سەۋزە بىلەن ئاق تۇرۇپنى بىللە يىسە سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟

文摘   2024-11-06 11:00   新疆  

نان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان سېتىۋالىدىغان كۆكتات ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزە بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.

ھالبۇكى، توردا« ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى بىرلىكتە يېگىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆز كۆپەيدى، شۇڭا بۇ يەردە ئوزۇقلۇق دەرسخانىسىدىكى ئوزۇقلۇقشۇناسلار كۆپچىلىككە ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنى بىرلەشتۈرۈپ يىيىشكە بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىككى خىل تۇرۇپنى بىللە يېيەلمەسلىكتىكى سەۋەب شۇكى: توردا ئېيتىلىشىچە، سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ئاسكوربىك كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پارچىلىغۇچى ئېنزىم بار بولۇپ، ئۇ ئاق تۇرۇپتىكى ۋىتامىن "س" نى پارچىلايدىكەن.

لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئاسكوربىك كىسلاتادىن ئىبارەت بۇ خىل پارچىلىغۇچى ئېنزىم ھەقىقەتەن ۋىتامىن "س" غا بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، گەپ شۇ يەردىكى، بارلىق ئۆسۈملۈكلەردە ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ماددا بولىدۇ.

ئەگەر راستتىنلا شۇنداق دېيىشكە توغرا كەلسە، بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى بىللە يېگىلى بولمامدۇ؟

روشەنكى بۇنىڭ ئاساسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈملۈكلەردىكى ئاسكوربىك كىسلاتامۇ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇ ۋىتامىن C نى تولۇق پارچىلىۋېتەلمەيدۇ.

شۇڭا، سەۋزە بىلەن ئاق تۇرۇپنى بىللە ئىستىمال قىلسا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

1935-يىلى ئوزۇقلۇق ئىلمى ساھەسىدىكى تەيدو، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ جى ئەل ئىچى رىۋايەتلىرىدىكى 184 جۈپ شياڭكې يېمەكلىكىنى يىغىپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بانان، خاسىڭ، تەرخەمەك، قىسقۇچپاقا ۋە ئەبنۇس قاتارلىق 14 گۇرۇپپا يېمەكلىكنى تاللاپ، ھايۋانلار ۋە كىشىلەرگە سىناق قىلىپ يېگۈزدى.

نەتىجىدە، تاماقتىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە بارلىق تەجرىبىدىكى ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى ۋە قېتىم سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقى بايقالغان.

بەلكىم بەزىلەر، تۇرمۇشتا بەزىدە مەلۇم ئىككى خىل يېمەكلىكنى بىللە يېسە، سالامەتلىكىدە ھەقىقەتەن مەسىلە كۆرۈلىدۇ، دېيىشى مۇمكىن، بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈچ خىل سەۋەب:

ئالدى بىلەن، يېمەكلىك پاكىز ئەمەس. ئىلگىرى بەزىلەر سىياھ بېلىق بىلەن پىدىگەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا خولېرا كېلىپ چىقىدۇ، دېگەن، ئەمەلىيەتتە سىياھ بېلىق بۇلغىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر تولۇق پىشۇرمايلا ئىستىمال قىلغانلىقتىن مەسىلە كېلىپ چىققان.

ئىككىنچىدىن، مەلۇم خىل يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى. مەسىلەن، ئەبنۇسنى ئالساق، پىشمىغان ئەبنۇستا كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنى يېگەندە ئاسانلا ئاشقازان بىئارام بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق ۋە بانان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ


BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章