەن بىكار كۈلمەپتۇ. تازا جايىدا زاڭلىق قىلىپ، جايىدا سۆزلەپتۇ. بۇ تۇرقىدا مۇشۇ يەردىن يېنىپ ئۆيگە بېرىشمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ ئۆتۈشمۇ نە ئات، نە نومۇس ھە!...

يۈرىكى ئېچىشىپ نەپەس ئالغۇدەك ھالىمۇ قالمىغان ئېزىز مىسگەر ھېچكىمگە كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن لېۋىنى چىشلىگەن پېتى كەينىگە ياندى. ئۇ بازاردىكى سودىلىق ۋە باشقا ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ، شۇ يەردىن يانغان پېتى ئۇدۇل ئۆيگە كېلىپ توختىدى. بۇيرۇغان نەرسىلىرىنى ئالماي، ئۆينىڭ ھەپتىلىك سودىلىقلىرىنىمۇ قىلماي قۇرۇقلا يېنىپ كەلگەن ئېرىگە ماھىنۇر خېنىم چالۋاقاپ بىردەم كايىدى. «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك، ئۆز ئەلىمىگە چىداپ بولالماي ئاران تۇرغاندا خوتۇنىنىڭ بۇ قېلىقى ئۇنى ئوبدانلا قىزىتىپ قويدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنلاردا ماھىنۇر خېنىمنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە ئۇلارنىڭ يۈز- ئابرويىدىن ئەيمىنىپ قىزىنى تاك ئېتىپ چېكەلمىگەن ئېزىز مىسگەر يىللاردىن بېرىقى بالا تۇغۇپ بەرمەسلىك، بىرنەرسە سۈڭگۈتمىسە يوتقانغا سولىماسلىق ھەم ئەرلىك نوپۇزىنى كۆزگە ئىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇنى پات- پات ئوچۇغداپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. مانا ھازىرمۇ قايناپ تاشالماي ئارانلا تۇرغان ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېكىرگىچە تاياق يەپ، قاش- كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋالدى. بۇنداق چاغلاردا ئاساسەن ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي كۆنگەن ئاتا- ئانا ئۆيدە قىيا- چىيا باشلىنىشى ھامان بىرسى تاغارنى ئېلىپ ئېتىزلىققا، يەنە بىرسى ئېشىكىنى يېتىلەپ ئېرىق بويىغا ماڭدى...

بولىدىغان جېدەل بولۇپ، ئۇرىدىغان خوتۇننى دەردى چىققۇچە ئۇرۇپ بولغان ئېزىز مىسگەرنىڭ ئۆيدە ئولتۇرغۇسى كەلمىدى. ئۇ تەلپىكىنى سىڭاقىرلاپ كىيىپ، ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتقىنىچە ئىشىكتىن چىقتى ۋە ئۆزىمۇ بىلمەي بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ شەرۋانەم توي قىلىپ كەلگەن يېڭى مەھەللىگە كېلىپ قالدى. گەپ بۇ يەرگە يەتكەندە يەنە شۇ مەلۇم بولسۇنكى، ئېزىز مىسگەر بۇنىڭدىن بۇرۇنلاردىمۇ شەرۋانەمنىڭ يېڭى مەھەللىسىنى، يېڭى ئۆيىنى خېلى ئەگىپ باققانىدى. «كۆيگەن يەرنىڭ كۈلى قاپتۇ» دېگەندەك، ئۇ ئەزەلدىن شەرۋانەمنى ئۇنتۇپ قالالمىغان ھەمدە «مۇشۇنداق كۆزىگە كىرىۋېلىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرىۋەرسەم، ھامان بىر كۈنى ماڭا ئېرىيدۇغۇ...» دەپ ئويلاپ قالغانىدى. شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نەچچە ئايلارنى مۇشۇ تەرەپلەرگە سوكۇلداپ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، شەرۋانەمنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىش تۈگۈل مۇنداقلا بىر قاراپمۇ قويمىغىنى، يەنە تېخى ياقۇپ گەزمالچىغا پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگىنى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

(58)


ھويلىدىكى سۇپىدا ئۇخلاۋاتقان بالىسىغا قارىغاچ قوناق ئادالاۋاتقان شەرۋانەم كىمدۇر بىرسىنىڭ يولدا، دەرۋازا ئالدىدىن ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا ئۆتۈپ لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى، پات- پات دەرۋازا يوچۇقىدىن ھويلا ئىچىگە قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ سەل دەككە- دۈككە بولدى. ياقۇپ گەزمالچى بازارغا كەتكەن، بۇلار توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىنلا ئۆي ئايرىپ چىقىپ ئولتۇرغان بۇ ئۆيدە بۈگۈنكىدەك كۈندە شەرۋانەم بىلەن ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بالىسىدىن باشقا ھېچكىم بولمايتتى. بازار كۈنىدە ئېرىنى ئىزدەپ بۇ ئۆيگە كېلىدىغانلار تېخىمۇ بولمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ ئىشتىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، قولىدىكى غەلۋىرنى قويۇپ ئاستاغىنە دەرۋازا تەرەپكە سىلجىدى. بۇ چاغدا جېققىدە دۆۋىلەپ قويۇلغان قوناقلارنىڭ قېشىدا شەرۋانەمنى كۆرمىگەن ئېزىز مىسگەر ھەيران بولۇپ دەرۋازا ئىچىگە بويۇنداپ قاراۋاتاتتى. دەل ئۇنىڭ بويۇنداپ قارىشىغىلا دەرۋازىغا يېقىن كېلىپ قالغان شەرۋانەم ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن چۆچۈدى ۋە ۋارقىرىۋەتتى:

-ۋاي ئانىمەي! نەدىن پەيدا بولدۇڭ سەن ئىت پۇشتى؟ شەپە قىلمايلا كىرىپ ئەجەب قورقاتتىڭا؟ پوق بار دەپ مارامسەن مېنىڭ دەرۋازامنى؟







tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章