قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
4- قىسىم
ئىچىمدە ئەتە ئەتىگەندە خىزمەتكە كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭ ياخشلىنىپ قالغان كەيپىياتىغا قاراپ ئۇنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ۋە «بىر ئامالى بولار» دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم.
-ھېلىقى يىلى، بىز ئىككىنجى قېتىملىق خور ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، مەن سىلەردىن رەنجىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن يىلى، خور مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كەچتە سەن مېنى ئىزدەپ ياتاققا كىرىپ، كارۋىتىمدىكى ھېلىقى قان دېغىنى كۆردۈڭ شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
گۈلزىبا بۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپ ئاستا قىمىرلاپ تۇردى ۋە يېرىم ئۆرە بولۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى، شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇمغا ياماشقان بىر قورقۇنچتىن يۈرىكىم ئېغىزىمدىن چىقىپ،قېچىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...
*** *** ***
-قورقما مۇنىرە، مەندىن قورقىۋاتىسەن ھە؟ مەن توغىرلىق نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلاپسەن، شوڭا بۇيەرگە ئاتايىن مېنى ئىزدەپ كەپسەن. بەلكى بۇچاغقا پۈتۈن ئەھۋالىمدىن خەۋەردار بولدۇڭ، نېمىدىن قورقىسەن؟ مەن ساڭا زىيان يەتكۈزمەيمەن، يېنىمغا كەل، سۇئالىمغا داۋاملىق جاۋاب بەر، شۇ ۋاقىتتا سەن مېنىڭ ياتاقتا نېمە ئىش قىلغىنىمنى چوقۇم بىلدىڭ، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئېيتتىڭ، گەرچە مەن سىلەر كىرىپ بولغىچە ئۇ ئىشنىڭ ئىزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ بولغان بولساممۇ، قىزلار سېنىڭ ئېغىزىڭ ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ بولغاچقا، شوڭا ھەممىسى تۇشمۇ-تۇشتىن مېنى ئەيبىلىدى، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەرنى قىلدى شۇنداقمۇ مۇنىرە؟
-ياق گۈلزىبا، مەن ئۇ ۋاقىتتا ياتاققا كىرسەم ياتاق بەكمۇ قالايمىقان ئىكەن، كىرلىكىڭدە ھەقىقەتەن قان دېغى بار ئىكەن، لىكىن مەن شۇۋاقىتتىكى كىچىكلىكىم بىلەن ئۇنچە كۆپ ئىشلارنى ئويلاپ كەتمىگەن ئىكەنمەن، ھەم قىزلارغا ئۇ توغىرلىق ھىچنىمە دېمىگەن ئىدىم، ئۇ كۈنى كەچتىكى جىدەلنىڭ چىقىشىدا مەن سەۋەبچى ئەمەس، ئەمەليەتتە كىرلىكىڭدىكى قان دېغىنى مەندىن باشقا ھىچكىم كۆرمىگەن ھەم بىلمىگەن ئىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام سەن ئۇ كۈنى...
-ئويلىغىنىڭ توغرا، مېنىڭ ھاياتىمدا دەل شۇكۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىرلىكتىكى ئاشۇ قان دېغى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ھازىرقى مۇشۇ قىسمىتىمنى كۈتىۋالدىم. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، كارۋىتىمدا نېمە كۆرگىنىڭنى ياتاقتىكىلەرگە دېگەن بول،ياكى دېمىگەن بول، شۇ كۈنىدىكى جىدەلدىن كېيىن مەن سىلەردەك شۇنچە كۆپ باشقۇرغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇم ھەم بارلىق ئىشىمغا ئۆز ئەركىنلىكىم بۇيىچە يۈزلەندىم. ھىچكىم مېنىڭ ئارمان بىلەن نېمە ئىش قىلىشىمغا ئارلاشمىدى، مەنمۇ ئۇنى ئۆزۈم خالىغان ئۇسۇلدا ياخشى كۆردۈم. مېنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئارزۇيۇم-ئارماننى بىر كۆرۈش. مەن ئۇنىڭ مېنى بىرقېتىم يوقلاپ كېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ كەلسە ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ باققان- باقمىغىننى سورايمەن،مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بىر جاۋاب ئاڭلىسام ئاندىن خاتىرجەم كۆزۈم يۇمۇلىدۇ. بۇ خاتىرىنى ئال، سەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان سىرلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ ئىچىدە،ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭلا بىلىپ قالامسەن،ياكى ئالەمگە جاكارلامسەن ئىختىيارىڭ، ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بەرسەڭلا بولىدۇ!
