پايدىلىق! يەتتە تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق 11-ئاينىڭ 27-كۈنى «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، كېسەل كۆرگەن دوختۇرلارنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆلچەم قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىمارنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.
يېتەكچى پىكىرگە ئاساسەن، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ھەرقايسى زىچ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىلىرى (شەھەر داۋالاش گۇرۇھى ۋە ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا بارلىق تۈرلەرنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر رايونلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرى 200 دىن ئاشۇرۇلىدۇ.
2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى ئۆلكە رايونلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا ئېتىراپ قىلىنىدىغان تۈر 300 دىن ئاشىدۇ؛ بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، چاڭجياڭ دەريا دېلتىسى، چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلار ئىچىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان تۈر سانى 200 دىن ئاشىدۇ.
2030-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىشنى بىر خىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، نەتىجىلەرنى ھەمبەھرىلەش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىلىرىدىن رايون ھالقىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھالقىپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈچ خىل تىل مۇلازىمىتى كۆپەيتىلىدۇ
شىنجاڭدا يەنە بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيدى
12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ
ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ يېڭى بانكا باشلىقى
بۇ خىل جىنايەتلەر قاتتىق جازالىنىدۇ
ئۇكرائىنادا قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار
بىرى بايقالسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى
شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!
نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا