دىققەت! دەرھال كىملىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ

时事   2024-11-28 17:02   北京  

ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ مۇددىتى توشۇۋاتىدۇ

قانداق قىلغاندا يۇقىرى پەللىدىن ھالقىپ كىملىك ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 يىل بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، كىملىك ئالماشتۇرۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قانداق قىلغاندا يۇقىرى پەللىدىن ھالقىپ كىملىك ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بۇ ئىشلارنى كۆرۈڭ.

كىملىكنى قاچان ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

ئاھالىلەر كىملىكنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ ئالسا بولىدۇ، قىسمەن ئۆلكىلەر ئالماشتۇرۇش مۇددىتىنى تەڭشەپ كەڭ قويۇۋەتكەن بولۇپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

كىملىك بېجىرىش ۋاقتى كۆپىنچە 10دىن 25گىچە خىزمەت كۈنى بولغاچقا، كىملىك ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاھالىلەر ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىملىكنىڭ ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇنقى بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ ئالسا بولىدۇ.

كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك؟

ئاھالىلەر كىملىكى كەسپىدە «مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، نوپۇسلۇق جايدا ئولتۇراقلاشمىغان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئەسلىدىكى ئاھالىلەر كىملىكىنى ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزنىكىنى تاللاپ ئالماشتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

كىملىككە سۈرەتكە چۈشۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كىملىكنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىشتا قايتىدىن سۈرەتكە چۈشۈش كېرەك، كىملىك سۈرىتى رەڭلىك، ئالدى تەرەپتىن تارتىلغان، يالاڭباش سۈرەت بولۇشى كېرەك.

خىزمەت فورمىسى كىيمەسلىك، ياقىسى ئېگىز، بويۇن كۆرۈنمەيدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم، قېنىق رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بولىدۇ (لېكىن ئاق رەڭ قاتارلىق رەڭكى سۇسراق كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ)؛

دائىم كۆزەينەك تاقىۋالىدىغان ئاھالىلەر كۆزەينەك تاقىۋېلىشى كېرەك؛

قېنىق گىرىم قىلىشقا، چاچ بوياشقا بولمايدۇ؛

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشتىن باشقا، ئەرلەر قويۇق ساقال قويماسلىقى كېرەك؛

قالپاق كىيمەسلىك، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىق لازىم؛

سۈرەتكە چۈشكەندە ئەڭ ياخشىسى ئىككى قۇلىقىنى، ئىككى قېشىنى چىقىرىش كېرەك.


       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل


◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

◇ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى

◇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش

◇ ئاچارچىلىقنى قورال قىلىشقا بولمايدۇ

◇ دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

◇ بوش قالغان يەرلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىۋېلىشقا ئىلھام بېرىلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章