قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
8- قىسىم
ئۇزۇن ئۆتمەي ئارماننىڭ گېپى ئازلاپ، بېشى چۈشۈپ كەتتى.
-نېمە بولدۇڭ ئارمان؟ مىجەزىڭ يوقمۇ؟
-دادام سالغان پۇلنى ئوغرىغا بېرىپ قويدۇم زىبا، ئەمدى بۇ ئايدا ئىككىمىز نېمە يەرمىز؟
-سەن غەم قىلما، مەندە ئازراق پۇل بار، شۇنى خەجلەپ تۇرايلى.
-ساڭا ئېغىرىمنى سېلىۋەرسەم قانداق بولار؟
-ئۇنداق دېمە، بىز جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىمىز دېيىشكەنغۇ؟
-ماقۇل ئەمىسە.
شۇ كۈنىلا پۇلۇمنى ئوغرى ئېلۋالغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ئاچ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيگە خەت يېزىپ سېلىۋەتتىم ۋە ھەرئايدا ئۆيىدىن كۆپ پۇل كېلىدىغان گۈلپىيەدىن پۇل سورىدىم.
*** *** ***
-ئۈچ ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇمنى بىراقلا ئېلىپ كەلدىم دەۋاتاتتىڭغۇ گۈلزىبا، تېخى ئىككى ئايمۇ بولمىدى، پۇلۇڭنى قانداق تۈگىتۋەتتىڭ؟
-يۈتتۈرۈپ قويدۇم ئاداش.
-ۋىيەي، نېمە دەيدىغانسەن؟ ياتاقتا يۈتمىگەندۇ پۇلۇڭ؟
-ياق،ياتاقتا يۈتمىدى، قايسى كۈنى بازارغا چىققاندا ھەممىنى يانچۇقۇمغا سېلۋاپتىكەنمەن، قەيەردە يۈتتۈرۈپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن ئاداش. ئەتىگەن دادامغا خەت سېلىۋەتتىم، خېتىم ئۆيگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر ماڭا پۇل سېلىپ بولغىچە بىرەر ئاي ئۆتۈپ كەتكۈدەك، شوڭا ئارتۇق پۇلۇڭ بولسا ماڭا ئازراق بېرىپ تۇرساڭ، ئۆيدىن پۇل كېلىشى ھامان قايتۇرۇپ بەرسەم بولاتتى.
-ماقۇل، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تۆت ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇمنى بىراقلا ئېلىپ كەلگەن، ساڭا ئازراق بېرىپ تۇراي، ئۆيۈڭدىن پۇل كەلگەندە قايتۇرۇپ بېرەرسەن ئەمىسە!
-ماقۇل، رەھمەت ئاداش.
گۈلپىيەدىن پۇلنى ئېلىپلا ئارماننىڭ يېنىغا چاپتىم، شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىشىم ئىدى.
ئارمان سىنىپتا يوق ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ياتىقىدا ئولتۇرۇشى ناتايىن، بىر بولسا توپ مەيدانىدا، بىر بولسا كۈتۈپخانىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ كېتۋاتقىنىمدا ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقىسىدىكى چىملىقتا مەن تەرەپكە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرۇپ، ھېلىقى ۋاقىتتا غەربى كۆلدە ئارماننىڭ ئالدىدا تۇرۋىلىپ ئۇنىڭغا قوللىرىنى شىلتىپ، غەزەبلەنگىنىچە كېتىپ قالغان قىزغا قانداقتۇر بىر نەرسىنى سۇنۇۋاتقان يىگىتنىڭ ئارمانغا بەكلا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە يۆنلىشىمنى ئۆزگەرتىپ، شۇلار تەرەپكە ماڭدىم. قىز قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئالدىدىكى يىگىتنىڭ مەيدىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى ۋە ئۆزىگە سۇنۇلغان نەرسىنى ناز بىلەن ئالدى. ئاستا قەدەملەر بىلەن يىنىك دەسسەپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم. ھېلىقى يىگىت ئارمانغا ئوخشايدىغان بىرەيلەن ئەمەس، ئارماننىڭ نەق ئۆزى ئىدى!
