قارىمۇچ 10 گىرام، مۇرمەككى 5 گىرام، ھىڭدىن 1 گىرام، دورىلارنى سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ.
سانا، خىيارشەنبەر 10 گىرامدىن، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، ئۇبھەل، ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى 3 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھەيىز راۋانلاشتۇرىدۇ.
ياۋا جۈخار 15 گىرام، مامكاپ 30 گىرام، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ. ئەرمۇدۇن دەرىخى قوۋزىقىنى زەپە بىلەن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، سوقۇپ شامچە تەييارلاپ، بالىياتقۇغا سالسا، ھامىلدار بۇلۇشقا پايدىسى بۇلىدۇ.
سانا، خىيارشەنبەر، ئارچا مېۋىسى، زاراڭزا گۈلى، جىنچاتقىلى 10 گىرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ. ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 10گرام ، بەدىياندىن7 گرام ،تاۋۇز ئۇرۇقىدىن 10 گرام ئېلىپ قاينىپ ئىچسە سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى زەيتۇن يېغىنى 25 مىللىلتىر قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچسە، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈنجۈت يېغى 10 گىرام، خىيارشەنبەر 15 گىرام، سانادىن 10 گىرام، بۇلاردىن شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ھەيىز راۋان قىلىدۇ. چاققاقئوت ئۇرۇقىدىن 10 گىرام، زاراڭزا چېچىكىدىن 5 گىرام، بۇلارنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋان قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:-ھەيىز راۋانلاشتۇرۇش رېتسىپىنى ھامىلدار ئاياللار ئىشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ ، بولمىسا ھامىلە چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى بار .
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