27 ئۆلكە ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزدى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇۋاپىق كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش» توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇۋاپىق كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە سىجىل يېتەكچىلىك قىلدى. 2024 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگە قەدەر، بېيجىڭ، گۇاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭ، شەندۇڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭشى، چىڭخەي، جىلىن، جياڭسۇ، خېبېي، ئەنخۇي، خەينەن، فۇجيەن، خېنەن، شەنشى، شىزاڭ، خۇبېي، سەنشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، نىڭشيا، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جەمئىي 27 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھۆججەت تارقىتىپ، كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، باشقا تۆت ئۆلكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