ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | مەملىكەت بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئادەم سانى، سېتىۋېلىش سانى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 20 مىليون، 30 مىليوندىن ئاشتى
消费品以旧换新丨全国家电以旧换新购买人数、购买台数分别突破2000万、3000万
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش كارخانىلىرى « ئالتۇندەك 9- ئاي، كۈمۈشتەك 10- ئاي»، «قوش 11»، «ئېسىل بۇيۇملار ئىستېمال ئېيى» قاتارلىق مۇھىم ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈستى- ئۈستىگە ئېتىبار بەردى، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بەردى، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 24كىچە، 20 مىليون 257 مىڭ نەپەر ئىستېمالچى سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىدىن 30 مىليون 458 مىڭنى سېتىۋالغان بولۇپ، 137 مىليارد 790 مىليون يۈەنلىك سېتىش سوممىسىغا تۈرتكە بولغان.