قېرى قىز 3- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-06 11:00   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

3- قىسىم

موماينىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە گۈلزىبا ياتقان ئۆيگە كىردىم ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا قات-قات سېلىنغا كۆرپىلەر ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويۇلغان،چىرايى زەپراندەك سارغىيىپ، قانسىز لەۋلىرى ۋە ئەتراپى قارىداپ قالغان كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، چۈشۈپ ئازلا قالغان چاچلىرى ئۆرۈپ قويۇلغان، ئاجايىپ ئورۇق بىرگەۋدىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.

-مۇشۇ گۈلزىبا شۇ قىزىم...

موماي مىچچىدە يىغلىغىنىچە گۈلزىبانى ئاستا نوقۇدى.

-گۈلزىبا، گۈلزىبا، ساۋاقدىشىڭىز سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ قىزىم.
ئۇ كۆزىنى لاپپىدە ئېچىپ ماڭا بىر قارىدى ۋە بېشىنى ئۇيانغا بۇراپلا كۆزىنى يۇمۇۋالدى.
*** *** ***
-گۈلزىبا، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ مەن مۇنىرە، تونۇدۇڭمۇ؟
-بۇيەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ سېنى كىم ئەۋەتتى؟ تايىنلىق مېنىڭ بۇ ئەپتىمنى مازاق قىلغىلى كەلگەنسەن؟ سىلەر شۇنچە خۇشال، شۇنچە بەختلىك، مەن بولسام مانا مۇشۇ ھالدا، مېنى بۇنداق كۆرۈپ خۇشال بولۇپ كەتكەنسەن!

-ئۇنداق دېمە گۈلزىبا، مەن سېنى يوقلاپ كەلدىم، سېنى كۆرگىلى كەلدىم.

-مېنى نېمىشقا يوقلاپ كېلىسەن؟ مېنىڭ ئاغرىقلىقىمىنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟ بىز ئالاقىلىشىپ باقمىغان تۇرساق، ئاغرىپ قالغىنىمنى قانداق بىلدىڭ؟ سېنى ئارمان ئەۋەتتىما؟

-ياق ئاداش، ئاسىيەنىڭ تۇنجى يولدىشى ئۆلۈپ كېتىپ، قايتا توي قىلغان، شۇ تويدا ساۋاقداشلار يىغىلىپ قاپتىمىز، قارىسام سەن بارالمىدىڭ، ئاسىيەدىن ئاڭلىسام ئاغرىپ قاپسەن، شوڭا سېنى يوقلاپ كەلدىم.

-ھە، ئاسىيە كىم بىلەن توي قىلدى؟ تويغا ئارمانمۇ كەپتىمۇ؟

-ئاسىيە ئېرپان بىلەن توي قىلدى، ئارمان تويغا كېلەلمەپتۇ ئاداش.

-مەن ئاغرىپ قالمىغان بولسام ئارمانمۇ ئېرپان ئاسىيەنى ئالغانغا ئوخشاش، مېنى ئالغىلى كېلەتتى، لىكىن مەن ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم، ئارمان ئەمدى كەلمەيدۇ...

-ھەي! قانداق بالىسەن؟ باغرىڭ نېمانداق قېتىپ كەتكەن سېنىڭ! مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىپمۇ يەنە شۇ ئارماننى ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەيسىنا! سېنىڭ كۆڭلۈڭدە شۇ ئارماندىن باشقا ھىچكىم يوقمۇ؟ شۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتتتىڭمۇ؟ ساڭا قاراپ بىزنىڭ تارتقانلىرىمىز تېخى يىتەرلىك بولمىدىمۇ؟ تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويغانغا چۈشلۇق بىزگىغۇ ھىچ ئىش قىلىپ بەرمىدىڭ،ئۆزۈڭگە بولسىمۇ بىر ياخشىلىق قىلساڭ بولمامدۇ ھەي ئادەم بالىسى! ھۈ...ھۈ...ھۈ...! بىزغۇ سېنىڭ بەختىڭدىن باشقا، سالامەتلىكىڭىدىن باشقا ھىچنىمنى ئارزۇ قىلمىدۇق، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ، مۇشۇ ئەپتىڭدە بولسىمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئايىساڭ، ئۆزۈڭنىمۇ ئايىساڭ بولمامدۇ؟ ۋاي يۈرىكىم، ۋاي يۈرىكىم! ياڭزىمۇ-ياڭزا بالىنى تۇغۇپ قويدىكىنا ئەدەم ...ھۈ...ھۈ...ھۈ...

