«قايتا ھاسىل قىلىنغان ئاليۇمىن پارچىسى»دە ھىيلە-مىكىر بار، گۇاڭجوۋ تاموژنىسى 51.77 توننا چەت ئەل ئەخلىتىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى
«تاموژنا ئېلان قىلغان» ئۈندىدار سالونىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، گۇاڭجوۋ تاموژنىسىغا قاراشلىق فوشەن تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى «قايتا ھاسىل قىلىنغان ئاليۇمىن پارچىسى» دەپ ئىلتىماس قىلىنغان بىر تۈركۈم ئىمپورت ماللىرىنى تەكشۈرگەندە، بۇبىر تۈركۈم ماللارغا كۆپ مىقداردا كېرەكسىز سۇلياۋ، كېرەكسىز كاۋچۇك، كونا باسما توك يولى تاختىسى قاتارلىق بۇيۇملار ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان. تېخنىكا ئورگانلىرىغا ئاپىرىپ پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ماللارنىڭ دۆلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان چەت ئەل ئەخلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئېغىرلىقىنىڭ 51.77 توننا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
نۆۋەتتە، تاموژنا بۇ ماللارنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.
تاموژنا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دۆلىتىمىز چەت ئەل ئەخلەتلىرىنى ھەرقانداق شەكىلدە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ، چەت ئەل ئەخلەتلىرىنى دۆلىتىمىزدە تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى چەكلەيدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تاموژنا قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى
بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى