ئادەم بېدىكى يۈ خۇايىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

时事   2024-11-05 21:01   北京  

ئادەم بېدىكى يۈ خۇايىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ھەققانىيەت ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بارلىق ئائىلىلەرگە تەسەللى بېرەيلى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى قايتا سوتلاپ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، جاۋابكار يۈ خۇايىڭنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈر بويى مەھرۇم قىلدى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى.

يولۋاس چېغىدا ئۆز بالىسىنى يېمەيدۇ. يۈ خۇايىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش يولىغا قەدەم قويغاندا، تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئوغلىنى سېتىۋەتكەن. ئۇزۇن يىل دېلو سادىر قىلىش جەريانىدا، يۈ خۇايىڭ دائىم كىچىك قىزىدىن پايدىلىنىپ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرغان. يۈ خۇايىڭ ئالداپ ساتقان 17 بالا ئىچىدە، بەش ئائىلىنىڭ ئىككىدىن بالىسىنى بىللە ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. تورغا چۈشكەندىن كېيىن، يۈ خۇايىڭ جىنايەت پاكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقرار قىلمىغان ھەم پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بولمىغان. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇنىڭدا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ يوقالغانلىقىنى، گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى باسقىلى بولمايدۇ. قايتا سوت قىلىشنىڭ بىرىنچى سوتىدا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قېلىش نەتىجىسى يۈ خۇايىڭنىڭ گۇناھىغا بولغان تېگىشلىك جازادۇر.

بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ، ئائىلىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈ خۇايىڭغا ئوخشاش ئادەم بېدىكلىرى رەزىل قارا قولىنى سەبىي بالىلارغا سوزۇپ، قايتا-قايتا ئالداپ سېتىپ، ئاتا-ئانىلارنى بالىسىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىپ، نۇرغۇن ھايات پاجىئەلىرىنى پەيدا قىلدى. ئالداپ كېتىلگەن بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىسىنى ئىزدەش يولىدا نەچچە ئون يىل ھەر تەرەپكە قاترىدى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېسسىيات جەھەتتە قاتتىق ئازاب تارتتى، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ بۇ ئائىلىلەر ۋە بالىلارغا كەلتۈرگەن ئازابى ۋە زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ھەم كەچۈرگىلىمۇ بولمايدۇ!

دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلاردىن «قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودا بىرىنچى سوت، ئىككىنچى سوت ئارقىلىق، يەنە قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئەڭ قاتتىق قانۇن تەرتىپى بويىچە يۈ خۇايىڭنىڭ بارلىق جىنايەت پاكىتلىرى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چىقىلدى ھەمدە قانۇنغا ئاساسەن توغرا جازا ئۆلچەپ، بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئادىللىقنى قايتۇردى شۇنداقلا يۈ خۇايىڭغا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالدۇردى.

جىنايەتنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل ۋاقتىدا جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش. بۈگۈنكى كۈندە، بىيو پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلولىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ داۋاملىق زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن زور بىر تۈركۈم بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولدى، جىنايىتى ئېغىر بولغان نۇرغۇن ئادەم بېدىكلىرى تورغا چۈشۈپ سوتقا تارتىلدى. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشىغا قارىتا ئۇزاق مۇددەتلىك چۆچۈتۈش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، يۈ خۇايىڭ دېلوسى قاتارلىق بۇ خىل يامان خاراكتېرلىك دېلولارنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، جىنايەتچىلەرنى ئاخىرىغىچە قوغلاپ تۇتۇپ، يامان ئىشلارنى تۈگىتىشىمىز كېرەك، شۇندىلا چۆچۈتۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىپ، كەڭ ئاممىنى كونكرېت قانۇن يۈرگۈزۈش دېلولىرىدىن قانۇن ۋە ھەققانىيەتتىن ھېيىقىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، «دۇنيادا بالىلارنى ئالداپ سېتىش مەۋجۇت بولماسلىق»نى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.


       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

◇ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى

◇ ئايال خىزمەتچىلەرگە «ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەم ئېلىشى» بېرىلىدۇ

◇ بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس

◇ ياشلارنىڭ مۇكەممەل توي مۇراسىمى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章