ئەگەر مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بولسا جۇڭگو تەرەپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ

文摘   2024-11-10 20:35   中国  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ چېگرا مەسىلىسى ھەققىدە ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزدى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر جۇڭگو ـ ھىندىستان چېگرا  مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىدى.

 بۇنىڭغا قارىتا، لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار يولى ئارقىلىق، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىغا  ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تەرەپ بىلەن يۇقىرىقى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بولسا، جۇڭگو تەرەپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


saybag
你好。欢迎
 最新文章