خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىش شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇردى
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «كىم بېكىتسە، شۇنى بېكىتىش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، سالاھىيەت شەرتى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقاردى.
مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئادەتتە بەلگىلىك كىرىمگە ئىگە بولسىمۇ، داۋالىنىش، مائارىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتلەق چىقىمى بىرقەدەر زور بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قىيىنچىلىق مەۋجۇت. مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تىك قىيا ئېففېكتى»نى ئازايتىپ، پەلەمپەيسىمان قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە مۇقەررەر تەلەپ.
مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى جەھەتتە، چارىدە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھوقۇق چېكى يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى) لارغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.
چارىدە يەنە مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىشتە بىرلا ۋاقىتتا كىرىم ۋە چىقىم ئەھۋالىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش تەلەپ قىلىندى. كىرىم جەھەتتە، چارىدە مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئالدى بىلەن «ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇلتۇرقى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن تۆۋەن بولغان» تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولمايدىغان، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر بولۇشى بەلگىلەندى؛ چىقىم جەھەتتە، چارىدە مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ «ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى 12 ئايدا ئائىلىسىنىڭ مۇتلەق چىقىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئائىلە ئومۇمىي كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىش»تىن ئىبارەت بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى