024年10月24日 19:02
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ماگناتى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ پايتەخت ئەنقەرە شەھىرىنىڭ قەھرىمان قازان رايونىدىكى بىر زاۋۇتى شۇ يەر ۋاقتى 23-ئۆكتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھازىرغىچە، ھۇجۇمدا بەش كىشى قازا قىلدى، 22 كىشى يارىلاندى، ئاز دېگەندە ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 23-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، زاۋۇت ئۇچرىغان ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھۇجۇمى، دەپ بېكىتتى. ھازىر بىر ئەر، بىر ئايال بولۇپ ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، دېدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول ئىكەن، لېكىن ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تەپسىلىي سالاھىيىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئايرىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر يەنىلا ئىشلەنمەكتە ئىكەن.