شۇ جاي ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بويىچە ئوچۇق يىغىن ئاچتى. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىسى مەنسۇر يىغىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىدىن: «ئەجەبا بىزنىڭ ئىسسىق قېنىمىز بىھۇدە ئاقامدۇ؟ پۇقرالىرىمىز قوغداشقا ئەرزىمەمدۇ؟ ھاياتىمىزنىڭ ھېچقانداق قەدىر-قىممىتى يوقمۇ؟ سىلەرئۆلۈمىمىزگە كۆنۈپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى كۆزگە ئىلماسلىقىغا، ھاقارەتلىشىگە كۆنۈپ قالغان تۇرۇقلۇق، يەنە قوللاشقا ئېرىشىشنى كۈتۈۋاتامسىلەر؟》دەپ سورىدى .