消费品以旧换新丨新疆已有3万多辆汽车申请以旧换新 带动汽车消费超30亿元

文摘   2024-11-11 21:13   新疆  

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | شىنجاڭدا 30 مىڭدىن ئارتۇق كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماس قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

消费品以旧换新丨新疆已有3万多辆汽车申请以旧换新 带动汽车消费超30亿元


مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەرگەن. 

ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 9300دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، 163 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلگەن؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 21 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، جەمئىي 330 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنىپ، 2 مىليارد 910 مىليون يۈەنلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە دۆلەتتىن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 101 مىڭ بولۇپ، 90 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، 502 مىليون يۈەنلىك  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان؛ ھازىر ئاپتونوم رايوندىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى 40 مىڭ بولۇپ، 25 مىليون 450 مىڭ يۈەن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، 220 مىليون يۈەنلىك  ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.

推荐阅
小区变“大区”!特克斯县小区“拆墙并院”提升居民幸福感

特克斯县包扎得尔:大自然的雄伟印记





来源 / 石榴云平台
编辑 / 得力胡玛尔  古力尼克尔(实习)
校对 / 佳佳
责编 / 李克俭

监制 / 热斯克力德

你点的每个在看,我都认真当成了喜欢

特克斯零距离
一座奇特的城池,一片广袤的土地,魅力小城,和谐特克斯,爱特克斯,宣传特克斯!
 最新文章