دۇردانىلەر
غەم - قايغۇ ناچار ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توساپ قالالمايدۇ ، لېكىن ، تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىنىشىڭىزنى توساپ قالالايدۇ.
باشقىلارنىڭ ئېرىشكەنلىرىنى كۆرۈپ ، جېنىڭىزنىڭ بارىچە تىرىشىپ شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، نۇرغۇنلىرىنىڭ سىزگە كېرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
ئىككى قولىمىز قۇرۇق ھالەتتە بۇ دۇنياغا كېلىمىز ، ئارزۇ - ھەۋەسلىرىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھەممە نەرسىگە ئېرىشكىمىز كېلىدۇ ، نەتىجىدە يۈكىمىز بارغانسېرى ئېغىرلاپ كۆتۈرگىسىز ھالغا كېلىمىز. مەلۇم كۈنلەرگە كەلگەندە ، بەزى نەرسىلەرنىڭ بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئاددىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىمىز، ئاخىرىدا يەنە ئىككى قولىمىز قۇرۇق ھالەتتە بۇ دۇنيادىن كېتىمىز.
نۇرغۇن كىشىلەر 25 ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ بولىدۇ ، پەقەت 75 يېشىدا كۆمۈلىدۇ ، خالاس.
ئەگەر ھەقىقەتەن تىرىشىشنى خالىسىڭىز ، كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىمۇ كېچىكىپ ئۇتۇق قازىنىش بولىدۇ.
بۇ ھايات كۈن ئۆتكۈزۈش ئەمەس ، ئۆزىڭىزنى قانچىكى پەس كۆرسىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىز سىزدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ.
مۇزىكىنى ئاڭلىيالمايدىغان ئادەملەر ئۇسۇل ئوينىغانلارنى ساراڭ دەپ قارايدۇ._ نىسەي
END