ئىشىك
بىر كۈنى بىر ياش مەكتەپتىن چىقىپ يولدا كېتىۋېتىپ ، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈل بىلەن تولغان بىر ھويلىغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە گۈلگە سۇ قۇيۇۋاتقان بوۋايدىن ھويلىغا كىرىپ گۈللەرنى كۆرۈپ بېقىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. بوۋاي ماقۇل بولۇپ ، ئىشىك بار يەرنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ.
ياش ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىشىكنى ئىتتىرىپتۇ، لېكىن ئىشىك ئېچىلماپتۇ، كۈچەپ ئىتتىرىپتۇ، يەنە ئېچىلمايپتۇ. بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان ياش ھەدەپ ئىتتىرىۋېرىپتۇ. لېكىن ئىشىك يەنىلا ئېچىلماپتۇ. ئىشىك تاقاقمۇ-يە؟ ياش بايىقى يەرگە كېلىپ بوۋايدىن :
- بوۋا، ئىشىك ئىچىدىن تاقاق ئوخشىمامدۇ؟ شۇنچە ئىتتىرىپمۇ پەقەت ئاچالمىدىمغۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ئىتتىرىپ؟ گۈلگە سۇ قۇيۇۋاتقان بوۋاي دەسلەپ داڭقېىتىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئاندىن كۈلۈپ كېتىپتۇ:- يىگىت ،. بەزىدە ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئەمەس، تارتىپ ئاچقۇلۇق دەپتۇ.
ياش ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ ۋە تۇتقۇچنى تۇتۇپ شۇنداقلا تارتقانىكەن ئىشىك ئېچىلىپتۇ.
دېمەك ، تەييار نەرسىنى تەكرارلىماق ئاسان ، لېكىن ئەڭ كىچىك ئىجادىيەتمۇ خېلى تەسكە توختايدۇ.