ئۇلارنىڭ يان تەرىپىدىن ئۆتۈۋېتىپ قەستەن گېلىمنى قىرىپ قويدۇم. شۇ ھامان ئارقىسىغا ئۆرۈلگەن ئارمان كۈلكىدىن قىسىلىپ كەتكەن كۆزلىرىنى نەچچە سىكونىت ماڭا تىكتى ۋە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىدىكى قىزغا قارىغىنىچە بىرنېمىلەرنى دېيىشنى داۋاملاشتۇردى. يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرغان چوڭقۇر كۈندەشلىك، ئاچچىق ئازابنى زورىغا بېسىپ، قەدەملىرىنى يەرگە قاتتىق-قاتتىق ئۇرۇپ دەسسەپ كارىدۇرغا كىرىپ كەتتىم. ئەسلىدە گۈلپىيەدىن قەرز ئېلىپ تۇرغان پۇلنى ئارمانغا بېرۋېتىپ، ئاندىن سىنىپ مۇدىرىمىزنى ئىزدەپ كىرىپ، ئائىلەمدە ئېغىر قىيىنچىلىق بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ماڭا ئايمۇ-ئاي تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئوقۇش ياردەم خىراجىتى ۋە تاماق پۇلىغا ئېرىششنى ئىلتىماس قىلماقچى ئىدىم. ئەمما ھازىرقى بۇ كەيپىياتىمدا ھىچ ئىش خوشياقمايتى، تاكى ئارمان يېنىمغا كېلىپ، بايىقى ئىشنى چۈشەندۈرگەنگە قەدەر مېنىڭ كەيپىياتىم ئىزىغا چۈشمەيتى. يانچۇقۇمدىكى پۇلنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە بىرمۇ ئادەم يوق سىنىپقا كىرىپ جىمجىت ئولتۇردۇم. مەن ئۈچۈن نەچچە ئەسىردەك بىلىنگەن ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ، ئارمان كىرىپ كەلدى.
-خاپا بولۇپ قالدىڭ ھە زىبا؟
-ئۇ قىز بىلەن نېمە دېيىشىۋاتىسەن؟ ھېلىقى لالە دېگەن قىز شۇغۇ ئۇ؟!
-ھەئە شۇ! ئۆيدىكىلەر ماڭا خەت-خالتا ئەۋەتىپتىكەن، ئاپام لالەگىمۇ بىر خالتا قوشۇپ قويۇپتۇ، بەرمەي دېسەم يۇرتقا بارغاندا ئاپام سۈرۈشتە قىلىدۇ دېگىنە، شوڭا ئۇنىڭغا بېرىۋېتىپلا قۇتۇلاي دەپ، شۇنى ئەچىقىپ بەردىم.
-ھە، ئۆيۈڭدىن خەت-خالتا كەپتىما؟
-ھەئە، بىراق پۇل سالالماپتۇ...
-ھىچقىسى يوق، مەن گۈلپىيەدىن ئازراق قەرز ئېلىپ تۇردۇم، ئۆيدىكىلەرگىمۇ خەت سېلىۋەتتىم. ئۆيدىن پۇل كەلگۈچە بۇ پۇلنى ئىشلىتىپ تۇرايلى، ئالە!
-بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟ پۇل سەندە تۇرسۇنمىكىن...
-سەن دېگەن ئوغۇل بالا، مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم سەن! مالىيەنى باشقۇرۇشقا سەن مەسئول، مەن يېنىڭدا تۇرۇپ خەجلىسەملا بولىدۇ، تولا گەپ قىلماي ئالە!
-ماقۇل ئەمىسە، سەل تۇرۇپ تاماققا چىقايلى، ئاندىن مەن ياتاققا كىرىپ،ئۆيدىن كەلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ چىقىپ بېرەي ھە!
-ماقۇل، شۇنداق قىلە، ياتاققا ئەكىرىپ تازا كۆز-كۆز قىلۋالاي!
-خوش بولۇپ كەتكىنڭىنى قارا!
كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ ئارمان بەرگەن نان-توقاچ، يەل-يىمىشلەرنى ياتاققا ئەكىرىپ، ئۈستەل ئۈستىگە تۆكتۈم ۋە قىزلارنى بىللە يىيىشكە تەكلىپ قىلدىم.
-ئۆيۈڭدىن خالتا كەپتىما گۈلزىبا؟
-ياق، قاراپمۇ بىلمەمسەن پەرى، بۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشامدىكەن؟ ئارماننىڭ ئاپىسى ماڭا خالتا ئەۋەتىپتۇ!
-ھە مۇنداق دېگىن، بولغۇسى قېيىنئاناڭ بىلەنمۇ تونۇشۇپ بولۇپسەن دە!
-تېخى كۆرۈشۈپ باقمىدۇق، لىكىن ئارمان دېگەن ساراڭ تەتىلدە ئۆيىگە بارغاندا مېنى ئاتا-ئانىسىغا تونۇشتۇرۇپ بولۇپتۇ، ئالدىنقى قېتىم ئاپىسى ماڭا خەت يېزىپتىكەن، ئەمدى خالتا ئەۋەتىپتۇ، ئارمان يازلىق تەتىلدە مېنى ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئاتا-ئانىسىغا رەسمى ھالدا تونۇشتۇرماقچى!