-مېھماننىڭ ئالدىدا قاينىماڭ ئاپا، بۇ يە گۈلزىبانىڭ بىرىنجى قېتىم دېگەن گېپى بولمىسا! ئىككىسى ساۋاقداشكەن، بۇلارنى خالي قويايلى، گۈلزىبا كۆڭلىدىكىنى ساۋاقدىشىغا دەۋالسۇن.

قاچانلاردىدۇر يېنىمىزغا كىرىپ تۇرغان، گۈلسىمان ئىسملىك قىزغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇ ئايالغا قاراپ دەرھال ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم.

-«ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام»دەپتىكەن، ئاۋۋال بۇ قىزىمغا داستىخان سېلىڭلار، ئىككىسى ئاندىن پاراڭلاشسۇن. بايىقى خاپىچىلىقتا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم، خاپا بولماڭ قىزىم، ئاۋۇ ئەقىلسىزنىڭ دېگەنلىرىنىمۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!

-ياقەي چوڭ ئانا، كۆڭلۈمگە ئالمايمەن.

ئالدىمغا سېلىنغان ئاپئاق داستىخان ئۈستىگە تىزىلغان، يېڭىلا يېقىلغان ناننىڭ مىزلىك ھىدى ئىشتىيىمنى ئېچىۋەتتى، نانغا يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن خام قايماق، قىيام ئارلاشتۇرۇلۇپ ئىتىلگەن دوغاپ،قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك- شاپتۇللار كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنمەكتە ئىدى.

-قېنى قىزىم، بەھۇزۇر ئېلىڭ، تاماق پىشقۇچە قورسىقىڭىز ئېچىپ قالمىسۇن، ھاۋا ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، دېققەتسىزلىكتىن قورساقنى ئاچ قويساقلا، ياكى ئۇسسۇز قالساقلا ناھايتى ئاسان ئىسسىق ئۆتۈپ قالدىغان چاغلار مۇشۇ، تارتىنماي ئېلىڭە، مۇنۇ دوغاپ ئىسسىقىنى باسىدۇ.

بىرچىنە دوغاپنى گۈپۈلدىتىپ ئىچۋەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ راھەتلىنىپ كەتتىم ھەم ئۆزۈمنىڭ يولدا كەلگەچ ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتكىنمىنى ھېس قىلدىم.

-گۈلزىبانىڭ داشۆدىكى ساۋاقدىشىمۇ سىز قىزىم؟

-ھەئە چوڭ ئانا.

-قايسى يۇرتتىن بولىسىز؟

-كۇچادىن.

-شۇنچە يىراقتىن قىزىمنى يوقلاپ كەپسىز چىرايلىق قىزىم،رەھمەت سىزگە، رەھمەت!

موماي يەنە كۆزىگە ياش ئالدى.

-كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا چوڭ ئانا، گۈلزىبا چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

-دېگىنىڭىز كەلسۇن قىزىم، توي قىلغانسىز؟ بالىڭىز بارمۇ؟

-ھەئە، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا توي قىلغان ئىدىم، ئىككى ئوغلۇم بار، چوڭى ئالىي مەكتەپتە، كىچىكى ئىچكىرىدە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

-ئۇف!... گۈلزىبامۇ ئەرگە تەگكەن بولسا بالىسى بولار ئىدى...

موماينىڭ يەنە تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان يېشىغا قاراپ نېمە قىلارىمنى، نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. موماينىڭ «توي قىلدىڭىزمۇ؟ بالىڭىز بارمۇ؟»دېگەن سۇئالىغا «ھەئە»، ياكى« ياق » دەپلا جاۋاب بەرمەي، خۇددى ئۆزۈمنى قەستەن كۆز-كۆز قىلۋاتقاندەك شۇنچە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ كەتكىنىمگە پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم.

-مېھماننىڭ ئالدىدا يىغىلما ھوي گۈلسەيدە! نان، قېتىقلىرىڭدىن قىزغىنىپ قالدىڭمۇ يە !

-تولا گەپ قىلمىسۇن، ساراڭ چال!

