زەمران
سان مارىنو ئىتالىيە زېمىنى ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ زېمىنى ئاران 60 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئوق مەركىزى دۆلەتلەرگە بىرلا ۋاقىتتا جەڭ ئېلان قىلغان ھەمدە جۇڭگوغا جەڭ ئېلان قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى. سان مارىنو بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئارمىيىسىمۇ بار، بىراق پۈتۈن ئارمىيىدىمۇ نەچچە ئونلا ئادەم بار!
ت 1944ـ يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوق مەركىزى دۆلەتلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم باشلىدى، ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى ئىتالىيەنى بومباردىمان قىلىش جەريانىدا سان مارىنونىمۇ خاتا بومباردىمان قىلىپ قويدى . ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سان مارىنوغا قەستەن قاراتقۇسى يوق ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى ۋە جەڭ مەيدانى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سان مارىنو زېمىنى ئىتالىيەنىڭ زېمىنىنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، تۆت قېتىم بومباردىمان قىلىپ بومبىنى سان مارىنو زېمىنىغا خاتا تاشلىۋەتكەن، نەچچە ئون سان مارىنو پۇقراسى پارتلاپ ئۆلگەن، بۇ غايىۋى جەننەتتىكى بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
قاتتىق غەزەپلەنگەن سان مارىنو ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، ئوق مەركىزى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى، ئەينى چاغدىكى جۇڭخۇا مىنگومۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ خىل چۈمۈلىنىڭ پىلنى يۇتۇۋېلىپ ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئۇرۇش تەھدىتى ناھايىتى تېزلا ئۇرۇش ئوتىنى ئۆز زېمىنىغا تۇتاشتۇردى.
سان مارىنو ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ناتسىستلىرى دەرھال ئۇنىڭغا ھۇجۇم قوزغىغان نەچچە ئون مىنۇتتىلا جەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سەپ بويىچە سان مارىنونى ئىشغال قىلدى. بۇ خىل نەتىجىنى كۆز يۇمۇۋېلىپ تۇرۇپمۇ ئويلاپ چىققىلى بولىدۇ، پەقەت نەچچە ئون كىشىلىك ئارمىيەسى بار سان مارىنونىڭ ئەينى چاغدا ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلغان ناتسىست پولات ئارمىيەسى بىلەن، راستىنلا ئېغىر دەرىجىلىكلەر كۈچ سىنىشىشى ئەمەس.
ئامالسىز سان مارىنو گېرمانىيە ئارمىيەسىگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى، پەقەت نەچچە ئون مىلتىقنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەلىكلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى. بۇ ئىشتىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئوفىتسېرى: بىر بەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇلارنى يوقىتالايدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇنچە كۈچەپ كەتمەسكەنمەن دېگەن !
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