دۇردانىلەر
ئالىنۇر سالۇنى
بەزىلەرنىڭ ئازابلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ، بىر ئادەمنى چۈشۈنىشكە ، ياخشى كۆرۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈپ ، نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەندىن كېيىن تەسىرلەنگىنى ئۆزى بولۇپ قالغىنىدۇر.
ئەزەلدىن ھەممە ئادەم مېنى ياخشى كۆرسۇن ، چۈشەنسۇن دەپ ئويلاپ باققان ئەمەسمەن ، مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ياشاش ئۇسۇلۇم بار، باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايمەن ، ئەگەر مېنى ئېتىراپ قىلسىڭىز خۇش بولىمەن ، ئېتىراپ قىلمىسىڭىز قايغۇرۇپ كەتمەيمەن ، شۇڭا، مېنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .
ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن نەرسە ۋە ئادەملەر كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلىپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
ئالدىرىماڭ ، تەمەگەرلىك قىلماڭ ، ۋاز كەچمەڭ ، ھەممە ئادەمنىڭ ئېرىشكەنلىرى بىرقەدەم بىرقەدەمنى بېسىش ئارقىلىق كەلگەن .
END