موماي يېشىنى كۆڭلىكىنىڭ يىڭى بىلەن سۈرتىۋېتىپ، چوڭلا بىر پارچە ناننى پىيالىدىكى قايماققا چىلىدى ۋە ماڭا ئۇزاتتى.

-چوڭ -چوڭ ئېلىڭ قىزىم، تاماقمۇ سەل تۇرۇپ پىشىدۇ.

-ئۆزلىرىمۇ كەلسىلە چوڭ ئانا، تاماق قىلمىساڭلارمۇ بولاتتى، مۇشۇ داستىخانمۇ بەكلا مول ئىكەن.

-شۇنچە يىراقتىن قىزىمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ كەپسىز چىرايلىق قىزىم، قۇرۇق داستىخان بىلەن يولغا سېلىپ قويساق قانداق بولىدۇ؟ تارتىنماي ئېلىڭە! ئاتا-ئانىڭىز بارمۇ، سالامەت تۇرىۋاتامدۇ؟

-ئاتا-ئانام سالامەت تۇرىۋاتىدۇ، رەھمەت چوڭ ئانا.

داستىخانىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ئېغىز تەگمىسەم موماينىڭ مېنى داستىخاندىن تۇرغىلى قويمايدىغانلىقىنى پەملەپ، ھەممىسىدىن تېتىپ باقتىم ۋە گۈلزىبانىڭ يېنىغا كىرىشكە ئالدىراپ قېلۋاتقىنىمنى ئۇ ياتقان ئۆيگە پات-پات قاراپ قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلىدىم.

-ساۋاقدىشىڭىزنىڭ يېنىغا ئالدىرىدىڭىز ھە قىزىم، كىرىپ چىقىڭ، ئۇنىڭغا ئوبدانراق تەسەللىي بېرەرسىز، ئەمدى بولسىمۇ ئەقلىنى تاپسا بولاتتى ئۇ!

-ماقۇل چوڭ ئانا، ئەمىسە مەن كىرىپ چىقاي.

ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىردىم. گۈلزىبا مېنىڭ كىرگىنىمنى بىلگەن بولسا كېرەك بايىقىدەكلا تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى. ئاستا ئۆمىلەپ ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم ۋە ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان قولىنى تۇتتۇم.

-مېنى تۇتما! نەچچە كۈنلۈكۈم قالغان قېرى قىزمەن، ماڭا ئىچ ئاغرىتمىساڭمۇ بولىدۇ!

-ئۇنداق دېمە گۈلزىبا، ئۈمىدۋار بولغىن، سەن يەنە ياشايسەن...

-بولدى بەس! ئۇ قۇرۇق گېپىنى قوي، مەن ئارماننىڭ مېنى ئالداپ قويغىننى بىلگەن كۈندىن باشلاپ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغانمەن! يىگىرمە يىلدىن بېرى بىركۈنمۇ ھەقىقى ياشاپ باقمىدىم! ئاشۇ ھەسرەت-نادامەت، سېغىنىش، مۇھەببەت ھەم نەپرەت مېنى قىسماققا ئېلىپ، ئاخىر مۇشۇ كۈنگە ئەكەلدى، مېنىڭ ھاياتىم كۆپ قالمىدى، ئۇزۇنغا قالماي ئاراڭلاردىن كېتمەن. بۇيەرگە مېنى دەپ ئاتايىن كەپسەن، مېنىمۇ كۆردۈڭ، ھالىم مۇشۇ، ئەمدى كەت مۇنىرە! ساۋاقداشلارغا بۇ ئەپتىمنى ئېيت، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ماڭا نەسىھەت قىلىپ توغرا قىلغىننى، مېنىڭ ھامان بىركۈنى مۇشۇ كۈنگە قالىدىغىنمنى بىلىدىغىننى، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىن كۆرەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ، ماختىنىشۋالسۇن، مېنى مەسخىرە قىلىپ،كۆڭلۈللىرىنى خوش قىلۋېلىشسۇن، سەنمۇ شۇلار بىلەن بىللە تەنتەنە قىلۋال!

-ئۇنداق دېمە گۈلزىبا، تۈزۈك گەپ قىل! ساۋاقداشلار ئەزەلدىن سېنىڭ يامان گېپىڭنى قىلىپ باقمىدى ھەم قىلمايدۇ، بىز ھەمىمىمىز سېنى ياخشى كۆرىمىز!

