جۇڭگو ۋەكىلى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە توقۇنۇشىنىڭ بېسىم سىنىقىدا «لاياقەتسىز» بولدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا يىغىنىدا، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەسى تۈپەيلىدىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە توقۇنۇشىنىڭ بېسىم سىنىقىدا «لاياقەتسىز» بولدى، دېدى.
فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا ئۆزى يالغۇز ئىنكار قىلغاچقا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت ھەر كۈنى يامانلىشىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ داۋاملىق كەينىگە سۆرىشى تېخىمۇ زور بۇزغۇنچىلىق ۋە پۇقرالارغا تالاپەت يېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى توختاپ قېلىپ قاراپ تۇرسا بولمايدۇ، چوقۇم مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى بالدۇرراق قوللىنىشى كېرەك.
فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەرھال شەرتسىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش توختىتىش ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ھەرقانداق مەسىلە بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ. ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇش گۇناھسىز پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشقا داۋاملىق يول قويغانلىق بولۇپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «يېشىل چىراق ياندۇرۇش»تىن دېرەك بېرىدۇ.
فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يەككە تەرەپ ھەرىكىتىنى چوقۇم توسۇش كېرەك. خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ئاساسىدا «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى.
فۇ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايون توقۇنۇشىنى چوقۇم توسۇش كېرەك. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى خەۋپ ئىچىدە قالدى، ئىسرائىلىيە قورال ئىشلىتىش ئىدىيەسىنى چوقۇم تاشلاپ، لىۋان، سۈرىيە، ئىران قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى توختىتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى كېرەك.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ ۋاپات بولغان ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن توردا مۇھەببەتلەشكەن ئەر
◇ تېكەستە بىر يولۋاس پەيدا بولدى؟
◇ ئائىلە زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بەش تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