ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ

时事   2024-11-18 21:01   北京  

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

11-ئاينىڭ 17-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 11ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەنيا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 ئوت يېقىش مۇراسىمىدىكى 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچى بىلەن باشلىنىش مۇراسىمىدىكى 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچىنى قوشقاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە جەمئىي 131 مەشئەل يەتكۈزكۈچى قاتنىشىدۇ. مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ سانى «56» بىلەن «75»تىن ئىبارەت ئىككى ساننىڭ قوشۇلۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، «56 مىللەت بىر يەرگە جەم بولسا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بولىدۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەيدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

مەشئەلنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە سەنياۋەن خەيخۇڭ مەيدانى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، سەنياۋەن، خەييۆ مەيدانى، سەنيا ساياھەت كېمىسى ساياھەت مەركىزى قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا بەنشەن يېرىم ئارىلى يەلكەنلىك كېمە پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان يەتكۈزۈش جەريانىدا قۇم ساھىلىدا يەتكۈزۈش، تاشيولدا يەتكۈزۈش، بوشلۇقتا يەتكۈزۈش، دېڭىزدا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ، سەيلە كېمىسى ئىقتىسادى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، تەنتەربىيە ساياھىتى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، خەينەننىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئەركىن سودا پورتى بولۇشتەك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى

بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章