ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇڭ

文摘   小说   2025-01-18 08:29   浙江  


ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇڭ







  لى ياڭ تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى. تاماشىبىنلار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتۇن ڧىلىم" چاشقان بىلەن ئۆردەك" ڧىلىمىدىكى ئۆردەكنىڭ ئاۋازىنى شۇ ئادەم بەرگەن. لى ياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ساپيور بولغان. توپا كولاش ، ئاكۇپ قېزىش ، لاي توشۇش ،ئۆي سېلىش ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى ئىدى. شۇنىسى لى ياڭغا ئېنىق ئىدىكى ، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بولمايۋاتاتتى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان كىنو- تېلىۋىزىيە سەنئىتى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدى.

  مۇنداقچە ئېيتقاندا لى ياڭ ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەت بىلەن ئۇ قىزىقىدىغان سەنئەت كەسپى بىر- بىرىگە ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيتتى. لېكىن لى ياڭ ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتە تالانتى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، شۇڭا تالانتىنى قېزىشقا تىرىشاتتى. ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مۇناسىۋەتلىك كىتاب ژورناللارنى ئەستايىدىل ئوقۇيدۇ، نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ سېنارىيىسىنى كۆرىدۇ ھەمدە بەزى ئىجادىيەتلەرنىمۇ قىلىپ باقىدۇ. لى ياڭ قىسىمدىن كەسپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئىشچى بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توختىماي تىرىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، لى ياڭ بېيجىڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىگە ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىمۇ كۆپىيىدۇ. دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۇ قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە خېلى كۆپ چەتئەل ڧىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىش - ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. ئىشتىن سىرتقى بۇ ھەۋەسكار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي يېقىملىق ئاۋازىغا تايىنىپ " غەربكە ساياھەت" ڧىلىمىدىكى سۇن ۋۇكوڭنىڭ ئاۋازىنى بېرىدۇ.1986- يىلى ئۇ كەسپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىدۇ. دۇنياغا كەڭ تارالغان " چاشقان بىلەن ئۆردەك" ڧىلىمىنىڭ خەنزۇچە نەشرىگە ئاۋاز ئارتىسى تاللىغاندا ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە لى ياڭ دىسنىي شىركىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ، ئوماق ھەم يۇمۇرىستىك ئۆردەكنىڭ ئاۋازىنى بېرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داڭلىق شەخس بولۇپ قالىدۇ. " مېنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمدىكى سەۋەب ئۆزۈمدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى توختىماي جارى قىلدۇرۇپ تۇرغانلىقىمدا" دەيدۇ لى ياڭ.




Alinur
ئالىنۇر سالۇنى سىزنىڭ سىردىشىڭىز ، ھوزۇر ئارامگاھىڭىز مەزمۇنلار ھەقسىز،خاتىرجەم بەھىرلىنىڭ
 最新文章