ئىككىنچىسىمۇ ئوخشاشلا نوچى
ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر كىنوسىدا ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ:
1980 - يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەلۇم بىر مەكتەپتە پۇتبول مۇسابىقىسى جىددىي ئۆتكۈزىلىۋاتاتتى. توپنى ياخشى ئوينىغان كوماندىنىڭ مەستانىلىرى چۇرقۇرىشىپ رېتىملىق ۋارقىرىشىۋاتاتتى:
-بىز بىرىنچى، بىز بىرىنچى.
ئوقۇتقۇچى مورى بۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق ۋارقىرايدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندەك بىر چەتتە قاراپ ئولتۇراتتى. ئوقۇغۇچىلار يەنە بىر قېتىم"بىز بىرىنچى" دەپ توۋلىشىغا ئۇ ئورنىدىن دەت تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
- ئىككىنچى بولسا نېمە بوپتۇ!
ئوقۇغۇچىلار ھەيران بولغان ھالدا ئوقۇتقۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى ۋە توۋلاشتىن توختىدى. بۇنى كۆرگەن مورى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى ۋە بىلىنەر- بىلىنمەس كۈلۈپ قويدى. قارىغاندا ئۇ ئۆز ئىشىدىن مەمنۇن بولغاندەك قىلاتتى.
شۇنداق ، ئىككىنچى بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئەمما بىز بىر ئۆمۈر تىرىشىپ-تىرمىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغىنىمىز يەنىلا شۇ بىرىنچىلىك. نۇرغۇن ئادەم شۇ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەسكىن رىقابەتتە ئۆزىنى يوقۇتىپ قويىدۇ، ئۆزىنىڭ ھايات نىشانىنى، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ، ئېرىشكەن بىرىنچىلىك پەقەتلا ۋاقىتلىق غەلىبە، خالاس. مۇھىمى سىزنىڭ نەچچىنچى بولغانلىقىڭىزدا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئىشتىن نېمىلەرنى ئۈگىنىۋالغانلىقىڭىزدا. ئادەمدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بولۇش كېرەك، لېكىن مۇھىمى ئۆزىنى توغرا تونۇش لازىم. ھەرگىزمۇ رىقابەتكە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
بىرىنچى بولغانلىق ئۇتقانلىق بولىدۇ، لېكىن ئىككىنچىسىمۇ ئوخشاشلا نوچى. بىز ھەركۈنى رىقابەت ئىچىدە ياشايمىز. لېكىن، كىشىلىك ھايات ھەرگىزمۇ مۇسابىقە ئەمەس. تۇرمۇشىمىزدا سىناپ بېقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئەھمىيەتلىك ئىش ئىنتايىن تولا. شۇڭا، نوقۇل ھالدا غەلىبىنىلا قوغلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي مەقسىدىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.