ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى توغرىسىدا يېڭى سىياسەت بار

时事   2024-11-08 09:02   北京  

پېنسىيەگە چىقىشقا بىر يىلدىن ئاز قالغان ئىشسىزلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى توغرىسىدا يېڭى سىياسەت بار

مۇخبىرنىڭ 5-چېسىلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالغان ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا بىر يىلدىن ئاز ۋاقىت قالغان ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغان جايدا شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى ۋە ھەق تاپشۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ جايدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە بولغان قىسمى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىكەن.

«ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالغان چوڭ ياشلىقلارنىڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ سىياسەت 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، 2039-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ياشلىق پۇل ئالغۇچىلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇشى ھەمدە «ئاۋۋال تاپشۇرۇش، ئاندىن تولۇقلاش» ئەندىزىسى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەنى چوڭ ياشلىق پۇل ئالغۇچىلاردىن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئۆزى قاتناشقان ھەم ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئۈستىگە ئالغان ھەقنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشى چوڭراق ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، مۇقىم كىرىمى كەمچىل. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئارقىلىق ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى بەلگىلىك قوللاپ، ئىشسىزلىق كاپالىتى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مۇقىم پېنسىيەگە چىقىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章