شىرئەلىجان كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

时事   2024-11-05 18:05   北京  

تۇڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى شىرئەلىجان يېرىم كېچىدە كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، نەنجىڭ تۇڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى شىرئەلىجان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا كوماندىدىن ئايرىلىش قارارىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توپ كوماندىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى CBA نىڭ دائىمىي مۇسابىقىسىدە، تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جېجياڭ چوۋجوۋ كوماندىسىغا يېڭىلىپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، نۆۋەتتە ئالدىنقى 9 ئايلانمىدا 4 مەيدان ئۇتۇش، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن، ۋاقتىنچە 10-ئورۇندا تۇردى.


شىرئەلىجاننىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش جاكارنامىسىنىڭ تولۇق تېكىستى:

سۆيۈملۈك توپ مەستانىلىرى، ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن دوستلىرىم، ياش تىرېنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك جايلىرىمنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ۋاسكېتبولنى قىزغىن سۆيىمەن، بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىمەن، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشالىشىمنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا، مەن كوماندىدىن ئايرىلىپ، ئۆزۈمنى توختىتىۋېلىپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تىرېنېر بولۇشقا ئاساس سېلىپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېيىتىشنى قارار قىلدىم. داۋاملىق غەيرەت قىلىڭلار، بۇرادەرلەر!


       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

◇ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى

◇ ئايال خىزمەتچىلەرگە «ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەم ئېلىشى» بېرىلىدۇ

◇ بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس

◇ ياشلارنىڭ مۇكەممەل توي مۇراسىمى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章