-سىلەر يۈرگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بۇ تەتىلدىلا بېرىۋالساڭ، سەل بالدۇر بولۇپ قالامدۇ- قانداق؟
- زامان چاققاننىڭ! مەن ئالدىراپ بارمىسام، مېنىڭ ئالدىمدا بېرىۋالدىغانلار چىقىپ قالمىسۇن دەيمەنغۇ!
-تۈزۈك گەپ قىلغىنە گۈلزىبا! بۇ جاھاندا سەندىن باشقا قىزلارنىڭ مۇھەببىتى يوقتەك، يەنە بۇ جاھاندا ئاشۇ ئارماندىن باشقا يىگىت يوقتەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن! كىممۇ بېرىۋالار ئۇ ئارمىنڭنىڭ ئۆيىگە!
-مەن ئارماننىڭ ئاتا-ئانىسىنى تونۇيمەن، ئۇلار ئاتا-ئانام بىلەنمۇ ئانچە-مۇنچە بېرىش-كېلىش قىلىدۇ. ئاڭلىشىمچە ئارمانغا لالە دېگەن ھېلىقى چىرايلىق قىزنى ئېلىپ بېرىمىز دەپ، چاي ئىچۈرۈپ قويغانمىشكەنغۇ؟
-قايسى قىزنى دەيسەن؟
- ئارماننىڭ يۇقىرى يىللىقتىكى ھېلىقى يۇرتلىقىچۇ!
-ھە، ھېلىقى مەكتەپ گۈزىلىنى دەۋاتامسەن؟
-نەق ئۆزى شۇ! ئۇقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بەك باي، ئارماننىڭ ئاتا-ئانىسىىمۇ باي، ئىككى ئائىلە بەكلا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارمان ئۇ قىزنى تولۇقسىزدىكى ۋاقىتىدىن باشلاپلا قوغلاشقان.
-مەنمۇ ئۇ ئىككىسىنى يۈرىۋاتقانمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئارمان بىكار بولسىلا شۇ قىزنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالدىكەن، بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ بازارلاردا، باغچىلاردا ئايلىنىپ يۈرگىننى كۆرۈپ قالىمەن.
-مەنمۇ شۇ! تېخى تۈنۈگۈن ئارماننىڭ ئۇ قىزغا بىرنەرسە سوۋغا قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!
-زۇۋانىڭىنى يىغىش! ئارماننىڭ يۈرگەن قىزى باشقا بىرسى ئەمەس، مانا مەن! ھەرقايسىڭ ئارمانغا ئېرىشەلمەي، ئۇنىڭ مەن بىلەن يۈرىۋاتقىنغا ھەسەت قىلىپ، بىزنىڭ ئارقىمىزدىن خىلمۇ-خىل گەپ تېپىشۋاتىسەن! نوچى بولساڭ بۇيەردە ئۇنى-بۇنى دېيىشمەي، ئەتە چىقىپ ئارماندىن سوراپ بېقىش! قولۇڭدىكىنى قويىشە! بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسىڭغا ياغاچتا قىسىپ پوقمۇ بەرمەيمەن! ئارماننىڭ ئاپىسى ماڭا ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى پوق يىگەندەك يىېيىشسەنۇ، يەنە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتىن نومۇس قىلىشمامسەن!
-ۋاي يىمىسەك يىمىدۇق! بىز سېنى ئۇ نەرسىلىرىڭنى بەر دەپ زورلىدۇقما؟ ئۆزۈڭ بىزگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۈستەلگە قەستەن تۆكۈپ، سورىمىساقمۇ بىرمۇنچە ۋالاقشىيسەن، بىز كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى دەپ قويساق، نېمانچە چىچاڭشىيسەن؟ ساراڭمۇ بۇ!
-سەن رائىلەك نېمە دېمەكچىتىڭ؟ سېنىڭ ئارمانغا يۇشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگىنىڭىنى كىم بىلمەيدۇ؟! مۇشۇ يەردە ھەممىدىن بەك ھەسەت قىلىپ تۇرالمايۋاتقىنى سەن! شوڭا بىرمۇنچە غەيۋەت پاراڭنىمۇ سەن تېپىۋاتىسەن!
