56 مىللەت «چوڭ يىغىلىش» ئۆتكۈزۈپ بىرلىكتە تەبرىكلىدى

时事   2024-11-28 20:02   北京  

سۈرەتلەر: 56 مىللەت «چوڭ يىغىلىش» ئۆتكۈزۈپ بىرلىكتە تەبرىكلەپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئاچتى

11-ئاينىڭ 26-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللەتلەر چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى خەينەن سەنيادا ئۆتكۈزۈلدى، 56 مىللەتتىن بولغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار يىراقتىكى ساياھەت رايونىغا جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشتا ھەمتۈرتكە بولدى.

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى «مىللەتلەر چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش . دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بىللە بولۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ قارشى ئېلىش مۇراسىمى، باغ سەيلىسى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئېسىل نومۇرلار، مول، رەڭدار پائالىيەتلەر، قويۇق ئۆرپ-ئادەت، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھەر يەردىن كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق دوستلۇقى مۇجەسسەملەندى.

كېچىلىك نەق مەيداندا، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، ئارتىسلار ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كاتتا زىياپەت تەقدىم قىلدى. «جاشىنىڭ كۆك ئاسمان ئارزۇسى»، «قوڭغۇراقتا ياڭرىغان بەخت ناخشىسى»، «قىزىلكۇس» قاتارلىق خاسلىققا ئىگە تۈرلۈك مىللەتلەر ئۇسسۇللىرى كىشىلەرگە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئۈچ خىل تىل مۇلازىمىتى كۆپەيتىلىدۇ

شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى

12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ

ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى

بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار

بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك

بېكىتىلدى!

ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەر

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章