شىنجاڭدا بىر ئەر ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن توردا مۇھەببەتلىشىپ ئالدامچىلىق قىلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
«جېنىم، مەن ئۆيگە قايتىش يولىدا، چوك چوك چوك!»
11-ئاينىڭ 21-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرىدىكى 37 ياشلىق ئاھالە ۋۇ XX «توردا مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز دوستى» ئامېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، بىردەمدىن كېيىن قارشى تەرەپ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولغاچقا، ۋۇ XX تولىمۇ خۇشال بولغان.
«ئاپلا، ماشىنىنىڭ مېيى قالماپتۇ، كارتامدا پۇل قالمىغان ئىدى، ماڭا ئازراق پۇل يۆتكەپ بېرىڭ، مەن ماي قاچىلىۋالاي.» قىز دوستى كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا يولۇققانلىقتىن، ۋۇ XX دەرھال نەچچە يۈز يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەن، كىم بىلسۇن، بىردەم ئۆتمەيلا شۇم خەۋەر كەلگەن: «چاتاق بولدى، ئاپام بايا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ، ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق، ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك ئىكەن، لېكىن مەندە نەچچە يۈز يۈەنمۇ يوق....»
ۋۇ XX سەل ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇ ئەسلىدە «ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش»نى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم يەنە كېچىكتۈرۈلىدىغان بولغان، قىز دوستى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىمۇ كېچىكتۈرۈش كېرەك ئىدى. بىراق ۋۇ XX «بولغۇسى كۈيئوغۇل»لۇق مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم مەردلىك بىلەن ياردەم قىلىپ، ئامېيغا 30 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەرگەن.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، قىز دوستى ئىزچىل ئانىسىغا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ۋۇ XX يوقلاپ بارغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ رەت قىلىنغان. ئامېي ئۇنىڭغا: «ھەرگىز كەلمەڭ، ئاپام ئېغىر يارىلاندى، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش قولايسىز. خاتىرجەم ھالدا مېنى ساقلاڭ، ئاپام دوختۇرخانىدىن چىقسىلا، سىزنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن» دېگەن. ۋۇ XX ئامالسىزلىقتىن بولدى قىلغان.
«ئاپىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟» نەچچە كۈندىن كېيىن، ۋۇ XX قىز دوستىغا سالام يوللاش ئۇچۇرى يوللىغان، ئەمما پاراڭلىشىش كۆزنىكىدىكى قىزىل بەلگىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كۆڭلى قارتلا قىلىپ قالغان. «ئۇ نېمىشقا مېنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ؟» ۋۇ XX دەرھال قىز دوستىغا تېلېفون قىلغان، لېكىن ھەر قانچە تېلېفون قىلسىمۇ ئۇلانمىغان، ئۇ قىز دوستىنىڭ كۈتۈلمەسلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئامېينى ئىزدەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.
مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئامېينى تەكشۈرگەن، ھەمدە مەسىلىنى بايقىغان.
«ئامېي دېگەن ساختا ئىسىم ئىكەن!» دېلو بېجىرگۈچى ساقچى ۋۇ XX كە ئۇنىڭ «قىز دوستى» نىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنىڭ مى XX ئىسىملىك بىر ئەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ۋۇ XX ئايلىنىپ چۈشكىلى تاس قالغان.
ساقچىلار بۇنى بىر ئالدامچىلىق دېلوسى دەپ بېكىتىپ، جىنايەت گۇماندارى مى XXنى قولغا ئالدى. سوراق قىلىش جەريانىدا، مى XX كىشىلەر ئويلىمىغان پاكىتنى تاپشۇردى، ئۇ ۋۇ XX نى ئالداشقا ئىشلەتكەن ئۈندىدار نومۇرىنى ئۇنىڭ ۋاپات بولغان ئايالى ھايات ۋاقتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئامېي دېگەن ئىسىممۇ يوق يەردىن ئويدۇرۇپ چىققان بولماستىن، بەلكى ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى ئىكەن.
2024-يىل 1-ئايدا، مى XX مەلۇم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ۋۇ XX ئېلان قىلغان تويلىشىش ئېلانىنى كۆرۈپ، كۆڭلىگە يامان خىيالنى پۈككەن. ئارقىدىن بويتاق قىز ئامېيغا ئايلىنىپ، «توردا مۇھەببەتلىشىش» نامىدا ۋۇ XXنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
ئارىلىقتا، مى XX ئۆزىنىڭ «ئىدىيەسى كونا ئىكەنلىكىنى، يۈز كۆرۈشسە، سىن ئېچىپ كۆرۈشسە بولمايدىغانلىقىنى»، چوقۇم ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى توي ئىشىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاندىن ۋۇ XX بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋۇ XX مۇھەببەتلىشىپ بېشى ئايلىنىپ كەتكەچكە، ئەزەلدىن «قىز دوستى»نىڭ سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان.
5-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مى XX ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئاغرىپ قېلىش، ئالەمدىن ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەرنى توقۇپ چىقىرىپ، ۋۇ XX تىن جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلۈك تەلەپ قىلغان. ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 4-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مى XX نىڭ ئوخشاش ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 80 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدى.
ھازىر دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