ما شىنبىن شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ داشۆسى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇللىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلدى: يولداش ما شىنبىن شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى (مەمۇرىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ)، يولداش ياۋ چياڭ شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ما شىنبىن 2014-يىل 5-ئايدا تيەنجىن داشۆسى خىمىيە سانائىتى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2023-يىل 1-ئايدا تيەنجىن داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، چاڭجياڭ ئالىملىرى ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى، دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار فوندىغا ئېرىشكۈچى، ئون مىڭ ئادەم پىلانىدىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى، 863 تۈرىنىڭ باش ئالىمى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېڭىلىق يارىتىش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان ياۋ چياڭ چىڭخۇا داشۆسىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆيۈش-بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىم.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز