ئىقتىسادىي ياردەم پۇل خىراجىتى خامچوتى چۈشۈرۈلدى

时事   2024-11-01 21:36   北京  

317 مىليون 380 مىڭ يۈەن، ئىككى تارماق 2024-يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان پۇل خىراجىتى خامچوتىنى چۈشۈردى

مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن بىرلىكتە «2024-يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان پۇل خىراجىتى خامچوتىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2024-يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم پۇل خىراجىتى خامچوتىنى چۈشۈردى، خامچوت ئومۇمىي سوممىسى 317 مىليون 380 مىڭ يۈەن بولدى.

 ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئەسلىدىكى مۇكاپات سانى ۋە بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مۇكاپات سانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە باشقا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سانىنى تەقسىملەش، باھالاش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇل خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ساختا تىزىپ قويۇش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章