خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
圈子虽小,干净就好
ئالاقە چەمبىرىكى كىچىك بولسا ھېچقىسى يوق، پاكىز بولسىلا بولدى
ღ ღ ღ
年岁愈长,愈觉得,这人海茫茫,这世事纷扰,与己相关者不过二三。
ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى، بۇ بىپايان ئادەم دېڭىزىدا، بۇ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئېگىز-پەسلىكىدە، مۇناسىۋەتلىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلىرىنىڭ ئىككى-ئۈچتىن ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
微信好友,不代表是现实里的好朋友;
ئۈندىداردىكى دوستلار رېئاللىقتىكى ياخشى دوستلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛
同学同事,不应对其有超出关系之外的期待;
ساۋاقداش ۋە خىزمەتداشلاردىن ئارىدىكى مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان ئۈمىدلەرنى كۈتۈشكە بولمايدۇ؛
亲戚老友,不可以高估自己在对方心里的位置。
ئۇرۇق-تۇغقان ۋە كونا دوستلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋېلىشكە بولمايدۇ.
也许曾经的热闹和熟稔都是真的,但时间在走,每个人都在变,我们总要学着给生活做一做减法。
ئېھتىمال، ئىلگىرىكى شاد-خۇراملىق ۋە پىششىق تونۇشلۇقلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەممە ئادەم ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا بەزى نەرسىلەرنى قىسقارتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
尤其是对“无效社交”,要勇敢地断舍离。
بولۇپمۇ «ئۈنۈمسىز ئىجتىمائىي ئالاقە»لەردىن باتۇرلۇق بىلەن ۋاز كېچىش ۋە ئۇلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.
人生有限,韶华易逝,要留给新鲜和值得。
ھايات چەكلىك، ئۇنىڭ گۈلدەك چاغلىرى ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، ھاياتنى يېڭى ۋە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرگە قالدۇرۇش كېرەك.
就像有句话说的好:到了一定年纪,必须扔掉四样东西:没意义的酒局,不爱你的人,看不起你的亲戚,虚情假意的朋友。生活质量会因精简而提高,心灵质量也从不在拥挤,而在于相互的珍惜和懂得。
بۇ داۋلى تۆۋەندىكى جۈملىدە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ. مەلۇم ياشقا بارغاندا، تۆت نەرسىنى تاشلىۋېتىش كېرەك: ئەھمىيەتسىز يىغىلىش، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم، سىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقان، ساختا مۇھەببەت، ساختا ھېسسىياتلىق دوستلار. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىخچاملىقى سەۋەبلىك تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئىچكى دۇنيامۇ ئۆزئارا قەدىرلەش ۋە چۈشىنىش نەتىجىسىدە كېڭىيىشكە باشلايدۇ.
你必须要丢掉一些,才能再继续得到一些。
بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋەتسىڭىز، داۋاملىق تۈردە يەنە باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.
圈子虽小,干净就好,真心就好。
ئالاقە چەمبىرىكى كىچىك بولسا ھېچقىسى يوق، پاكىز بولسا، چىن كۆڭۈلدىن چىققان بولسىلا بولدى.
《请停止无效社交》一书里这样写道:你忙于交际,疲于应付。鸡同鸭讲的尴尬无处不在。你为了别人的欢笑而奔波,又为了别人的肯定而牺牲自我,你的人生仿佛都不是你的。
«ئۈنۈمسىز ئىجتىمائىي ئالاقىنى توختىتىڭ» ناملىق كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «سىز ئىجتىمائىي ئالاقە بىلەن ئالدىراش يۈرىسىز، بۇ ئالاقىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي چارچايسىز. بۇ جەرياندا ئورتاق تېما تېپىلماسلىق، پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولماسلىقتەك ئوڭايسىزلىقلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن پايىپېتەك بولىسىز، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىسىز، ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايسىز».
其实你根本不是在社交,而是在无谓地蹉跎光阴。可能我们都有过这样一个阶段吧,纵使心里已经厌烦到不行,嘴上还是说不出一句拒绝,因此给自己揽了不少事,每天忙得团团转,到头来自己的生活却没顾好。
ئەمەلىيەتتە، سىز بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي ئالاقە قىلمايۋاتىسىز، بەلكى، ۋاقىتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋاتىسىز. ئېھتىمال، ھەممىمىز مۇنداق بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. يەنى كۆڭلىمىزدە ئاللىبۇرۇن بەكلا بىزار بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، بىر ئېغىز رەت قىلالمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك ئۆزىمىزگە بىرمۇنچە ئىش تېپىۋېلىپ، كۈنلىرىمىزنى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز، ئاخىرىغا كېلىپ تېخى ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقىنى بايقايمىز.
