خەيرلىك كەچ: ئۇۋالچىلىق تارتىۋاتقىنى پەقەت سىزلا ئەمەس

时事   2024-11-04 23:30   北京  


所有人都在努力,并不是只有你满腹委屈

ھەممە ئادەم تىرىشىۋاتىدۇ، يەتكۈچە ئۇۋالچىلىق تارتىۋاتقىنى پەقەت سىزلا ئەمەس


ღ ღ ღ


朋友圈是个很神奇的地方。白天,这里充斥着光鲜亮丽的日常、精心修饰的自拍和美食打卡;只有到了夜晚,它才会褪去浮华,展现出成年人最真实的样子。


دوستلار چەمبىرىكى تولىمۇ سىرلىق جاي. كۈندۈزدە بۇ يەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، كۆڭۈل قويۇپ بېزەلگەن ئۆزتارتىم سۈرەتلەر ۋە مەززىلىك تائاملارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن تولىدۇ؛ كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭدىكى سۆلەتۋازلىقلار ئاخىرلىشىپ، چوڭلارنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتى نامايان بولىدۇ.

记得有次出差,我要一个人赶次日凌晨6点的飞机。前一夜,因为加班,我几乎彻夜未眠,却也因此见证了朋友圈最真实的一幕。


ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم كوماندىروپكىغا چىققاندا، ئۆزۈم يالغۇز كېيىنكى كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرۈشۈمگە توغرا كەلگەنىدى. ئالدىنقى كۈنى كېچىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكىم سەۋەبلىك، بىر كېچە دېگۈدەك كۆز يۇممىدىم. بىراق، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.

凌晨1点半,小李发出了一张堆满酒瓶的照片,配文:“这个月第5次喝到凌晨,真心想吐……”凌晨3点,小西发朋友圈:“来来回回磨了8遍,终于通过了。啥也不说了,交稿,睡觉!”凌晨4点半,大军发朋友圈:“这两个月来,见过了凌晨12345点的北京,项目还有3天正式上线,同志们坚持住啊!”


كېچە سائەت 1:30دا شياۋلى ھاراق بوتۇلكىلىرىغا تولغان سۈرەتتىن بىرنى يوللاپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى يازمىنى قوشۇپ قويۇپتۇ: «بۇ ئايدا 5-قېتىم تاڭ ئاتقۇچە ئىچىپتىمەن، بەكلا ياندۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ... » سەھەر سائەت 3تە شياۋشى دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاپتۇ: «ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم ئوڭشاپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆتتى. باشقا گەپ قىلماي، ئورىگىنالنى تاپشۇرۇۋېتىپ ئۇخلاي!» سەھەر سائەت 4:30دە داجۈن دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاپتۇ: «بۇ ئىككى ئايدىن بۇيان سەھەر سائەت 1، 2، 3، 4، 5لەردىكى بېيجىڭگە قاراپ باقتىم، بىز ئىشلىگەن تۈر ئۈچ كۈندىن كېيىن رەسمىي تورغا چىقىرىلىدۇ، يولداشلار، بەرداشلىق بېرىڭلار!»

看到这些,我心里五味杂陈,只能默默地给他们评论了一个拥抱的表情。我感觉生活没那么难了,好像,我并不是一个人在战斗啊。


بۇلارنى كۆرۈپ قەلبىم غەلىتە ھېسلارغا چۆمۈلدى، باشقا گەپ قىلماي، باھا سۆزى سۈپىتىدە ئۇلارغا قۇچاقلىغان ئىپادىدىن بىردىن يوللاپ قويدۇم، ياشاشنىڭ ئۇنچە جاپالىق ئەمەسلىكى، كۈرەش قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ يالغۇز ئۆزۈملا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. 

第二天,这几条朋友圈都不约而同地隐匿了。


ئەتىسى دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر نەچچە مەزمۇن دېيىشىۋالغاندەكلا كۆزدىن غايىب بولدى.

有句话说得好,成年人的世界没有容易二字,没有一种生活是轻松的,也没有一份工作会不委屈。所有人都在努力,并不是只有你满腹委屈。


مۇنۇ گەپ ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان: چوڭلارنىڭ دۇنياسىدا «ئاسان» دەيدىغان خەت بولمايدۇ، ھېچقانداق تۇرمۇش ئاسان ئەمەس، ئۇۋالچىلىق تارتمايدىغان ھېچقانداق خىزمەت يوق. ھەممە ئادەم تىرىشىۋاتىدۇ، يەتكۈچە ئۇۋالچىلىق تارتىۋاتقىنى پەقەت سىزلا ئەمەس.


ღ ღ ღ


同事小秋怀孕7个月,依然每天到岗上班,开会、出差风雨无阻。有次中午吃饭,我们问她:“小秋啊,你老公赚得又不少,你干嘛还天天这么拼?”


خىزمەتدىشىم شياۋچيۇنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا يەتتە ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا ئىشقا كېلىپ، يىغىنلارغا قاتنىشىپ، كوماندىروپكىلارغا چىقىپ يۈرىدۇ. بىر قېتىملىق چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا بىز ئۇنىڭدىن: «شياۋچيۇ، يولدىشىڭىز خېلى كۆپ پۇل تاپىدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ھەر كۈنى بۇنچە تىرىشىسىز؟» دەپ سورىدۇق.

小秋摇摇头,把手机递过来给我们看。屏幕上是小秋老公前天的一条朋友圈,定位在拉萨,配文:“自从来了这边,头痛、胸闷、失眠一个也没落下。连轴转了14天,还有不到两个月你就要出生了,儿子,老爸想要给你最好的未来。”


شياۋچيۇ بېشىنى چايقىغىنىچە يانفونىنى بىزگە كۆرسەتتى. ئېكراندا شياۋچيۇنىڭ يولدىشى ئالدىنقى كۈنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان مەزمۇن بار بولۇپ، لاسادىن يوللانغانىدى، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك يازما بار ئىدى: «بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن باش ئاغرىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، ئۇيقۇسىزلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئامان قالمىدىم، ئۇدا 14 كۈن ئايلىنىپتىمەن، يەنە ئىككى ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا سەن تۇغۇلىسەن، ئوغلۇم، داداڭنىڭ ساڭا ئەڭ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بەرگۈسى بار».

小秋认真地说:“他为了我们的家、我们的孩子这么拼命工作,我才更要好好努力,不能给他拖后腿啊。”


شياۋچيۇ ئەستايىدىللىق بىلەن: «ئۇ ئائىلىمىز ئۈچۈن، بالىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچەپ خىزمەت قىلىۋاتقاندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىشىم، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئارقىغا سۆرىمەسلىكىم كېرەك» دېدى.

婚姻,本就是夫妻双方共同编织的一张网,其中任何一个人懒惰懈怠,都会导致针脚松动。不要以为找到一个优秀的伴侣,自己就可以高枕无忧。任何一段稳定的关系,都不是一个人仰望另一个人,而是并驾齐驱、相互扶持,共同朝着一个方向努力。


توي دەل ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئورتاق توقۇغان توردۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قايسىبىرى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلسا، تىكىچنىڭ بوشاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر جورا تېپىۋالساملا ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ قويۇپ، غەمسىز ياشىسام بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ھەرقانداق بىر تۇراقلىق مۇناسىۋەتتە بىر ئادەم تۆۋەندە يەنە بىر ئادەمگە قاراپ تۇرماستىن، بەلكى تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولىدۇ، بىر يۆنىلىشكە قاراپ تەڭ تىرىشىدۇ. 

只有不断修炼自己,才能拥有幸福的婚姻、优秀的爱人。


توختىماي ئۆزىنى تاۋلىغاندىلا بەختلىك توي، مۇنەۋۋەر جورىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ღ ღ ღ


前几天为了筹备“520”的活动,在公司加班到很晚,忽然收到父亲给我发来的红包,备注:“女儿永远快乐,别太辛苦了!”那一刻,我鼻子一酸,眼泪差点流下来。


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «520»لىك پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، شىركەتتە خېلى كەچ بولغاندىمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دادام ئەۋەتكەن قىزىل بولاقنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇنىڭغا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىزاھات بېرىلگەنىدى: «قىزىم، مەڭگۈ خۇشال ياشاڭ، بەك جاپا تارتىپ قالماڭ!» ئاشۇ دەقىقىدە دىمىغىم ئېچىشىپ، يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.

想起好久没有问过父亲的近况,我顺手点开他的朋友圈,其中有一条凌晨2:42的朋友圈:“连续8个小时的手术,人终于给抢救回来了,下了手术台,差点没坐地上,年纪大了,身体真吃不消了。”


دادامنىڭ ئەھۋالىنى سورىمىغىنىمغا خېلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېسىمگە كېلىپ، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچتىم. بۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرى سەھەر سائەت 2:42دە يوللانغانىدى: «ئۇدا سەككىز سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش نەتىجىسىدە بىمار ئاخىرى قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جايىمدىلا ئولتۇرۇپ قالغىلى قىل قالدىم، قېرىپتىمەن، بەدىنىم كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ».

忽然想起去年放假回家,父亲半夜驱车两小时回家看我。我心疼地问他:“爸,你都退休了,何必还要折腾去这么远的医院上班?”父亲半认真半开玩笑地回答:“还不是为了多给你攒点嫁妆吗?”


تۇيۇقسىز ئۆتكەن يىلىدىكى دەم ئېلىشتا ئۆيگە قايتقاندا، دادامنىڭ يېرىم كېچىدە ئىككى سائەت ماشىنا ھەيدەپ، ئۆيگە قايتىپ مېنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى ئېسىمگە ئالدىم. مەن ئىچىم ئاغرىپ دادامدىن: «دادا، پېنسىيەگە چىقىپ بولغان تۇرۇقلۇق ئۆزىڭىزنى قىيناپ، بۇنچە يىراقتىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىشلىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دەپ سورىسام، دادام يېرىم ئەستايىدىل، يېرىم چاخچاق ئاھاڭىدا: «سىزگە كۆپرەك تويلۇق يىغىپ قويۇش ئۈچۈن بولمامدۇ؟» دېگەنىدى.

想到这里,我眼睛有点模糊。为人子女一场,不仅没有让父母过上更好的生活,还要让年过半百的他们为了我的下半生操持打拼,我有什么理由不努力向前奔跑?


ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆز ئالدىم خىرەلەشتى. پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتا-ئانامنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە 50 ياشتىن ھالقىغان ئۇلارنى كېيىنكى ئۆمرۈم ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدىم. ئاشۇنداق تۇرسا، تىرىشىپ ئالغا چاپماسلىققا نېمە سەۋەبىم بولسۇن؟

世间最怕的就是一个“等”字。我们只有加倍努力,才能赶上父母老去的速度。


دۇنيادا ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى دەل «ساقلاش» دېگەن گەپتۇر. پەقەت بىز ھەسسىلەپ تىرىشساق، ئاندىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ قېرىش سۈرئىتىگە يېتىشەلەيمىز.


ღ ღ ღ


最近在网上看到有人抱怨:“为什么看到别人都轻易成功了,而我却那么难呢?”其中有一条高赞回答说:“你凭什么会认为,别人的成功就很轻松呢?”


يېقىندا، توردا بىرەيلەننىڭ مۇنداق ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم: «باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ شۇنچە ئاسانلىقىنى كۆرۈمەنۇ، نېمىشقا مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم بۇنچە قىيىنغا توختايدۇ؟» بۇ سوئالغا بېرىلگەن جاۋابلار ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ قوللاشقا ئېرىشكىنى دەل: «نېمىگە ئاساسەن باشقىلارنى ناھايىتى ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دەپ ئويلايسىز؟» دېگەن جاۋاپ بولدى. 

没有谁会随随便便成功,所有的光鲜亮丽背后都有你想象不到的辛酸与汗水。


ھېچقانداق ئادەم خالىغانچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بارلىق نۇرلارنىڭ ئارقىسىغا سىز تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان دەرد-ئەلەم ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر يوشۇرۇنغان. 

路要自己一步步走,苦要自己一口口吃,除此之外没有捷径。与其总是羡慕别人能轻松成功、过得比你好,不如好好想想别人比你多付出了什么、自己究竟差在哪里。不要动不动就放弃,有些事情不是看到希望才会去坚持,而是坚持了才会看到希望。


يولنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىش، جاپانى ئاز-ئازدىن يېڭىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق قىسقا يول يوق. ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزدىن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى، ئۆزىڭىزدىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىغا ھەۋەس قىلىپ يۈرگەندىن، باشقىلارنىڭ نېمىلەر ئۈستىدە سىزدىن كۆپ بەدەل تۆلىگەنلىكى، ئۆزىڭىزنىڭ زادى قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى ئوبدانراق ئويلاپ باققىنىڭىز ياخشى. ھە دېسىلا ۋاز كەچمەڭ، بەزى ئىشلاردا ئۈمىدنى كۆرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بەرداشلىق بەرسەك، ئاندىن ئۈمىدنى كۆرەلەيمىز. 

很喜欢这样一句话:“不是所有的坚持都有结果,但总有一些坚持,能从一寸冰封的土地里培育出怒放的十万朵蔷薇。”


مۇنداق بىر ئېغىز سۆزنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن: «بەرداشلىق بېرىشلەرنىڭ ھەممىسىدىنلا نەتىجە چىقىشى ناتايىن. بىراق، ھامان بىر قىسىم بەرداشلىق بېرىشلەر مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتىن ھۈپپىدە ئېچىلغان سان-ساناقسىز ئازغانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ».

趁着年华未老,勇敢走出去,接受风霜雨雪的洗礼吧!


ياش ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن مېڭىڭ، جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ سىناقلىرىنى قوبۇل قىلىڭ!



         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەي، قاتتىق تىرىشىڭ

 بۇرۇنقى خاپىلىقلار مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن

 خەيرلىك كەچ: يېڭى يىلدا ئەركىن-ئازادە ياشاشنىڭ 12 كىچىك چارىسى

 خەيرلىك كەچ: ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش بىر خىل ساپا

 خەيرلىك كەچ: ئەقىللىق ئادەملەر قىسقا يولدىن ماڭمايدۇ

 خەيرلىك كەچ: 2021-يىلى مەن ئۆگىنىۋالغان 10 قائىدە

 خەيرلىك كەچ: كۆڭۈل قويۇش — ياشلاردىكى ئەڭ ياخشى ساپا

 خەيرلىك كەچ: دۇنيادىكى ئەڭ پايدىسى يوق ئۈچ ئىش

 خەيرلىك كەچ: دەردىڭىزنى باشقىلاردىن چىقارماڭ

 خەيرلىك كەچ: تىرىشچانلىقىڭىز شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章