-تۇفىي! مېنى ياخشى كۆرەرمىش! مېنى ياخشى كۆرۈشكەن بولساڭ، نېمىشقا شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئارمان بىلەن ئارلىششىمغا قارشى تۇرۇشقان ئىدىڭ؟! ھەرقايسىڭ شۇنداق دەۋەرگەنلىكتىن ئارمان مەندىن يىراقلاپ كەتتى، ئاخىر مېنى ئالداپ قويۇپ،باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىپ كەتتى، سەنلەرمۇ بەرىبىر ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىدىڭ، ئەسلىدە ھەممىڭنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭ بار ئىدى، سەنمۇ شۇنداق، ئارماننى ياخشى كۆرەتتىڭ، توغرىمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس،ئۇنداق ئەمەس گۈلزىبا! ئارماننى پەقەت سەنلا ياخشى كۆرەتتىڭ، بىز ئۇنىڭغا بەك، بەكلا ئۆچ ئىدۇق، چۈنكى بىز ئۇنىڭ سېنى ئالداۋاتقىنىنى، باشقا قىزلار بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگىنىنى، سېنىڭ پۇلۇڭنى باشقا قىزلارغا خەجلەپ بېرىۋاتقىننى بىلەتتۇق، شوڭا بىز سېنى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان، بىزنىڭ باشقا مەقسىدىمىز يوق ئىدى ئاداش!

-قۇرۇق گەپ! ھەممىسى قۇرۇق گەپ! مېنى ھەرقايسىڭ چەتكە قاقتىڭ، مېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىمغا سەنلەر سەۋەبچى!

-بىز ساڭا نېمە قىلدۇق گۈلزىبا؟! شۇنچە يىللاردىن بېرى ھىچكىم بىلەن ئالاقىلاشماپسەن، نەچچە يىل بۇرۇن ئاسىيە سېنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، كېيىن ساۋاقداشلار ئۈندىدار توپىغا تارتىپ قويسا شۇ يەردىمۇ تۇرماپسەن، تەكرار-تەكرار تارتىپ قويساق، سەنمۇ تەكرار-تەكرار چېكىنىپ ھارمىدىڭ، بىزدىن نېمىشقا شۇنچە رەنجىپ كەتتىڭ؟

-ساڭا چۈشەندۈرۈش مەجبۇريىتىم يوق، يوقال! كۆزۈمدىن يوقال!!!

-گۈلزىبا! ساراڭ بولدۇڭمۇ؟! «كۈچۈكۈم دېسە، بىرنېمىسىنى چىقىرىپتۇ» دەپ، ساراڭىلىقى چەككە يەتتىغۇ بۇ قىزنىڭ! يۈرۈڭ سىڭلىم، باغلارنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي، بۇنىڭ بىلەن كەچتە پاراڭلىشىڭ.

گۈلزىبا بېشىغا قويۇلغان ياستۇق ۋە ئەتراپىدىكى باشقا نەرسىلەرنى ماڭا قارىتىپ ئېتىشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ ئاچىسى يۈگۈرەپ كىردى ۋە مېنى سىرىتقا تارتتى.

-ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە سىڭلىم، گۈلزىبا نورمال ئەمەس، ئۈچ ئاي بۇرۇن ئۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن ئىدۇق، نەتىنجىدە ئۇنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۇق، توي قىلمىغان، بالا تۇغمىغان، بالا ئىمىتمىگەن بىر قىزمۇ سۈت بېزى راكى بولامدۇ دەپ ئىشەنمەي، 1-دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. ئۇيەردىمۇ سۈت بېزى راكىغا قوشۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى دېگەن دىئاگنۇزنى چىقىرىپ بەردى. بەزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئاتا-ئانام ئۇنى داۋالىتىمىز دەپ ئۆينى سېتىپ،مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى مۇشۇ كونا ئۆيگە چىقىۋالدى، لىكىن داۋالىتىشنىڭ ھىچقانداق ئۈنۈمى يوقكەن، شوڭا ۋاقتىنچە بولسىمۇ كېسەلنى تىزگىنلەپ، ئاغرىق سىزىمىنى يوقىتىدىغان دورا ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ يۈرىكى سۇ، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز پاراكەندە، يىگىنىمىز يىگەندەك، ئىچكىنىمىز ئىچكەندەك ئەمەس سىڭلىم...