实际上,真正的好朋友,真正愿意为你着想的人,是不会明知你可能会为难还一定要来为难你的。
ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ياخشى دوست ئىشلاردا سىز ئۈچۈن ئويلاشنى ھەقىقىي خالايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ خىجالەتچىلىكتە قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن يەنە شۇنداق قىلىدىغان ئادەم ئەمەس.
这些人不过是希望借你达成一些目的罢了,就算你竭尽所能帮助了,于对方而言也不过是仅此而已,他日若你落难,对方真不一定能把今日你的好尽数交还。
بۇنداق ئادەملەر سىز ئارقىلىق پەقەتلا بەزى مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقتىن، سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم قىلغان تەقدىردىمۇ قارشى تەرەپكە ھېچقانچە بىلىنمەيدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىيىن كۈندە قالغىنىڭىزدىمۇ قارشى تەرەپ سىزنىڭ بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرمايدۇ.
与之相比,那些真正能够与你同甘苦共患难,那些是真心盼着你过得好的人,那些就算岁月流逝,你们依然彼此珍惜,依然还能聊得来的人,才是应该你珍惜你的人。
بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، سىز بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ ھەقىقىي بىللە بولالايدىغان، سىزنىڭ ياخشى ياشىيالىشىڭىزنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدىغان، ھەرقانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتسىمۇ، يەنىلا سىز بىلەن ئۆزئارا قەدىرلىشىپ ئۆتىدىغان، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقىدىغانلارلا سىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
想明白这一点,剔除掉前者,才能筛选出后者。成年人的圈子,忌拥挤,忌嘈杂,宜真心,宜干净。
بۇ نۇقتىنى چۈشىنىۋېلىپ، ئۆزىڭىزگە غەرەزلىك يېقىنلاشقانلاردىن يىراقلاشسىڭىز، ھەقىقىي دوستلىرىڭىزنى ئايرىپ چىقالايسىز. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى بەك قىستاڭ، بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولماسلىقى، سەمىمىيلىك، پاكىزلىقنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
时光往复,彼此如初,才是最好的状态。
شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ بىر-بىرىگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى پىسخىك ھالەتتۇر.
《黄金时代》里说:
«ئالتۇن دەۋر»دە مۇنداق دېيىلگەن:
“人这一生,可以选择的事儿很少,没法选择怎么生,也没法选择怎么死。
«ئىنسان ھاياتىدا تاللىيالايدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ، قانداق تۇغۇلۇشنى، قانداق ئۆلۈشنى تاللىيالمايدۇ.
我们能选择的只有两件事,这一生怎么爱,这一生怎么活。”归根究底,跟谁在一起,过什么样的生活,一生中这最大的命题,是由我们自己抉择的。
بىزنىڭ تاللىيالايدىغىنىمىز پەقەتلا ئىككى ئىش. بۇنىڭ بىرى، قانداق سۆيۈش، يەنە بىرى قانداق ياشاش. تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاياتلىقتىكى كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش، قانداق ياشاشتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئىككى ئىشنى ئۆزىمىز تاللايمىز.
人生已经有很多艰难了,所以余生,就别在关系上继续为难自己了。
ھاياتتا مۈشكۈلچىلىكلەر تولىمۇ كۆپ. شۇڭا، قالغان ئۆمرىڭىزدە مۇناسىۋەتنى دەپ ئۆزىڭىزنى خىجالەتچىلىكتە قويماڭ.
不想答应的请求,果断一点拒绝;
قوبۇل قىلغۇڭىز يوق تەلەپلەرنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىڭ؛
不想结交的人,干干脆脆地远离;
ئالاقە قىلغۇڭىز يوق ئادەملەردىن كەسكىنلىك بىلەن يىراقلىشىڭ؛
ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان چەمبىرەككە زورلاپ كىرىۋالماڭ، ئۇدۇل كەلگەنلا ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى ئېسىڭىزدە تۇتىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى چارچاتماڭ، زېھنىڭىزنى يىغىپ، ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنى سۆيۈش، ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈشكە سەرپ قىلىڭ.
چەمبىرىكىڭىز كىچىكرەك، سەمىمىيلىك كۆپرەك بولسۇن.
قالغان ئۆمرىڭىزدە ئەرزىيدىغان ئادەملەرگىلا قىزغىن بولۇشىڭىز، سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرگىلا سەمىمىي بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن؛ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەمراھىڭىز، تۆت-بەش سىرداش دوستىڭىز، سىزنى شەرتسىز قوللايدىغان ئائىلە ئەزالىرىڭىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىزنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، سالماق پوزىتسىيەدە ئۆز غايىڭىزدىكىدەك ھەم نەپس تۇرمۇش كەچۈرەلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