-ۋاي ئىشىڭنى قىلە، ئەر سارىڭى دەلتە! سېنىڭ ئۇ ئارمىنىڭ لازىم بولسىچۇ، يۇرتتىكى ۋاقتىمدىلا كەلتۈرۈپ بولاتتىم. مەن ساڭا ئوخشاش قېلىنلىقنىڭ ئۇچىغا چىقمىدىم. ئوقۇشۇم پۈتۈپ، جەمئىيەتتە بىركشلىك ئورنۇم تىكلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۈزۈك قەدىر-قىممتىم بولغاندا، خېرىدارلىقىمىنى قىلىپ بىر يىگىت ئالدىمغا كەلگەندە، ئاتا-ئانام قوشۇلغاندا ئاندىن قىزلىق غۇرۇرۇم بىلەن، ھايا-نومۇسۇم بىلەن بىر ئەرنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، ساڭا ئوخشاش بوينىنى باغلىمىغان تەخەيدەك، قەيەرگە چاقىرسا شۇيەردە يۈرمەيمەن!
بۇگەپلەرگە چىداپ بولالماي قولۇمدىكى ئىستاكاننى رائىلەگە قارىتىپ ئاتتىم ۋە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىغا يۈگۈردۈم. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسەتلىرى ئوخشاش بولغاچقا ، مېنى تۇتۇۋېلىپ رائىلەنى ئۇرغىلى قويۇشمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمانغا شۇنچىلىك مەھكەم يېپىشتىمكى، ھەركۈنى كەچتە ئۇنى ياتقىنىڭ ئالدىغا ئاپىرۋېتىپ، ئۇنىڭ كىرىپ كەتكىننى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ياتاققا قايتىدىغان بولدۇم.
ياتاقتىكى قىزلار بىلەن ئارىمىزدىكى زىدىيەت خېللا چوڭقۇرلىشىپ قالغان ئىدى. پەقەت سىنىپ باشلىقىمىز مۇنىرەلا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغىلا گەپ قىلاتتىم، باشقىلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيتىم. ئالدىنقى قېتىملىق ماجرادا گۈلپىيەمۇ ماڭا ئوبدانلا زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيۈمدىن پۇل كېلىشى بىلەنلا ئۇنڭدىن قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرىۋەتتىم ۋە ئۇنىڭغىمۇ تەتۈر قاراپ يۈردۈم. دادام مېنىڭ تەلەپ قىلغىنىم بۇيىچە كەنتتىن تەمىنلەپ بەرگەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئىسپاتنامسىنى خەتكە قوشۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، شۇ ئىسپاتنامنى كۆرسىتىپ يۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋە تاماق ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئىدىم. شوڭا ئەمدى ئۆيدىن كەلگەن پۇل بىلەن بۇ ياردەم پۇللىرىنى قوشۇپ ئىشلەتسەك، ئارمان ئىككىمىزگە يېتىپمۇ قالاتتى. پەقەت بولمىغاندا ئاي ئاخىرىدىكى بىرەر ھەپتىدە مەن كۈندە بىرۋاق تاماق يەپ تۇرساممۇ بولاتتى.
ئارمانغا مەھكەم يېپىشىپ، ئۇنى قولۇمدىن چىقىرۋەتمەي يۈرۈپ ئوقۇشنىڭ ئۈچنجى يىلىغا قەدەم قويغان ئىدىم. ئارماننىڭ بەزىدە لالە ئىسىملىك ھېلىقى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىننى كۆرۈپ قالاتتىم. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن مېنى قايىل قىلاتتى، مەنمۇ ئارتۇق سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەي، پەسكويغا چۈشۈپ قالاتتىم. ئەممە كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئارماننىڭ تا ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ باقمىغىنى ھەم ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ باقمىغىنى ئىدى. بۇ خىيال يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا نەۋرە ئاچامنىڭ ماڭا دېگەن ھېلىقى گەپلىرىدىن كېيىن كاللامغا كىرىپ قالغان ئىدى.
-ئوغۇل دوستۇڭ بارمۇ گۈلزىبا؟
-بار.
-ئىسىمى نېمە؟
-ئارمان
-چىرايلىق ئىسىمكەن، قاچان يۈردۇڭلار؟ ئۇنىڭ ساڭا قانداق كۆڭۈل ئىزھار قىلغىنىنى دەپ بەرگىنە؟
-قاچان يۈرگىنىمىزنى بىلمەيمەن، تەبئىلا ئارلىشىپ قالدۇق.
-ھە؟ ئۇ ساڭا«سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، كۆڭلۈڭنى ماڭا بەر»دەپ باقمىدىما؟
-ياق
-ئەمىسە نېمە دېدى؟
ھىچنىمە دېمىدى، شۇنداقلا يۈرۈپ قالدۇق.
-يۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنداق دەپ باقمىدىما؟
-ياق.
-مېنىڭچە ئوغۇللار ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغا بۇ گەپنى چوقۇم دەيدۇ، سەن بەكرەك دېققەت قىل، ئۇ سېنى ئالداپ قويمىسۇن يەنە! مېنىڭ يىگىتىمچۇ كۈندە بىر قېتىم «سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن مېنىڭ بارلىقىم» دەيدۇ ھا...ھا...ھا... تەتىل توشۇپ مەكتەپكە بارغۇچە بۇيەرگە ئىككى-ئۈچ قېتىم مېنى كۆرگىلى كېلىپ بولىدۇ دەيسەن ھا...ھا...ھا...
-يىگىتىڭ بىزنىڭ يۇرتتىنما؟
-ياق، بىچارە شۇنچە يىراقتىن مېنى كۆرگىلى كېلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ، كىرا پۇلى تېپىپ ئاندىن كېلىدۇ، ماڭا چىرايلىق كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىدۇ تېخى!
نەۋرە ئاچامنىڭ مۇشۇ گەپلىرى پات-پاتلا ئېسىمگە كېلىپ قالاتتى ۋە ئارماننىڭمۇ ماڭا« سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشىنى كۈتۈپ ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارايتىم. مۇھەببەت ھېكايلىرىنى، گۈزەل، لىرىك شېئىرلانى ئوقۇپ بېرەتتىم. لىكىن ئۇ سۆزلەر ئارماننىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى!
شۇ قېتىملىق خور ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى كەچكە يېقىن مۇسابىقە زالىغا مېڭىشقا تەمشىلۋېتىپ، ئارماننىڭ قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا لالەنىڭ چاچلىرىنى ئوڭشاپ، ئۇنىڭغا سوۋغات قېپى بېرىۋاتقىننى ياتىقىمنىڭ دېرىزىسىدىن كۆرۈپ قالدىم. لالەنىڭ كۈلۈمسرىگەن كۆزلىرى ئارمانغا تىكىلگەن ئىدى. ئارمان ھاراق ئىچكەن بولسا كېرەك يۈزلىرى ھېلىقى ۋاقىتتىكدەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېلىقى سوۋغات قېپىنى ئېچىپ، ئىچىدىن چىرايلىق بىر سائەتنى ئېلىپ لالەنىڭ بىلكىگە تاقاپ قويدى. لالە ۋىلىققىدە بىر كۈلۈۋېتىپ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتى. شۇ ھامان دېرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ ۋارقىرىدىم:
-ئارمان!
-زىبا! زالغا كىرمەپسەنغۇ؟ مۇئەللىم مۇشۇ ۋاقىتتا زالغا كىرىڭلار دېگەنغۇ؟
-سەنچۇ؟ سەن نېمىش قىلۋاتىسەن ؟ ماڭا بۇ ئىشنى چۈشەندۈر؟ بولمىسا دېرىزىدىن سەكرەيمەن!
-ھەي،ھەي! ساراڭلىق قىلما! ياتىقىڭدا جىم تۇر، مەن ھازىر چىقاي!
مىنۇت ئىچىدە ياتقىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ئارمانغا ئۈمچىيىپ قارىدىم.
-قانداق چىقتىڭ؟ مۇھاپىزەت ئۆيىدە ئادەم يوقمكەن؟
-باركەن، مەن دېگەن ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسام، توسقۇنسىز چىقىمەندە!
-تولا پو ئاتماي، ماڭا بايىقى ئىشنى چۈشەندۈر! ئۇنىڭغا نېمىشقا سائەت سوۋغا قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۇنىڭ چېچىنى ئوڭشاپ قويىسەن؟
-مېنى كۈنلەۋاتامسەن زىبا؟
-ھەئە، سېنى كۈنلەۋاتىمەن ساراڭ! سېنى ياخشى كۆرىمەن، بەكلا ياخشى كۆرىمەن ھۈ...ھۈ...ھۈ... مېنى بۇنداق قىينىما بولامدۇ؟
ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىدىم ۋە ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلىدىم.
-بۇنداق قىلما زىبا، مەن ئازراق ھاراق ئىچىۋالدىم، ھېلى ئۆزۈمنى تۇتالماي قالسام...
-ئۆزۈڭنى تۇتالماي قالساڭ مەيلى!
-سەن خالامسەن؟
-ھەئە
-راسلا... راسلا خالامسەن؟
-بىلسەڭ مەن سېنىڭكى ئەسكى... سېنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، سېنى ھەركۈنى سېغىنىمەن...
-ماقۇل ئەمىسە، مەندىن رەنجىمە جۇمۇ...
داۋامى بار.