لىۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3000 دىن ئاشتى

时事   2024-11-07 15:01   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىمىز

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: لىۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3000 دىن ئاشتى، بۇ، 2006-يىلىدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن جېنجۇداڭ پارتىيەسى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن جېنجۇداڭ پارتىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟

ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى لىۋان ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، بىز لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمىز، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئەيىبلەيمىز. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرگە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章