-قايسى ئىش؟
ئۇ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئېلىپ ماڭا ئۇزاتقان قارا رەڭلىك قېلىن خاتىرىنى قولۇمغا ئېلۋېتىپ سورىدىم.
-ئارمانغا مېنىڭ نەچچە كۈنلىكىم قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى بۇيەرگە باشلاپ كەل، مېنىڭ ئۇنى بىر كۆرگۈم بار...
-ماقۇل، مەن ئۇنى چوقۇم باشلاپ كېلىمەن، لىكىن سەن ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭنى ئاسراشقا، سالامەتلىكىڭگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، كەيپىياتىڭنى ياخشى تۇتۇشقا ماڭا ۋەدە بەر، ئاتا-ئاناڭنى ئويلا گۈلزىبا.
-ئارماننى ئېلىپ كېلەلىسەڭ،چوقۇم سەن دېگەندەك قىلىمەن.
-ماقۇل، ماڭا يەنە دەيدىغانلىرىڭ بارمۇ؟
-رەھمەت ساڭا، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ئىككىمىز ئەڭ يېقىن ئۆتكەن ئىدۇق، لىكىن ئۇ دوستلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرالمىدۇق.
-ئۇنداق دېمە گۈلزىبا، مەن سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرىمەن، سېنى دوستۇم دەپ بىلىمەن.
-ئەمىسە ۋەدەڭدە تۇرغىن.
-ماقۇل.
- ئەمدى مەن ئۇخلايمەن،سەنمۇ بالدۇرراق ئۇخلا، ئەتە سەھەردە سەن ماڭغۇچە بەلكى ئويغانماسلىقىم مۇمكىن، مېنىڭدىن رەنجىمە، ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىشىڭنى ئۈمد قىلىمەن.
گۈلزىبا شۇنداق دەپ ئۆرۈلۈپلا ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ ئولتۇردۇم. ئەس-يادىم قولۇمدىكى خاتىرىنى ئوقۇشتا قالغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىچىلا ئوقۇپ كەتسەم ئۇنىڭ يەنە بىرنېمە دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، خاتىرىنى سومكامغا سالدىم ۋە ھويلىغا چىقتىم. كەچكى شەپەقنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى زىمنغا قىيالمايۋاتقاندەك ئاستا-ئاستا تولغىنىپ غايىپ بولدى،ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان ئىدى.
-ئەتە سەھەردە خىزمەت ئورنۇمغا قايتىشىم كېرەك، قاتناش ئۇقۇشقىلى بولارمۇ ھەدە؟
تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۆلەپ سېلىنغان ئوچاقنىڭ ئالدىدا تۇرۋېلىپ، قازانغا چۆپ سېلىۋاتقان گۈلئايىم ئاچامدىن سورىدىم.
-يولدىشىم شوپۇرلۇق قىلىدۇ، ئەتە سەھەردە سىزنى يولدىشىم ئىككىمىز ئاپىرىپ قويىمىز سىڭلىم، خاتىرجەم بولۇڭ!
-ماقۇل،رەھمەت ھەدە.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن گۈلزىبانىڭ يېنىغا كىرىپ،ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ ئولتۇردۇم ۋە ئۇيقۇم كېلىپ ئەسنەشكە باشلىغىنىمدىن كېيىنلا ئۇنىڭ يېنىغا قىيسىيىپ ئۇيقۇغا كەتتىم.
تاڭ سەھەردىكى بىرپەس جىددىيچىلىكتىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا گۈلزىبا تېخى ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، قايتىقىنمىنىمۇ بىلمەيلا قالدى.
-گۈلزىبانىڭ ئارماننى بىر كۆرگۈسى باركەن، سىزنىڭچە ئۇنى بۇيەرگە باشلاپ كەلسەم بولارمۇ-بولماسمۇ ھەدە؟
-گۈلزىبانىڭ ئۇنداق ئارزۇسى بولسا باشلاپ كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
سىڭلىم.
-بولىدۇ، مەن ئاۋۋال نەچچە كۈنلۈك خىزمىتىمنى ئوبدانراق ئورۇنلاشتۇرىۋالاي، ئاندىن سىز بىلەن ئالاقىلىشەي ھەدە.
-ماقۇل.
