شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى، تەتقىقات جەمئىيىتى داۋالىنىش كاپالىتى ئىلمىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، بېجىرىش خىزمىتىنى ئەقلىي كۈچ، ئادەم كۈچى، تېخنىكا بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات جەمئىيىتى داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىملار، باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلەر، شۇنىڭدەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى، بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسى، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات.
داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات جەمئىيىتى داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق ئاقىللار ئامبىرى سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت چىقىرىشنىڭ كەسپىيلىكىنى دەلىللەش ۋە باھالاشنى ياخشى ئىشلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئىجادىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقات جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يادرولۇق پەن تەتقىقات كوللېكتىپى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلەرنى توپلاپ تەتقىقاتنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، پەن تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقات جەمئىيىتى يەنە سىستېما ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىكى باشلامچىلىق رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ، توغرا يۆنىلىشلىك داۋالاش كاپالىتى پەن تەتقىقات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرى ۋە تەدبىر بەلگىلەشكە مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى