2024-يىلى ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندىمۇ؟ ھۆكۈمەت تەرەپ رەدىيە بەردى: يالغان!
يېقىندا، قانۇنسىز ۋاسىتىچىلەر تىجارەت مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «2024-يىللىق ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى بەلگىلىمىسى»گە ئائىت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى ئازدۇردى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلمىدۇق، «ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەخسنىڭ ناچار ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش مۇددىتى ناچار قىلمىش ياكى ۋەقە ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بەش يىل بولىدۇ؛ 5 يىلدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى چىقىرىۋېتىلىدۇ.
توردىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇر ياكى سۆزلەرگە قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى كەڭ جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، زىياندىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