گۈلئايىم ئاچام مىچچىدە يىغلىغىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-شۇ ئارمان دېگەن نىجىسنى بىر كۆرۈپ باقسام دەيمەن ، بۇ ھاياتتىغۇ ھىچكىم ھىچكىمنىڭ بەختسىزلىكىگە سەۋەپچى بولالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ، گۈلزىبانىڭ بۇ ھالىغا قاراپ، ئاشۇ ئارمان دېگەن زادى قانداق بىرنېمىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.

- راست گەپنى دېسەم ئۇ ئارماننى بىزمۇ ياقتۇرمايتۇق، بەكلا ھىلىگەر ھەم پوچى يىگىت ئىدى ئۇ، شوڭا بىز گۈلزىبانى ئۇنىڭ بىلەن ئارلىششتىن توسقان ئىدۇق، نەتىنجىدە گۈلزىبا بىزدىن رەنجىپ، بىزگە ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ياتاق كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن. ئوقۇشىمىزنىڭ كېيىنكى ئىككى يىلىدا ھەتتا بىز بىلەن تونۇشمايدىغان ھالەتكە يەتكەن.

-سىڭلمىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ پەقەت چىدىيالمىدىم، شۇ ئارمان دېگەننىڭ كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ ئىككى تەستەك سېلىۋالسام دەردىم چىقار بولغىيتىمىكىن...

-يىغلىماڭ گۈلئايىم ئاچا...

مەھەللە ئىچىگە كىرىپ، خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن، پۈتۈن كائىنات يېشىل مەخمەل ئۈستىگە سانسىز سېرىق چېكىتلەر نەقىشلەپ قويۇلغاندەك كۆرۈنىدىغان، تۇلىمۇ چوڭ ھەم ناھايىتى قويۇق ئۆرۈكلۈك باغقا كىردۇق. قارامتۇل يېشىل ياپراقلار ئارىسىدىكى ساپسېرىق ئۆرۈكلەر قۇياشنىڭ ئاندا-ساندا شۇڭغۇپ كىرگەن يىپتەك ئۇزۇنچاق نۇرلىرى ئاستىدا ھېقىقتەك جۇلالىق كۆرۈنەتتى.كەپسىز قىزدەك ھېلى ئۇيانغا غىپپىدە، ھېلى بۇيانغا غىپپىدە ئۆتۈپ تۇرغان مەيىن شامال ئۆرۈكنىڭ پۇرىقىنى دىماغقا ئۇرۇپ تۇراتتى. بايا مەن كەلگۈچە كۆرگەن ئاپتاپ بۇيەردە يوق، گويا كائىنات ئىككىگە بۆلۈنگەندەكلا، بۇ يەر تۇلىمۇ سالقىن ئىدى.

گۈلئايىم ئاچام بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، كىچىك بىر سېۋەتنى ئۆرۈككە لىققىدە توشقۇزۇپ ئۆيگە قايتتۇق.

ھويلىغا كىرگىنىمىزدە گۈلسەيدىخان ئانام مېنى گۈلزىبانىڭ يېنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلدى. بايىقى ئىشلار ۋە گۈلئايىم ئاچامنىڭ ئېيتقانلىرى ئېسىمدە بولغاچ سەل قورقۇمسىراپ ئۆيگە كىردىم.

-كېلە مۇنىرە، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇر.

ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، شالاڭشىپ كەتكەن چاچلىرىنى سىلىدىم.

-بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قال بولامدۇ؟

-ماقۇل ئاداش.

ئىچىمدە ئەتە ئەتىگەندە خىزمەتكە كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭ ياخشلىنىپ قالغان كەيپىياتىغا قاراپ ئۇنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ۋە «بىر ئامالى بولار» دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم.

-ھېلىقى يىلى، بىز ئىككىنجى قېتىملىق خور ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، مەن سىلەردىن رەنجىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن يىلى، خور مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى كەچتە سەن مېنى ئىزدەپ ياتاققا كىرىپ، كارۋىتىمدىكى ھېلىقى قان دېغىنى كۆردۈڭ شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق.

گۈلزىبا بۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپ ئاستا قىمىرلاپ تۇردى ۋە يېرىم ئۆرە بولۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى، شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇمغا ياماشقان بىر قورقۇنچتىن يۈرىكىم ئېغىزىمدىن چىقىپ،قېچىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...


داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章