2032-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى راستىنلا دۆلىتىمىز ئۆتكىزەمدۇ

文摘   2024-10-16 21:28   新疆  



پاسىبان سالۇنى تەرجىمىسى

ت. 2032ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدىغان دۆلەت يوق، ئولىمپىك كومىتىتى  جۇڭگونى ئەسكە  ئالدى.

ت.1896ـ يىلى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خەلقارادىكى ئورنىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولىغا ئايلاندى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقارادىكى ئورنىنى تېز ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇڭا ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىلغا ئېلىنسا، ئېلىمىز بىردىن بىر ئۇيۇشتۇرغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قان ـ تەرى سىڭگەن بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەپ باھالاندى، ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ئوڭۇشلۇق بولمىدى، 1993ـ يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم خەلقارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىغا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

بىراق ئەينى چاغدا ئىككى بېلەت پەرق بىلەن سىدنېيغا ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز يىلدا بىز ئولىمپىك كومىتېتىغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى توختىماي ئىلتىماس قىلدۇق، 2001ـ يىلىغا كەلگەندە ئاندىن 2008ـ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق، بۇ جەريان ئاسان ئەمەس. ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۆلەتمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، 2003ـ يىلىدىن باشلاپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كېرەكلىك نۇرغۇن تەنتەربىيە مەيدان ـ سارايلىرىنى سېلىشقا باشلىدى،

 مەسىلەن، چاڭگا مەيدانى، سۇ كۇپى، بېيجىڭ ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلار 2008ـ يىلىنىڭ بېشىدا بۇ قۇرۇلۇشلار تولۇق پۈتتى، قۇرۇلۇش مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، 2008ـ يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. بۇ دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ئەلۋەتتە چىقىممۇ ناھايتى كۆپ بولۇپ، ھەتتا بۇ سانلىق قىممەت  ئاسترونومىيەلىك سان ھالىتىگە يەتتى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 200 مىليارد يۈئەندىن ئارتۇق چىقىم كەتكەن، بۇنىڭ بەدىلى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 2012ـ يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن 2016ـ يىللىق رىئودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش نۆۋىتى كەلدى، بىراق بۇ ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەر ئىككىسىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمىدى، ھەتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى تەرىپىدىن بەس ـ بەستە تىلغا ئېلىندى، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن بولغان.

ئەينى چاغدا ئەنگلىيە بىلەن برازىلىيە نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈپەت جەھەتتە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەتمەيتتى، رېئودى-ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھەتتا مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئولتۇرشۇپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدىدى. 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، چىقىم خامچوتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن ئېشىپ كەتتى ياپونىيە ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ياخشىچاق بولۇش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالدى، نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغان سانسىزلىغان دۆلەتلەرنى قورقۇتۇۋەتتى، 2024ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى پەقەت فىرانسىيەدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەت ئىلتىماس قىلدى، 2028ـ يىلىدىكى يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھەتتا خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى كۆپ قېتىم لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ باشلىقىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلدى ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئولمپىك كومىتىتى لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسىم چىقىملىرىنى تولۇقلاپ بېرىشكە ماقۇل بولغان، ئەمما 2032ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئىلتىماس قىلمىغان، بۈگۈنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قولنى كۆيدۈرىدىغان تاتلىق ياڭيۇغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە توختالغان دېيىشكە بولىدۇ.

ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە پەقەت جۇڭگودىنلا ياردەم سورىدى، جۇڭگو 2032-يىللىق يازلىق ئولومپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە قۇربىتى يېتىدىغان بىردىن بىر دۆلەت، ئۇ يەنە تاراتقۇلاردا جۇڭگونىڭ شاڭخەي، ۋۇخەن، گۇئاڭجۇدىن ئىبارەت ئۈچ شەھىرىنىڭ ھەممىسىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوقلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئىشقا قارتا نۇرغۇن تورداشلار بەس ـ بەستە: ئەينى يىلى بىز ئىلتىماس قىلغاندا شارائىت شۇنچە كۆپ ئىدى، لېكىن جۇڭگۇنى يالۋۇرغقىلى سالدىڭلار بۈگۈنكى كۈندە بىزنى ئۆتكۈزۈۋالسۇن دەمسىز؟،  2032ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالدى، قانداقلا بولمىسۇن بىز بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ دۇنيانىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدۇق، مۇشۇلار يېتەرلىك دەپ باھا بەرگەن.

بۇنىڭدىن تورداشلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.لېكىن دۆلىتىمىز جۇڭگو قار- مۇز تەنھەركىتىنى تېخىمۇ يۇقرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازاندى.2022ـ يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

ـ2022ـ يىلى 2ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنىدىن 2022ـ يىلى 2ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنىگىچە بېيجىڭ شەھىرى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرىدە بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، بېيجىڭ، جاڭجياكۇ ئوخشاشلا ئاساسلىق شەھەر بولغان. شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ 3ـ قېتىم ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى. 

بېيجىڭ جاڭجياكۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەتتە چوڭ تۈر، 15 تارماق تۈر، 109 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان. بېيجىڭ شەھرى بارلىق مۇز ئۈستى تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنچىڭ رايۇنى بىلەن بىلەن جاڭجياكۇ شەھرى بارلىق قار ئۈستى تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

بېيجىڭ شەھرى ئولىمپىك تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بىردىن بىر شەھەرگە ئايلاندى، شۇنداقلا 1952ـ يىلى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودىن كېيىن توپتوغرا 70 يىلدىن كېيىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى پايتەخت شەھەر بولۇپ قالدى.

لېكىن 2032-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ تېخى تولۇق تەيىارلىقى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى يوق. ئولىمىپىك كومىتىتى 2015-يىلى ھېندىستاننىڭ 2032-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى رەت قىلىۋەتتى. لېكىن بۇلتۇرنىڭ بېشىدا كورىيە بىلەن چاۋشىيەن ھۆكىمىتى ئولىمپىك كومىتىتىغا 2032- يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ بۇ ئىلتىماس تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا بولۇپ تېخى نەتىجىسى چىقمىدى.

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





saybag
你好。欢迎
 最新文章