ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە تۆۋەن كىرىملىك 2 مىليون 450 مىڭ ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى
مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزنىڭ مەخسۇس مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىغا ماس قەدەمدە تۈرتكە بولغان، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جەمئىي 2 مىليون 450 مىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.2 ئاشقان، 31 مىليارد يۈەن ئەمگەك ھەققى تارقاتقان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.7 ئاشقان.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنىڭ كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققىنى تارقىتىش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «ياردەم بېرىش»نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى
ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ
ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