خىزمەتكە كىچىكمەي كەلگەن ئىدىم. قىسقىلا يىغىندىن كېيىن بۈگۈنكى خىزمەت ۋەزىپىمىز ئورۇنلاشتۇرۇلدى . پۇت-قوللىرىم خىزمەتتە بولغان بىلەن خىيالىم بېقىنىمغا مەھكەم چاپلىشىپ تۇرغان مۇنۇ سومكا ئىچىدىكى خاتىرىدە ئىدى. خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ ھالدا ئۆتكەن بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاياقلىشىپ، ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتكەن كەچ يىتىپ كەلدى. كەچلىك تاماقنى ھاپىلا-شاپلا يەپ ياتاققا كىردىم ۋە سومكامدىكى خاتىرىنى چىقىرىپ،تۇنجى بىتىنى ئاچتىم.
** ** **
ئالي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىدىن تۇلىمۇ خۇشال ئىدىم. چۈنكى مەن بىزنىڭ ئائىلىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،شۇنداقلا مەھەللىمىزدىن چىققان ساناقلىقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى. بىرمۇنچە يۈك-تاقلىرىم بىلەن قەلبىمنى ھاياجانغا سېلىپ تۇرغان بۇ گۈزەل بىلىم يۇرتىنىڭ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئېلىپ كىرىشىمگە ماڭا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، يۈك-تاقلىرىمنى ياتىقىمغا ئەكىلىشىپ بەرگەن كېلىشكەن يىگىتنىڭ ئىسىمى ئارمان ئىكەن. پاراڭلىشش جەريانىدا ئۇنىڭمۇ يېڭى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغىنىمىزنى بىلىپ قەلبىم ئېللىق ھېسلارغا تولدى. ئۆزۈم ئۇنچىۋالا بەك ھېسياتچان قىزمۇ ئەمەس، ئەمما ئاتا-ئانىدىن، يۇرتتىن ئايرىلىپ كەلگەن يات بىر شەھەردە بىراۋلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن كىچىككىنە ئېلىلىقلىقمۇ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىكەن. ئۇ كارۋىتىمغا يوتقان-كۆرپىلىرىمنى سېلىشىپ بېرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياتاققا مېنىڭدىن بۇرۇن كىرىپ ئورۇنلاشقان ئىككى قىزنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.
-ئاكىڭىزمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇمدۇ؟
-ئاكا-سىڭىل ئىككىڭلار بىر مەكتەپتە ئوقۇساڭلار نېمىدىگەن ياخشى ھە؟
-قايسى يۇرتتىن بولىسىز؟
-ئاكىڭىز قايسى كەسىپتە ئوقۇيدۇ؟
-ئۇ يىگىت ئاكام ئەمەس، مەنمۇ تېخى بايا تونۇشتۇم، ئىسىمى ئارمان ئىكەن، ئۇمۇ يېڭى ئوقۇغۇچىكەن، بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىكەن.
-ھە!؟ ئىككىڭلارنىڭ چىرايىڭلار نېمانداق ئوخشايدۇ ئەمىسە؟ يۈك-تاقلىرىڭىزنى جايلاشتۇرۇپ، يوتقان-كۆرپىلىرىڭىزنى ئوڭشاپ بەرسە ئاكىڭىزمىكىن دەپ قاپتىمەن، ئەجەپمۇ كېلىشكەن يىگىت ئىكەن دېسە!
-شۇنى دەيمەن، مەنمۇ سىلەرنى ئاكا-سڭىلمىكىن دەپتىمەن. ساۋاقدىشىمىز بولسا، ئەمىسە ئەتە بىزمۇ تونۇشۋالايلىچۇ؟
-نېمىگە ئالدىرايسەن زۆھرە؟ مەكتەپكە ئەمدى كەلدۇق، ئوقۇشىمىز تېخى ئۇزۇن، ھەر يىگىتلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۈلگۈرىسەن تېخى!
ئىككى قىزنىڭ پارىڭىدىن ئۇلارنىڭ بىر يۇرتتىن كەلگەنلىكىنى، باشلانغۇچتىن تارتىپ،تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ساۋاقداش ، پارتىداش بولۇپ ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم.
كەچتە ياتاقتىكى سەككىز قىز ھەممىمىز ئۆز ئورنىمىزغا جايلىشىپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇپ چىقتۇق. قىزلار بەكمۇ چىقىشقاق بولۇپ، دەسلەپتە پەيدا بولغان يىتىرقاش تۈگەپ، ھەممەيلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭغا چۈشكەن ئىدۇق. بۇ پاراڭ ئارلىقىدىمۇ ئارمان ئىسىملىك ئۇ يىگىتنىڭ نام-شەرىپى ھېلىقى ئىككى قىز تەرىپىدىن قىسقىلا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلدى. پارىڭىمىز تاكى ياتاق باشقۇرغۇچى خانىم كىرىپ، ئۇخلاشقا دەۋەت قىلغۇچە داۋاملاشقان ئىدى.
