يىللىق دەم ئېلىشتا يىل ئاتلاپ ئارام ئالغىلى بولامدۇ؟
نوپۇزلۇق جاۋاب كەلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى. كۆپچىلىك يىللىق ئارامنى ئېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ يىللىق ئارامنى ئېلىپ بولالمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ خىزمەت ئورنى ئالماشتۇرغاندا، شۇ يىللىق ئارامنى ئالغىلى بولامدۇ؟ خىزمەت بەك ئالدىراش بولسا، بۇ يىللىق ئارامنى كېلەر يىلىدىكىگە قوشۇپ بىللە ئارام ئالغىلى بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە نوپۇزلۇق جاۋاب كەلدى.
يىللىق دەم ئېلىشنىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولسا، قانۇن بويىچە مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىي خىزمەت مۇددىتى بويىچە بەش كۈن (خىزمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان، 10 يىلغا توشمىغانلار)، 10 كۈن (خىزمەت قىلغىلى 10 يىل بولغان، 20 يىلغا توشمىغانلار)، 15 كۈن (خىزمەت قىلغان ۋاقتى 20 يىلغا توشقان) قاتارلىق ئوخشىمىغان مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
خىزمەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يېڭى خىزمەت ئورنىدا شۇ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولامدۇ؟
«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2-ماددىسىدا: ئورگان، كوللېكتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى كارخانا ئەمەس ئورۇنلار، ياللانما ئىشچىلار بار يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىسە، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ < ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى >غا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراشقا قارىتا جاۋاب خېتى» (گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ خېتى [2009] 5-نومۇر)دا دەم ئېلىش شەرتلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:
«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇش»تا چوقۇم ئوخشاش بىر ئورۇندا ئىشلىگەن بولۇشى كېرەك، دەپ چەكلىمە قويۇلمىغان، شۇڭا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشاش ئورۇندا ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يىللىق دەم ئېلىشنى يىل ئاتلاپ ئالسا بولامدۇ؟
«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:
ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئويلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
يىللىق دەم ئېلىشنى بىر يىل ئىچىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، يەنە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە يىل ھالقىپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن يىل ئاتلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا، بىر يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
ئورۇنلار ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىغان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەم ئېلىشقا تېگىشلىك، ئەمما يىللىق دەم ئالمىغان كۈن سانىغا قارىتا، ئورۇنلار شۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاش كىرىمىنىڭ 300 پىرسەنتى بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاشى ھەققى بېرىشى كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ دىققەت! بۇ خىل قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش
◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ
◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى
◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