ھەربىي ئوفىتسېر تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

时事   2024-11-06 17:40   北京  

2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارمىيەنىڭ ھەربىي (قوراللىق ساقچى) ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا كەڭ دائىرىدە توپلاش ئۈچۈن، يېقىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارمىيەنىڭ ھەربىي (قوراللىق ساقچى) ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى.

ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار سىياسىتىگە ئاساسەن، بىۋاسىتە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇش ئالىي مەكتەپلىرى ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرىدىكى تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى بويىچە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرمۇ مۇۋاپىق مىقداردا «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇش ئالىي مەكتەپلىرى ۋە قۇرۇلۇش پەنلىرى بولمىغان، لېكىن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 800 دىن ئارتۇق ھەربىي (قوراللىق ساقچى) ئوفىتسېرلىق ئىش ئورنىغا ئاشكارا قوبۇل قىلىش پىلانلاندى. ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە «ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورى» ( http://81 rc.81.cn ياكى http:/ www.81 rs.mil.cn ) ئارقىلىق، كونكرېت قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى ۋە ئۆلچەملىك شەرتىنى سۈرۈشتۈرسە ھەمدە توردا تىزىملاتسا بولىدۇ. كېيىن ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە، بەدەن تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، تەكشۈرۈپ تاللاش، كەسپىي جەھەتتىن باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي تاللاپ ئۆستۈرۈپ، قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ



人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章