سەھەردە مەكتەپ رادىئوسىدىن ئاڭلانغان ناھايتىمۇ جۇشقۇن ھەم ياڭراق مۇزىكا تەرىپىدىن ئويغاندۇق ھەم تېز جابدۇنۇپ، ناشتا قىلىشىپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە سىنىپقا چىقتۇق. ئوقۇشنىڭ بېشىدىلا ئىككى ھەپتىلىك ھەربى مەشىققە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدۇق. تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقىتىمدىمۇ تەنتەربىيە دەرسى دېسە بېشىم ئاغرىيدىغان قىز ئىدىم. ئىككى ھەپتىگە داۋاملاشقان بۇ ھەربى مەشىق ئاياقلاشقۇچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغىنىمنى بىلمەيتىم. ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان بىر قۇردىن ھەربى كيىمنى قولىمىزغا ئېلىشتۇق ۋە يىگىرمە مىنۇت ئىچىدە كىيىم ئالماشتۇرۇپ، مەيدانغا چىقىپ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. بۇ ھەربى مەشىقتىن قانچىلىك قورقىشىمدىن قەتئىنەزەر،كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يۈگۈرەپ كېتىۋاتقان قىزلارغا ئەگىشىپ مەنمۇ ياتاققا يۈگۈردۈم. كىيىم ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئوخشاش ھەربى كىيىم كىيىپ، رەتلىك تىزىلىپ مەشىقنى باشلاپ كەتكەن بالىلارنى كۆرۈپ،بايىقى قورقۇنۇشلىرىم سەل پەسەيدى ۋە مەنمۇ سەپكە قوشۇلدۇم.
تېرىنىرىمىز بىزدىن سەللا چوڭ يىگىت بولۇپ، مەشىقنى قاتتىق قىلدۇراتتى. مەشىق باشلىنىپ بىرەر-ئىككى سائەت بولمايلا نەچچە قىز يىغلاپ، مەيداننىڭ يان تەرپىدىكى دەرەخلىك ئارىسىغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى. راستنى دېسەم مېنىڭمۇ پۇت-قوللىرىم تېلىپ، گېلىم قۇرۇپ، ئۆپكەم ئاغزىمغا كەپلىشىپ ئاران قالغان ئىدىم. يەنە بىر مەيدان يۈگۈرۈشكە بۇيرۇلغىنىمىزدا ئاستا سەپتىن چىقىپ ئولتۇرۋېلىشنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئۇدۇلۇمدا تۇرغان ئارماننىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقىنىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ، ئولتۇرۋېلىشقا جۈرئەت قىلالماي،يۈگۈرەشكە مەجبۇر بولدۇم. مەيداننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە كۆردۈمكى، تەنتەربىيە دەرسىگە ئۆچ بولۇشۇمغا قارىماي قىزلارنىڭ ھەممىسىنى ئارقامدا قالدۇرۇپ، ئوغۇللار بىلەن تەڭ يۈگۈرەپ كېلىۋاتقان ئىكەنمەن. يېنىمدا ماڭا ياندىشىپ يۈگۈرەۋاتقان ئارماننى كۆرۈپ، تېخىمۇ تېز يۈگۈرمەكچى بولۇپ قەدىممىنى ئىتتىكلەتتىم ۋە پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى بىرنەرسىگە پۇتلىشىپ ئالدىمغا دۈم چۈشتۈم.
--تېرىنىر! بۇ قىزنىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى!
-ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدىمۇ نېمە بۇ قىز! پۇت-قوللىرى تىترەپ كېتىۋاتىدىغۇ؟
-تېز كۆتۈرۈڭلار، دوختۇرخانىغا ئەكىرەيلى!
-ماياققا مېڭىڭلار، ھە ماياققا، مەكتەپ دوختۇرخانىسى مۇشۇ تەرەپتە!
كۆزۈمنى خىرە-شىرە ئېچىپ، مېنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىننىڭ ئارمان ئىكەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلدىم ۋە بىردىنلا بېشىم قېيىپ، يەرنىڭ ئاستىغا دومۇلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر سىزىم بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى.
داۋامى بار.