جۇڭگو تەرەپ توققۇز دۆلەتكە قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى قارار قىلدى
1-چېسىلا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىززو بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو تەرەپنىڭ سىلوۋاكىيەگە يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، كونكرېت ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ بەرگىلى بولامدۇ؟ كۈچكە ئىگە بولغان 20 دۆلەتتىن باشقا، يەنە يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەت بارمۇ؟
بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ۋە چەت ئەل خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى، 2024-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ سىلوۋاكىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە، ئاندور، موناكو، لېچتېنشتېن، كورېيەنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملىرىغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ. 2025 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، توققۇز دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىدىغان، ساياھەت ـ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان ۋە چېگرادىن ئۆتىدىغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا بېجىرمەي چېگرادىن كىرىشكە بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى